زاڭزۇ مىللىتى

زاڭزۇ مىللىتى

زاڭزۇلار شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۇەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە ماكانلاشقان بولۇپ، كۆپ قىسمى ئېگىزلىكلەردە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى زاڭزۇ مىللىتى
چەتئەلچە نامى the Tibetan ethnicity
خەنزۇچە نامى 藏族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زاڭزۇ مىللىتىزاڭزۇلارنىڭ قەدىمكى ھاكىمىيىتى «تۈبۈت» دەپ ئاتالغان. مىلادىيە 641-يىلى تۈبۈتنىڭ بتسانپو(پادىشاھى) سۇڭزەنگەنبۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قىزىقىپ، ۋەزىرى لۇ دۇڭزەننى ئۆزىگە ۋاكالىتەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن(بۈگۈنكى شىئەن) گە ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، ئەقىللىق ۋە گۈزەل مەلىكە ۋېنچېڭنى خوتۇنلۇققا ئالغان، سۇڭزەنگەنبۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن بۈگۈنكى چىڭخەي ئۆلكىسى چېگرىسىغا كېلىپ مەلىكىنى كۈتۈۋالغان ھەمدە مەلىكە ئۈچۈن ھەشەمەتلىك ئوردا-ساراي سالدۇرغان. 

زاڭزۇلار شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ۋە چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۇەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە ماكانلاشقان بولۇپ، كۆپ قىسمى ئېگىزلىكلەردە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شىزاڭ يۇڭلۇق قويى، ئۆچكە، ئارغۇن كالا ۋە ئات قاتارلىقلار چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن چىقىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ھېسابلىنىدۇ. قوتازنىڭ جۇغى چوڭ ھەم سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، ئېغىر يۈكنى ئارتىپ ئۇزۇن يول يۈرەلەيدۇ، ئەزەلدىنلا «ئېگىزلىك كېمىسى» دەپ نامى بار. دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئاساسلىقى يالىڭاچ ئارپا تېرىلىدۇ. دەريا جىلغىلىرىدا ھەر خىل زىرائەتلەر ئۆسىدىغان بولۇپ، سۇلۇق ۋە مۇنبەت ماكانلاردىن قېلىشمايدۇ.

زاڭزۇ مىللىتىزاڭزۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئىسمىلا چاقىرىلىدۇ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا ئۆينىڭ ئىسمى(جەمەتى تۇرۇۋاتقان قورۇقنىڭ ئىسمى) قوشۇلىدۇ. كىشى ئىسىملىرىدە ئەر-ئاياللار پەرقلەندۈرۈلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە بۇددا نومىدىن ئېلىنىدۇ. زاڭزۇلار ئۇزۇن يەڭلىك قىسقا جۇۋا كىيىدۇ، سىرتىغا ئوڭ تەرەپتىن ئېتىلىدىغان كەڭ نىمچە كىيىدۇ، پۇتىغا كالا تېرىسىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن ئۆتۈك كىيىدۇ. ھەرىكەت قىلىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئوڭ بىلىكى ياكى ھەر ئىككى بىلىكىنى ئوچۇق قويۇپ، يېڭىنى بېلىگە باغلىۋالىدۇ. ئەرلەر چېچىنى چوققىسىغا تۈگۈۋالىدۇ. ئاياللار چېچىنى مۈرىسىگە ساڭگىلىتىۋالىدۇ. دېھقانچىلىق رايونىدىكى ئاياللار كۆپىنچە ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن يوپكا كىيىۋالىدۇ، دېھقانچىلىق رايونىدىكى كىشىلەر زەنبانى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ. سېرىقمايدا دەملەنگەن چاينى ياخشى كۆرىدۇ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كالا، قوي گۆشلىرى ئاساسىي ئوزۇق قىلىنىدۇ. شىزاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى كىشىلەر ئۇچارقانات ۋە بېلىق گۆشى يېمەيدۇ. خاداك تەقدىم قىلىش زاڭزۇلارنىڭ ئۆزگىچە مۇراسىمى. خاداك ئالاھىدە ئىشلەنگەن ئۇزۇن يىپەك رەخت بولۇپ، ئادەتتە ئاق، سېرىق ۋە كۆك ئۈچ خىل رەڭلىك بولىدۇ. مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلارغا قوش قوللاپ تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. زاڭزۇلاردا ئۆلگەنلەرنى ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىش ئومۇمىي ئادەت بولۇپ، جەسەت تاغقا ئېلىپ چىقىلىپ، پارچىلىنىدۇ، سۆڭەكلىرى چېقىلىدۇ ھەمدە ئېگىز تاغقا قويۇلۇپ، سالۋالارنىڭ يېيىشىگە بېرىلىدۇ. زاڭزۇلار مۇشۇنداق قىلغاندا ئۆلگۈچى جەننەتكە كىرىدۇ دەپ قارايدۇ. 

زاڭزۇلار ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېزىقى مىلادىيە7-ئەسىردە ئىجاد قىلىنغان، زاڭزۇلار كوللېكتىپ ئىجاد قىلغان «گېسارخان رىۋايىتى» دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قەھرىمانلىق ئېپوسى ھېسابلىنىدۇ. لاسادىكى يوداك ئوردىسى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇش تارىخىدىكى نامايەندە دېگەن نامى بار. 

زاڭزۇ مىللىتىزاڭزۇلار لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىلگىرى لاما دىنىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرى ۋە جايلاردىكى زوراۋانلار بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، شىزاڭ-چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن فېئوداللىق تۈزۈلمىنى شەكىللەندۈرگەندە، مىلادىيە 15-ئەسىردىن كېيىن ئۇلار دالاي ۋە بەنچەندىن ئىبارەت ئىككى نىجاتكار راھىبقا باش ئۇرۇپ كەلگەن. زاڭزۇلار ياشاۋاتقان زېمىندا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى يانچىلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %95 ىنى تەشكىل قىلىدىغان يانچىلارنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تارتىۋېلىنغان، ئۇلار قۇل كەبى ياشايتتى، داۋاملىق قامچا يەيتتى، ئۇلارغا دائىم تەن جازاسى بېرىلەتتى. ھەتتا بەزى يانچىلارغا قولىنى كېسىۋېتىش، پېيىنى سۇغۇرۇۋېلىش ۋە تېرىسىنى شىلىۋېلىش قاتارلىق شەپقەتسىز جازالار بېرىلەتتى. ئۇلار ئېغىر ئازاب چېكەتتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىزاڭ رايونىدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، يانچىلىق تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، مىليونلىغان يانچى قەد كۆتۈرۈپ، زاڭزۇ مىللىتىنىڭ يېڭى ھاياتى باشلاندى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#