مانا بۇ تۇپراق

«مانا بۇ تۇپراق» ئاشۇتوش گوۋارىكىر رېژىسسورلىق قىلغان، شاھرۇھخان(شارۇلخان) رول ئالغان ۋەقەلىك فىلىم  بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ھىندىستانلىق ئىنژىنىر موخاننىڭ ھىندىستانغا قايتقاندىكى تۈرلۈك سەرگۈزەشتىلىرى ھېكايە قىلىنغان .

ئۇيغۇرچە نامى مانا بۇ تۇپراق
باش رولچى شاھرۇھخان(شارۇلخان)
باشقا نامى Swades
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2004-يىلى
ئىشلەنگەن ئورۇن ھىندىستان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吾土吾民
تۈرى ۋەقەلىك
ئۇزۇنلىقى 195مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى
دىئالوگ تىلى ھىندىچە\ئىنگىلىزچە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

موخان(شاھرۇھخان رولدا)ناسادا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنژىنىر ، ئۇ مەسئۇل بولغان تۈر « يەر شارى يېغىن مىقدارى ئۆلچەش سىستېمىسى » قىسقارتىلىپ gpm دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ تۈر مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاياغلىشىش ئالدىدا ، يەنى موخاننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرھىز كۈنى ، موخان ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىنىڭ ئانىسى كاۋىرى ئاممانى ئېسىگە ئالىدۇ .

موخان ئامېرىكىغا كەلگەندىن بېرى ئۆزىنى بىرقوللىق چوڭ قىلغان ئىنىڭ ئانىسى كاۋىرى ئامما بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ . ئىنىك ئانىسىغا بولغان  سېغىنىش  ھەمدە خىجىل بولۇش ھېسسىياتىنى ئۇنى ھىندىستانغا قايتىش سەپىرىگە باشلايدۇ . لېكىن ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە تۇرىۋاتقان ئىنىك ئانىسى باشقىلار تەرىپىدىن چارانپۇر (ئاياغ ئىزى )دېگەن كەنىتكە ئېلىپ كېتىلگەنىدى . موخان چارانپۇرغا قاراپ قەدەم ئالىدۇ .

دېھلىدا تۇرىۋاتقان مەزگىلدە ، موخان ساھىبجامال گىتا(گاياتىرى جوشى رولدا)غا ئۇچرىدى . گىتا موخانغا چارانپۇرغا بارىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بەردى . موخان ئاخىرى چارانپۇردا كاۋىرى ئامما بىلەن  ئۇچراشقاندىلا گىتانىڭ دەل كاۋىرىنى چارانپۇرغا ئېلىپ كەتكەن كىشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتى . موخان كاۋىرى ئاممانى ئامېرىكىغا ئېلىپ كەتمەكچى  بولدى ، لېكىن كاۋىرى ئامما گىتانى ئۆيلىك - ئوچاقلىق قىلغاندىن كېيىن كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇنىڭ بىلەن موخان ئامالسىز ھالدا بۇ خەلقئارا تېلېفون يوق ، تورمۇ ياخشى بولمىغان ، بانكىمۇ يوق ، دائىم توك توختايدىغان يېزىدا تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى .

موخان كەنىتنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن ، كەنت ئىچىدە نۇرغۇن ئىقتىلاپلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلدى . كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمىشى ناھايىتى قالاق ، ئېنېرگىيە كەمچىل، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا سىنپىي كەمسىتىش ، مەنسەپ پەرقى ناھايىتى چوڭ ،ئاۋام سىنىپ كىشىلىرنىڭ تۇرمىشى تولىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى ، بالىلىرىنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقوقىنىڭ بولماسلىقى موخانغا بەكلا تەسىر قىلدى . 

موخان گىتاغا ياردەم بېرىش قارارىغا كېلىپ ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى . 

موخاننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كەنىتتىكى مەكتەپ ساقلىنىپ قالدى ، كەنىتنىڭ ئۆزىدىلا كىچىك تىپتىكى توك چىقىرىش زاۋۇتى پەيدا بولدى . موخان ئۆزىنىڭ بىلىمى ھەم تىرىشچانلىقى  ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمىشىنى ياخشىلىدى، گىتانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتى . لېكىن موخان ئامېرىكىغا قايتىپ داۋاملىق ھالدا تەتقىقات تۈرىنى تەتقىق قىلىشى  كېرەك ئىدى ، ئۇ زادى قانداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ ؟

موخان

شاھرۇھخان(شارۇلخان)

گىتا گاياتىرى جوشى

-- Raja Awasthi
-- Vishwa S. Badola
كاۋىرى ئامماKishori Balal
-- Rajesh Balwani
Fakir Makrand Deshpande
-- Vishnudatt Gaur

موخان

شاھرۇھخان(شارۇلخان)رولدا 

موخان ناسادا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنژىنىر ، ئىنىك ئانىسىغا بولغان  سېغىنىش  ھەمدە خىجىل بولۇش ھېسسىياتىنى ئۇنى ھىندىستانغا قايتىش سەپىرىگە باشلايدۇ .

موخان گىتاغا ياردەم بېرىش قارارىغا كېلىپ ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ. 

موخاننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كەنىتتىكى مەكتەپ ساقلىنىپ قالىدۇ ، كەنىتنىڭ ئۆزىدىلا كىچىك تىپتىكى توك چىقىرىش زاۋۇتى پەيدا بولىدۇ،  موخان گىتانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ .

گىتا

گاياتىرى جوشى رولدا

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان يېڭى ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان ئايال. ئۇ گۈزەل ھەم بىلىملىك، موخاننى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#