قوي گۆشى

قوي گۆشى

ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ھايۋان قوينىڭ گۆشى بولۇپ، «قوي گۆشى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

دورا نامى قوي گۆشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 羊肉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ھايۋان قوينىڭ گۆشى بولۇپ، «قوي گۆشى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

قوي گۆشىنىڭ تەركىبى قوينىڭ تۈرى، يېشى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى، بەدەن شەكلى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە ئۇرۇق گۆشنىڭ تەركىبىدە %68 سۇ، %17.3 ئاقسىل، %13.6 ماي ۋە ئاز مىقداردا كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بولىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

سەمرىتىش، باھنى، يۈرەكنى، ئومۇمىي بەدەننى ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قان كۆپەيتىش.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر] باھ ئاجىزلىق، مەنىي ئازىيىش، يۈرەك ئاجىزلىق، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئاجىزلىق، بەدەن ئاجىزلىق، سوغۇقتىن كېلىپ چىققان قۇسۇش، قېرىلاردىكى ھەزىم ئاجىزلىق، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. قوي گۆشىدىن 500 گىرامنى، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ گۆشىنى يەپ، شورپىسىنى ئىچسە، باھ ئاجىزلىق، بەدەن ئاجىزلىق ۋە ماغدۇرسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى قوي گۆشىنى زىخقا تارتىپ، ئۈستىگە پىل - پىل، قارمۇچ، ئاقمۇچ تالقانلىرىنى سېپىپ كاۋاپ قىلىپ يېسە، بەدەن ئاجىزلىق، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. كەپتەر گۆشى، قىرغاۋۇل گۆشى، كەكلىك گۆشى، قوي گۆشى قاتارلىقلاردىن 100 گىرامدىن ئېلىپ، قائىدە بۇيىچە مائۇل لەھمى تەييارلاپ ئىچسە، مەنىي كۆپەيتىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردا.

قاندىكى ماي ماددىسىنى ئۆرلىتىدۇ.

ھەسەل سۈيى.

ئۆچكە  گۆشى.

دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#