ئاجەي دېۋگان
بوللىۋود ئارتىسى ئاجەي دېۋگان 1969-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى يېڭى دېھلىدا كىنو جەمەتىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەرىكەتلىك فىلىم رىژىسسورى، ئاپىسى فىلىم ئىشلىگۈچى. ئاجەي دېۋگان 1985-يىلى بالا ئارتىس سۈپىتىدە ھاياتىدىكى تۇنجى فىلىمدە رول ئالغان. 1991-يىلى كىنو «گۈل ۋە تىكەن»دا باش رول ئېلىپ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بوللىۋود ئارتىسى ئاجەي دېۋگان 1969-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى يېڭى دېھلىدا كىنو جەمەتىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەرىكەتلىك فىلىم رىژىسسورى، ئاپىسى فىلىم ئىشلىگۈچى. ئاجەي دېۋگان 1985-يىلى بالا ئارتىس سۈپىتىدە ھاياتىدىكى تۇنجى فىلىمدە رول ئالغان. 1991-يىلى كىنو «گۈل ۋە تىكەن»دا باش رول ئېلىپ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان.
ئاجەي دۋېگان1992-يىلى ئۇ كەرىشما كاپور بىلەن فىلىم «ئاشىق» تا ھەمكارلىشىپ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 1994-يىلى ئۇ ئىشلىگەن فىلىم «Dilwale»مۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۇ يىلى ئۇ يەنە ئاكشاي كۇمار بىلەن ھەمكارلاشقان. 1995-يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم كاجول بىلەن كىنو ئىشلىگەن. 1996-يىلى ئاجەي دېۋگاننىڭ ئۈچ فىلىمى چىققان، ئۇنى ئارىسىدا ئەڭ مۇھىمى «ئوت يۈرەك» بولۇپ بۇ فىلىم ئاجەي دېۋگاننىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ۋەكىللىك ئەسەر بولۇپ قالغان.
1999-يىلى ئۇ سالمان خان ۋە ئاشۋارىيە بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم «Hum Dil De Chuke Sanam»ئاجەي دېۋگاننىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان.2000-يىلى دېۋگان ئايالى بىلەن تاغىسى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىمدە رول ئالغان.
2002-يىلى ئۇ فىلىم «قارا جەمئىيەت» تە رول ئېلىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى تۇنجى قېتىم رېژىسسور روھىت شىتتېي بىلەن ھەمكارلاشقان، شۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە ئىككەيلەن كۆپ قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چوڭ فىلىملەرنى ئىشلىگەن.
ئاجەي دېۋگان سەنئەت ساھەسىگە كىرگەندىن بۇيان 80 دىن ئارتۇق فىلىمدە (يېرىمىنى ئىشلەپ توختاپ قالغان كىنولارمۇ ئاز ئەمەس) رول ئالغان بولۇپ، ئۇ ھازىرقى بوللىۋود كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئارتىسلارنىڭ بىرى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.