پاي شىركىتى

پاي شىركىتى

پاي شىركىتى پاي چېكى تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق، تارقاق پۇل كاپىتالىنى توپلاپ قۇرۇلىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان كارخانا. ئۇ ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. 

ئۇيغۇرچە نامى پاي شىركىتى
چەتئەلچە نامى Stock corporation
خەنزۇچە نامى 股份公司

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاي شىركىتىپاي شىركىتى پاي چېكى تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق، تارقاق پۇل كاپىتالىنى توپلاپ قۇرۇلىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان كارخانا. ئۇ ئىجتىمائىيلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ بارلىققا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. چۈنكى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە، بىرەر چوڭ كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق غايەت زور كاپىتالنى يالغۇز ياكى شېرىك كاپىتالىستنىڭ چىقىرالىشى ناھايىتى قىيىن. پاي چېكى شىركىتى شەكلى ئارقىلىق بولسا، جەمئىيەتتىكى تارقاق پۇل كاپىتالىنى ناھايىتى تېزلا توپلاپ، زور سوممىلىق كاپىتالنى شەكىللەندۈرگىلى، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 

پاي شىركىتىدە پاي چېكىگە ئىگە بولغان ھەمدە پاي ئۆسۈمى ئالغۇچىلار پايچىكلار دەپ ئاتىلىدۇ. پاي شىركىتى ئادەتتە چەكسىز شىركەت ۋە چەكلىك شىركەت دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىپ، پايچىكلار شىركەتنىڭ قەرز ئىشلىرىغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا چەكسىز مەسئۇلىيەت ۋە چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالدىنقىسى، پايچىكلارنىڭ كارخانىنىڭ قەرزلىرىگە قارىتا چەكسىز تۆلەش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى، سېتىۋېلىنغان پاي چېكى سوممىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى، پايچىكنىڭ شىركەتنىڭ قەرزلىرىگە قارىتا ئۆتەيدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ پەقەتلا ئۆزى سېتىۋالغان شىركەت پاي چېكى سوممىسى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى، باشقا شەخسىي مۈلكىگە چېتىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاكسىيە بازارلىرىدا پاي چېكىنى ئەركىن ئېلىپ-سېتىشقا بولىدىغانلىقتىن، پاي شىركىتىنىڭ پايچىكلىرى دائىم ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بىراق، پايچىك مەبلىغىنى قايتۇرۇپ چىقىپ كېتىشكە بولمىغاچقا، پايچىكنىڭ ئالمىشىشى شىركەتنىڭ تىجارىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە، ئېچىۋېتىلگەن تىپتىكى چوڭ شىركەتلەردىكى پايچىكلارنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا مىليونغا يېتىپ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارالغان بولىدۇ، بىراق تارقاق، كىچىك پايچىكلار شىركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتىگە قارىتا رول ئوينىيالمايدۇ. 

پاي شىركىتىئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە بازار ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدىمۇ پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلار بارلىققا كەلدى. 1984-يىلى7-ئايدا قۇرۇلغان بېيجىڭ تيەنچاۋ تۈرلۈك ماللار پاي چەكلىك شىركىتى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىدىن تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن تۇنجى پاي شىركىتىدۇر. نۆۋەتتە جۇڭگودىكى پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى پايغا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىرلەشمە تىپتىكى پاي تۈزۈمىدىكى شىركەت؛ كارخانىنىڭ ئەسلىدىكى مۈلكىنى پايغا سۇندۇرۇش ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر خۇسۇسىي پايغا قاتنىشىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا؛ جەمئىيەتكە كەڭ كۆلەمدە پاي چېكى تارقىتىش ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق تەشكىللەنگەن پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا قاتارلىق.

سوتسىيالىستىك پاي تۈزۈمىدىكى شىركەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ پايدىلىق تەرىپى :ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، سوتسىيالىستىك پاي تۈزۈمىدىكى شىركەتلەرنى راۋاجلاندۇرغاندا، جەمئىيەتتىكى تارقاق مەبلەغنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلغىلى ۋە توپلىغىلى، چوڭراق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرگىلى، خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ماسلاشتۇرۇشقا پايدىلىق .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#