ئائىلە تەربىيەسى

ئائىلە تەربىيەسى

ئائىلە تەربىيەسى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلىرىغا بېرىدىغان تەربىيەسى بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ساپاسىنىڭ يېتىلىشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئائىلە تەربىيەسى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلىرىغا بېرىدىغان تەربىيەسى بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ساپاسىنىڭ يېتىلىشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئائىلە تەربىيەسى دەسلەپكى مەزگىللىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە تەربىيەلەش بولغاچقا، ئۇ بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن باشلىنىدۇ ھەم ئوقۇ- ئوقۇتۇشتىكى ساپا مائارىپى تەربىيەسىگە ئاساس سالىدۇ. بالىلارنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپ تەربىيەسىنى تولۇقلايدۇ ۋە بېيىتىپ بارىدۇ، چۈنكى، ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنىڭ ياخشى ئادەت، ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىدىكى مۇھىم ھالقا. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە تەربىيەسىدە مەسىلە كۆرۈلسە ياكى ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ياخشى ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر يېتىلدۈرىدۇ، ئۇلاردا ئەڭ دەسلەپكى ئەخلاق قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، گۈزەللىك قارىشى ۋە ئەمگەك قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئائىلە تەربىيەسىنى ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى ۋە زۆرۈر تولۇقلىمىسى دېسە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ساپا مائارىپى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ كۈچلۈك ماسلىشىشىغا موھتاج بولىدۇ، ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ماسلاشمىغاندا، ساپا مائارىپىدا كۆزلىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى، كۆز قارىشى ۋە بالىلارنى تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى ساپا مائارىپىنىڭ نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە كەيپىياتىنىڭ قانداق بولۇشىمۇ ساپا مائارىپنىڭ نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە ئىناق ئۆتۈشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارغا توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ خەلق ئۈچۈن سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىشى، ئۆزىنىڭ توغرا سۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلار قەلبىدە ئىشەنچلىك تۇنجى ئوقۇتقۇچىغا ئايلىنىشى كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#