ھىندى دەرياسى
جەنۇبىي ئاسىيادىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ باش ئېقىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىدىن باشلىنىدۇ. بۇ دەريا ئالدى بىلەن غەربىي شىمالغا، ئاندىن جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ كەشمىر، پاكىستانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەرەب دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھىندى دەياسىجەنۇبىي ئاسىيادىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ باش ئېقىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىدىن باشلىنىدۇ. بۇ دەريا ئالدى بىلەن غەربىي شىمالغا، ئاندىن جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ كەشمىر، پاكىستانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەرەب دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ، دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى 3180 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 960 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي تارماقلىرى جىخلىم، چىناپ، ساتلىچلاردىن ئىبارەت.
ھىندى دەرياسى پاكىستان تېرىتورىيىسىگە ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدا مۇنبەت تۈزلەڭلىكنى شەكىللەندۈرگەن. دەريانىڭ ئاتوكدىن يۇقىرى قىسمى يۇقىرى ئېقىن بولۇپ، سۇنىڭ ئېقىشى ناھايىتى تېز، ئاتوكدىن مىتانكوتقىچە بولغان قىسمى ئوتتۇرا ئېقىن بولۇپ، سۇنىڭ ئېقىشى ئاستىلايدۇ.
مىتانكوتتىن دېڭىز ئاغزىغا قەدەر تۆۋەن ئېقىن بولىدۇ. تۆۋەن ئېقىندا سۇنىڭ ئېقىشى ئاستا، لاتقىلار كۆپ بولۇپ، دەريا قىنى ئەتراپىدىكى ئورۇنلاردىنمۇ يۇقىرىلاپ كەتكەن. بۇ جايدىكى دەريا قېىنىنىڭ ئىككى ياقىسىدا تاشقىندىن مۇداپىئە قىلىش قاشلىرى ياسالغان.
دەريانىڭ ھەيدەر ئابادتىن قۇيۇلۇش ئاغزىغا قەدەر بولغان قىسمىدا كىچىك ماتورلۇق قېيىقلار قاتنىيالايدۇ، بۇ جايدا دەريا نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، مەيدانى 8000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېلتا تۈزلەڭلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان. دەريا ئاغزىنىڭ ئېقىن مىقدارى 7000 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ.
ھىندى دەرياسىئۇنىڭ باش ئېقىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىدىن باشلىنىدۇ. بۇ دەريا ئالدى بىلەن غەربىي شىمالغا، ئاندىن جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ كەشمىر، پاكىستانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەرەب دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ، دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى 3180 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 960 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي تارماقلىرى جىخلىم، چىناپ، ساتلىچلاردىن ئىبارەت. ھىندى دەرياسى پاكىستان تېرىتورىيىسىگە ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدا مۇنبەت تۈزلەڭلىكنى شەكىللەنگەن.
ھىندى دەرياسىھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنگەندىن كېيىن ھىندى دەرياسىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى ئىككى دۆلەتنىڭ تالاش تارتىش قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. 1960-يىلى ئىككى دۆلەت ھىندى دەريا سۈيىدىن پايدىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىم بويىچە ھىندىستان ھىندى دەريا سۇ مىقدارىنىڭ %20، پاكىستان %80 سۈيىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.