فولكلور

فولكلور

«فولكلور» مۇستەقىل بىر ئىلىم، بۇ ئاتالغۇ دەسلەپتە ئەنگىلىيىدە پەيدا بولغان، فولك(folk ) ۋە لورىي (lore)دېگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «خەلق بىلىمى» ياكى «خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى» دېگەندىن ئىبارەت. دەۋرلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ سۆز كەڭ ۋە تار مەنىدە قوللىنىپ كەلدى.

ئۇيغۇرچە نامى فولكلور
ئىنگىلىزچە نامى folklore
خەنزۇچە نامى 民间创作
تۈرى ئەدەبىيات

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«فولكلور» مۇستەقىل بىر ئىلىم ، بۇ ئاتالغۇ دەسلەپتە ئەنگىلىيىدە پەيدا بولغان ، فولك(folk ) ۋە لورىي (lore)دېگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «خەلق بىلىمى» ياكى «خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى» دېگەندىن ئىبارەت . دەۋرلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ سۆز كەڭ ۋە تار مەنىدە قوللىنىپ كەلدى .

كەڭ مەنىدىكى فولكلور

كەڭ مەنىدىكى فولكلور  بىر ئۇنۋېرسال پەن ، شەھەر -قىشلاقلاردىكى ئاۋام خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭتەتقىقات ئوبيېكتىدۇر . بۇ پەن يالغۇز مەدىنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئاۋام تۇرمۇشىنىلا ئەمس ، بەلكى ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن تارتىپ ، ئىپتىدائىي ھالەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغىچە تەتقىق قىلىدۇ . 

تار مەنىدىكى فولكلور

تار مەنىدىكى فولكلور  ئۇقۇمىدا فولكلور پەقەت قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېتىقاد ، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ . فولكلور پەقەت خەلق ئارىسىدىكى ھەر خىل مىللىي مۇراسىملارنى تەتقىق قىلىدۇ ؛ فولكلور پەقەت مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ ؛ فولكلور پەقەت خەلق ئارىسىدىكى ئاغزاكى ئەدەبىياتنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبېكتى قىلىدۇ ، دېگەن قاراشتىن ئىبارەت ئوخشىمىغان تۆت خىل مەنە قارىشى بار .

 فولكلور پۈتكۈل خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن . ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ۋە ماددىي تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىدۇ، يالغۇز مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن ، ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ .

ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ، فولكلورنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ، ئۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى ، ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىق ، پىسخىك ھالەت ، ئاغزاكى نۇتۇق ، ھەتتاكى ھەركەتكىچە ...ئۇزاق دەۋرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلىدۇ  .

 شەھەر فولكلورى ____ فولكلور مەلۇم بىر مۇستەقىل ئىلمى ئاتالغۇ بولۇپ شەكىللەنگەندىن بۇيان، كەڭ ئىلىم ئەھىللىرى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، مەتبۇئات ۋە ھەرخىل ئىلمىي سورۇنلاردا كەڭ قوللىنىپ، مەلۇم ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى فولكلوردىن ئىبارەت مۇشۇ پەن مەلۇم دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ تارماق پېنى- شەھەر فولكلورى پەيدا بولغان.

شەھەر فولكلورى (Urban Folklore) دېگەن بۇ پەن 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئامېرىكا، ئەنگىلىيەلەردە  پەيدا بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىلىم ئەھىللىرى تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىنىپ، فولكىلور ئىلمىنىڭ بىر تارماق سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقتى. ئۇنداقتا شەھەر فولكلورى دىگەن نېمە؟ بىز دەۋاتقان شەھەر فولكلورى شەھەردە ياشاۋاتقان خەلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى؛ ئېتىقات ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئەخلاقىي چۈشەنچىلەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ ھەرخىل مىللەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەبىدىن يېڭىدىن پەيدا بولۇپ ئادەتكە ئايلىنىڭ قىلىۋاتقان ھەركەت قىلىقلارنى؛ يەنى شەھەر كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ كىچىك دېتاللاردىن تارتىپ ئۇلانىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ئىشلار ھەم دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىۋاتقان ئىش-ھەرىكەت، ئادەت-قىلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز دەۋاتقان شەھەر فولكلورىنىڭ تەتقىقات ئوبىيېكتىدۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#