ۋان گونىڭ ئۆلۈۋېلىشى

ۋان گو
ۋان گو (Vicent van gogh) (1853-1890) گوللاندىيەنىڭ بۈيۈك پوستئىمپرېسسىئونىزمچى رەسسامى، غەرب زامانىۋى رەسساملىق سەنئىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، ئۇنىڭ نامى ھازىرقى كىشىلەر تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋان گو (Vicent van gogh) (1853-1890) گوللاندىيەنىڭ بۈيۈك پوستئىمپرېسسىئونىزمچى رەسسامى، غەرب زامانىۋى رەسساملىق سەنئىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، ئۇنىڭ نامى ھازىرقى كىشىلەر تەرىپىدىن ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن داڭلىق رەسىملەرنى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش پائالىيىتىدە  سېتىلىش باھاسى 10 مىليوندىن ئاشقان رەسىم 10 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت پارچىسى ۋەن گونىڭ ئەسىرى ئىكەن. ئەمما، بۇ ئۇستا رەسسام ھايات چېغىدا كىشىلەرگە تونۇلمىغان، نامراتلىقتىن مىسكىنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى تۆت كۈنىنى قەھۋە ئىچىپ ئۆتكۈزگەن، نەتىجىدە تېنى ئاجىزلىشىپ، چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى ۋەن گو نامراتلىقتىن رەسىم مودېلى تەكلىپ قىلالمىغاچقا، ئەينەك سېتىۋېلىپ ئۆزىنى سىزغان. شۇڭا، ئۇنىڭ رەسىملىرى ئىچىدە ئۆزىنى سىزغان رەسىملەر كۆپ، بۇ ئىش سەنئەت ساھەسىدە كەم ئۇچرايدۇ، تېخىمۇ ئەپسۇزلىنارلىقى شۇكى، ۋەن گو ھايات چېغىدا شۇنچە كۆپ ياخشى رەسىملەرنى سىزغان بولسىمۇ، ‹‹قىزىل ئۈزۈمزارلىق›› دېگەن بىر پارچە رەسىمى سېتىلغان، باشقا رەسىملىرىنى ھېچكىم تىلغا ئالمىغان. بۇ تالانتلىق رەسسام 1890-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى پارىژنىڭ شىمالىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك بازار ئوۋېفتا بىر پاي ئوق بىلەن 37 ياشلىق ياش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. كىشىلەر ۋان گونىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى ۋە ئۆلۈۋېلىش مەقسىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋان گونىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

ۋان گو توغۇرسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغۇرلۇق توختالغاندا، ‹‹روھىي كېسەل بىلەن ئۆلگەن›› دېيىلگەن. ئەمما، بۇ قاراش ھەرگىزمۇ تىل تەگكۈزگىدەك يېرى يوق نۇقسانسىز قاراش ئەمەس. گېرمانىيەنىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ژۇرنىلى ‹‹يورۇق ئەينەك›› تە باشقىچە قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ۋان گو ئۆلۈۋېلىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆزى سىزىپ چىققان رەسىم ‹‹ۋان گو›› دا كۆز نۇرى قېتىم قالغان ۋەھىمىلىك ساراڭنىڭ ئوبرازىنى ئۇستىلىق بىلەن ياراتقان. بۇ رەسىمدە ئاساسىي ئىدىيە قاتلاملىرى ئېنىق ھالدا ئىپادىلەنگەن، بىر ساراڭنىڭ قولىدىن بۇنداق ئېسىل رەسىم چىقىشى مۇمكىن ئەمەس دېيىلگەن. ماقالىدە يەنە ۋان گو ئۆلۈۋېلىشتىن يېرىم يىل ئىلگىرى ئەس-ھوشى جايىدا بولۇپ، ساراڭلىق قىلمىغان دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنە بەزىلەر ۋان گو 11 يېشىدا ياتاقلىق مەكتەپكە ئوقۇشقا ئاپىرىپ بېرىلگەن، ئېھتىمال ئاشۇ چاغدا ئۆزىنى تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ۋان گونىڭ تەرجىمىھالى، ئۆزىنى ئۆزى سىزىپ چىققان رەسىمى قاتارلىق ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئۇ، جىمغۇر، جىلىخور بولۇپ، بۇ خىل ئادەم باشقا ئادەملەرگە بىلەن ئاسان چىقىشالمايدۇ. ۋان گو ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم مۇھەببەتلەشكەن بولسىمۇ، ھېچقايسى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىغان. يالغۇزچىلىققا چىدىمىغان بۇ تالانتلىق رەسسام ئاخىرى تۇيۇق يولغا ماڭغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر ۋەن گونىڭ ئۆلۈۋېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىلدىن ئىبارەت دەپ قارىغان. چۈنكى، ۋان گو ئاخىرقى 10 يىلدا ئىنىسى زېئونىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ياشىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئەسىىرىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىگە ئېلىنماسلىقىمۇ بىر رەسسامغا نىسبەتەن ئەڭ ئازابلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. رەھىمسىز رېئاللىق ئادەتتىن تاشقىرى ھېسسىياتچان ۋە سەزگۈر ۋەن گونىڭ كۆڭلىدە زىددىيەت توقۇنۇشى، خاپىلىق ۋە بېسىم پەيدا قىلغان.[0]

