يەن فۇ

يەن فۇ (1854-1921-يىللار) فۇجيەننىڭ خۇگۇەن (ھازىرقى فۇجۇ) دېگەن يېرىدىن. 14 يېشىدا ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن فۇجۇ كېمىسازلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەربىي پاراخوتتا بەش يىل پراكتىكا قىلغان، 1876-يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يەن فۇ
باشقا نامى 严宗光,严又陵、严几道
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1854-يىلى
كەسپى تەرجىمان ۋە مەرىپەتچى
خەنزۇچە ئىسمى 严复
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى فۇجيەننىڭ خۇگۇەن (ھازىرقى فۇجۇ)
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1921-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەن فۇمىلادىيە 1877-يىلى ئەنگلىيىنىڭ بىر يەرلىك كۇتۇپخانىسىغا دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى دائىم كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچى غەرب مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئادام سىمىت، دارۋىن ۋە ھېكسىل قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەشنالىق بىلەن ئوقۇيتتى. بۇ تىرىشچان ئوقۇغۇچى كېيىن جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدا تۇنجى بولۇپ غەرب مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرغان داڭلىق مۇتەپەككۇر يەن فۇ ئىدى. 

يەن فۇ (1854 −1921-يىللار) فۇجيەننىڭ خۇگۇەن(ھازىرقى فۇجۇ) دېگەن يېرىدىن. 14 يېشىدا ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن فۇجۇ كېمىسازلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەربىي پاراخوتتا بەش يىل پراكتىكا قىلغان، 1876-يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئۇ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭگونى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا چوقۇم غەربتىن ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئوقۇشى پۈتۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تيەنجىن شىمالىي دېڭىز ئارمىيىسى مەكتىپىدە ئىلمىي مۇدىر بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي باش تەپتىشلىككە ئۆستۈرۈلۈپ، شۇ يەردە توپتوغرا 20 يىل خىزمەت قىلغان.

يەن فۇ 1895 -يىلى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، يەن فۇ «دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا»، «ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىش، مۇتەئەسسىپلىك قىلىشقا قارشى چىققان ھەمدە: «بۈگۈنكى جۇڭگودا قانۇن ئۆزگەرتىلمىسە، ۋەتەن چوقۇم ھالاك بولىدۇ» دەپ خىتاب قىلغان. يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەتتە داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ غەرب ئىلمىدىن پىششىق خەۋەردار بولۇشتەك پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىشنى تەشۋىق قىلىش ۋە يېڭىلىقنى تەشەببۇس قىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان. ئۇ «تەبىئەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى نەزەرىيەسى» دېگەن ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ، «شەيئىلەر تەبىئىي تاللىنىدۇ، ماسلىشالىغانلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ» دېگەن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى نۇقتىئىنەزىرى ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلۇپ، مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرىپ، يېقىنقى زامان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىغان. «شەيئىلەر تەبىئىي تاللىنىدۇ، ماسلىشالىغانلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ» دېگەن نۇقتىئىنەزەر ئەينى چاغدا جەمئىيەتكە كەڭ تارقالغان ھەمدە يېڭىلىققا كۆچۈش ۋە قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ قالغان.

 1898-يىلى ۋۇشۈ يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەن فۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇجۇقۇپ كەتمەي، داۋاملىق قەلەم تەۋرىتىپ، جۇڭگولۇقلارغا غەرب ئىلمىنى تونۇشتۇرغان، «ئەسلىدىكى بايلىق»، «قانۇن شەرھى»، «ئىجتىمائىي ئىلىم ھەققىدە»، «لوگىكا ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە»، «موللېر لوگىكىسى» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. پۈتۈن زېھنىي كۈچىنى غەربنىڭ كاپىتالىزم مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا سەرپ قىلغان يەن فۇ جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى بولۇشقا، شۇنداقلا يېقىنقى زاماندا غەربكە ھەقىقەت ئىزدەپ بارغانلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇشقا مۇناسىپ. 

شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، يەن فۇنىڭ ئىدىيەسى بارغانسېرى مۇتەئەسسىپلىشىپ كەتكەن. 1915-يىلى تەييارلىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا «4-ماي» ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان. 1921-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن يۇرتىدا ۋاپات بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#