بوغما يىلان

بوغما يىلان دۇنيادىكى بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان يىلانلارنىڭ بىرى، بوغما يىلان دەرەختە ياشايدىغان ياكى سۇدا ياشايدىغان خاراكتېرگە تەۋە. بوغما يىلان ھازىر دۆلىتمىزدە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلدىغان ياۋايى ھايۋان ھېساپلىنىدۇ، ئۇ گۆش بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بوغما يىلان
ئىنگلىزچە نامى Python molurus
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى بوغما يىلان ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 修蛇
تارقالغان رايونلار ئاند تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تىروپىك بەلباغ
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى يىلانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى بوغما يىلان ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى جۇغى چوڭ ھەم ئۇزۇن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان يىلان ھېساپلىندۇ، بەل قىسمى ۋە ئارقا پۇتلىرىدا ئىز بۇلىدۇ. تېنىنىڭ رەڭگى قارا، بۇلۇتسىمان داغ بار، دۈمبە تەرىپىدە بىر تال سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك داغ، ئىككى تەرىپىدە سېرىق رەڭلىك سىزىقچىلار بار. ئۇ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارغا تەۋە. بوغما يىلان دۇنيادىكى يىلان تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تۈر بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5 ~ 11 مېتىر، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 50 ~ 160 كىلوگرام كېلىدۇ، زەھەرسىز يىلانغا كىرىدۇ. 

بوغما يىلان دەرەختە ياشايدىغان ياكى سۇدا ياشايدىغان خاراكتېرگە تەۋە يىلان بۇلۇپ، تىروپىك ۋە سۇبتروپىك بەلباغ نەم ئورمان ئىچىدە ياشايدۇ.

ئوزۇقلىنىش ئادىتى 

بوغما يىلان ئادەتتە كىچىك بۇغا، كىچىك ياۋا توڭگۇز، توشقان، تىيىن ۋە ئۆي قۇشلىرى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ئاشقازىنى چوڭ بولۇپ،بىر قېتىمدىلا ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ ھايۋانلارنى ياكى بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە چوڭ بولغان ھايۋانلارنى يۇتىۋېتەلەيدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. 

بوغما يىلان تۇتقان ئوۋنى، مەيلى ئۇنىڭ بەدەن شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى قانداق بولسۇن ھەممىسنى چايناش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ يۇتىۋىتەلەيدۇ. بوغما يىلانىڭ بۇنداق يۇتۇش ئۇسۇلى ئۇنىڭ ئالاھىدە بولغان بىر خىل يۇتۇش ئۇسۇلى ھېساپلىندۇ. بوغما يىلانىڭ چوڭ سۆڭىكى بۇلۇپ، سۆڭەك ئۆزئارا مۇستەقىل بولغان ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، بۇ ئىككى قىسمنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ تېخىمۇ ياخشى ئوزۇقلۇقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېغىزىنى چوڭ ئېچىپ ئولجىنى قىسالايدۇ، ئاندىن ئۈستۈنكى-ئاستىنقى يېپىق تاڭلايدىكى ئېڭىكىنى تەرتىپ بويىچە  ئالماشتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا جانلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلسا، ئۇ ئاللىبۇرۇن چىشلەپ يۇتۇپ بولغان يېمەكلىكلەرنى قۇسۇپ  قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ قاچىدۇ.

دۆلەت ئىچىدە تارقىلىشى

گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇئاڭشى، يۈننەن، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكە ۋە رايونلارغا كەڭ تارقالغان. مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، گۇاڭشىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بەيسې، يۈيلىن، ۋۇجۇ، چىنجۇ قاتارلىق رايونلارغا كەڭ تارقالغان؛ يەنە ليۇجۇنىڭ شىنچېڭ، رۇڭئەن، ۋۇشۈەن، شياڭجوۋ، جىنشيۇ قاتارلىق ناھىيەلىرىگىمۇ تارقالغان؛ خېچى ۋىلايىتىنىڭ يىشەن، دۇئەن، باما قاتارلىق ناھىيەلىرىگىمۇ كەڭ تارقالغان

؛ ۋۇجۇدىكى گۇيلىن، پىڭلې، ياڭشو، لىنگۈي قاتارلىق ناھىيىلەردىمۇ بار. بۇنىڭ ئىچىدە نەننىڭ رايونلىرىغا تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، سانى ئەڭ كۆپ، بەيسې ۋىلايىتى تارقىلىشى جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. يۈننەن، جىنپىڭ، پىڭبيەن، يۈەنياڭ، شىچوۋ، ۋېنشەن، مالىپو قاتارلىق ناھىيىلەرگە تارقالغان. گۇيجۇنىڭ ۋاڭمو، لودىيەن قاتارلىق ناھىيە ۋە رايۇنلىرىغىمۇ تارقالغان.