  ۋان گو نېمە ئۈچۈن تۇيۇق يولغا ماڭغان؟'

  ۋان گو توغۇرسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغۇرلۇق توختالغاندا، ‹‹روھىي كېسەل بىلەن ئۆلگەن›› دېيىلگەن. ئەمما، بۇ قاراش ھەرگىزمۇ تىل تەگكۈزگىدەك يېرى يوق نۇقسانسىز قاراش ئەمەس. گېرمانىيەنىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ژۇرنىلى ‹‹يورۇق ئەينەك›› تە باشقىچە قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ۋان گو ئۆلۈۋېلىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆزى سىزىپ چىققان رەسىم ‹‹ۋان گو›› دا كۆز نۇرى قېتىم قالغان ۋەھىمىلىك ساراڭنىڭ ئوبرازىنى ئۇستىلىق بىلەن ياراتقان. بۇ رەسىمدە ئاساسىي ئىدىيە قاتلاملىرى ئېنىق ھالدا ئىپادىلەنگەن، بىر ساراڭنىڭ قولىدىن بۇنداق ئېسىل رەسىم چىقىشى مۇمكىن ئەمەس دېيىلگەن. ماقالىدە يەنە ۋان گو ئۆلۈۋېلىشتىن يېرىم يىل ئىلگىرى ئەس-ھوشى جايىدا بولۇپ، ساراڭلىق قىلمىغان دەپ كۆرسىتىلگەن. يەنە بەزىلەر ۋان گو 11 يېشىدا ياتاقلىق مەكتەپكە ئوقۇشقا ئاپىرىپ بېرىلگەن، ئېھتىمال ئاشۇ چاغدا ئۆزىنى تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ۋان گونىڭ تەرجىمىھالى، ئۆزىنى ئۆزى سىزىپ چىققان رەسىمى قاتارلىق ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئۇ، جىمغۇر، جىلىخور بولۇپ، بۇ خىل ئادەم باشقا ئادەملەرگە بىلەن ئاسان چىقىشالمايدۇ. ۋان گو ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم مۇھەببەتلەشكەن بولسىمۇ، ھېچقايسى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىغان. يالغۇزچىلىققا چىدىمىغان بۇ تالانتلىق رەسسام ئاخىرى تۇيۇق يولغا ماڭغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر ۋەن گونىڭ ئۆلۈۋېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىلدىن ئىبارەت دەپ قارىغان. چۈنكى، ۋان گو ئاخىرقى 10 يىلدا ئىنىسى زېئونىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ياشىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئەسىىرىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىگە ئېلىنماسلىقىمۇ بىر رەسسامغا نىسبەتەن ئەڭ ئازابلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. رەھىمسىز رېئاللىق ئادەتتىن تاشقىرى ھېسسىياتچان ۋە سەزگۈر ۋەن گونىڭ كۆڭلىدە زىددىيەت توقۇنۇشى، خاپىلىق ۋە بېسىم پەيدا قىلغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#