چەت ئەلدە تارقىلىشى 

ئاسىيا ئافرىقا بوغما يىلىنى يەنە بىرمىغا تارقالغان، لائوس، ۋيېتنام، كامبودژا، مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان.

ئامازون سۇ بوغما يىلىنى؛

تورسىمان بوغما يىلىنى؛

بېرما بوغما يىلنى؛

ئافرىقا بوغما يىلىنى؛

ئامېتىست بوغما يىلىنى؛ 

ھىندىستان بوغما يىلىنى؛ 

تىتان بوغما يىلىنى؛

سېرىق سۇ بوغما يىلىنى؛

قىزىل قۇيرۇق بوغما يىلىنى؛ 

گىلەم بوغما يىلىنى؛

قان بوغما يىلىنى؛ 

توپ يىلىنى؛ 

ئالتۇن بوغما يىلىنى؛

بوغما يىلاننىڭ دورىلىق قىمىتىنى بىلىشتە تارىخى شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن بوغما يىلانىڭ  پايدىلىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بوغما يىلاننىڭ تېرىسى بولىدۇ، بۇنى داپ قاتارلىق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساشتا ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ، قىمەتلىك خام-ماتىريال ھېساپلىنىدۇ، باشقا ئورۇندىكى قىممىتىمۇ كۆپ بۇلۇپ، بۇنى ئالاقىدار تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ كىشلەر ئاچىدۇ ۋە بىلىشكە قىزىقىدۇ.

 ئۆتى

 بوغما يىلاننىڭ ئۆتى شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە يەل ۋە زەھەرنى ھەيدەش، ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى قورساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلەتكەن. 

 مېيى

ئەل ئىچىدە بوغما يىلان مېيى ۋە باشقا يىلان مېيى تېرە ئاسراش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن، ئۈششۈك يارىسى داۋالاشقا ئىشلىتلگەن، كۆيۈك، تېرە يېرىلىش، ئاستا خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكە ۋە نۇرغۇن نامسىز ئىششىق، بوۋاسىر يارىسى قاتارلىقلارغىمۇ ئىشلىتىلگەن. 

 گۆشى

يىلان گۆشى بولسا بىر خىل ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان گۆش بۇلۇپ، رېماتىزىمنى داۋالاپ، سىڭىرلارنى بوشىتىپ، تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ساغلاملىقنى ياخشىلايدۇ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. 

 قېنى

بوغما يىلان قېنى يۆل پېتى ھاراق قىلىپ  ئىچىلدۇ، يەلنى ۋە نەملىكنى يوقىتىش ئۈنۈمى ياخشى، ئاساسلىقى رىماتىزىمدا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش، پۇت-قول ئۇيۇشۇش ۋە ئاغرىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ، ھەر خىل رېماتىزم كېسىلىنى ئۆزگىچە داۋالاش ئۈنۈمى بار. 

 تېرىسى 

بوغما يىلان تېرىسىنىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ۋە سۈپەت ئالاھىدىلىكى بار بۇلۇپ، ئېرخۇ ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، داپ قاتارلىق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى ياساشقا ئىشلىتىلدۇ، بوغما يىلان تېرىسدە ياسالغان چالغۇلارنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ياخشى. بوغما يىلان تېرىسى بىر خىل قىممەتلىك، ئاز ئۇچرايدىغان چالغۇلارنى ياساش ماتېريالى قىلىندۇ. داپ قاتارلىق چالغۇ ياساش خام ئەشياسى، بوغما يىلان تېرىسىنىڭ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي پايدا  قىمىتى بار، چىش ئاغرىقى بارلار بوغما يىلان تېرىسىنى سۇس ئوتتا ئىزىپ تالقانلاپ، چاي مېيى قوشۇپ تەڭشەپ ئازراق ئىچسە چىش كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. بوغما يىلان تېرىسى تەركىبىدە مول بولغان كوللاگېن ئاقسىلى قاتارلىق تەركىبلەر بار، بوغما يىلانى يېلىم قىلىشقا بولىدۇ. ھۆسن تۈزەش، تېرە ئاسراش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرىدىكى

مەھسۇلاتلارغىمۇ خام ماتىرىيال قىلىپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.

ئاسىيا، ئافرىقا بوغما يىلىنى دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋىنى ھېساپلىنىدۇ. [0]

تارقىلىش دائىرىسى 

تارقىلىش دائىرىسى 

تارقىلىش دائىرىسى 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#