خۇنسىياۋشان

خۇنسىياۋشان

خۇنسىياۋشان قان توختىتىش ، يىرىڭلىق جاراھەت پۈتتۈرۈش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئاشقازان، جىگەر ۋە ئۈچەيلەرنىڭ قىزىقلىقىنى نورماللاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى خۇنسىياۋشان
ئەرەبچە نامى پالما يېلىمى، دەمئۇل خۇن
ئىنگلىزچە Dragon,s Blood
تونۇش خۇنسىياۋشان
خەنزۇچە نامى 血竭xue jie
پارسچە نامى خۇنسياۋشان
ئوردۇچە نامى بىجابى سارگۇند، چىنو
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇنسىياۋشانخۇنسىياۋشان ئۆسۈملۈكنىڭ يېلىمى بولۇپ،بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئېقىپ چىقىپ، ئۇيۇپ، ئۈيۈپ قالغان ماددىسى «خۇنسىياۋشان ھىندى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 

ئۆسۈملۈكنىڭ يېلىمى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

خۇنسىياۋشان كاننىك كىسلاتاسى (Kinotannoc acid)، تاننىك كىسلاتاسى (tannic acid)، تاننىن گلىكوزىدى(Tanning licoside)، كىنو قىزىل بويقى، (Carechin) ، كاتېخول (Catechol)، رىزىناچە ئىۋدىسمىل (Eu,decmil)، ئاروما(Aromadendrin)قاتارلىقلار 

چىقىش ئورنى

يۈننەن، گۇاڭشى، تەيۋەن، مالايسا، سىرلانكا، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

قان توختىتىش ، يىرىڭلىق جاراھەت پۈتتۈرۈش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئاشقازان، جىگەر ۋە ئۈچەيلەرنىڭ قىزىقلىقىنى نورماللاشتۇرۇش، ئاشقازان ئۈچەيلەرنى تۇۋۋەتلەش ، قان سەپرا خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، مەقئەتنىڭ يېرىقلىرىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتى بار.

 بوۋاسىر قاناش، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش، تولغاق، ئىچ سۈرۈش ھەيز كۆپ كېلىش، كونا ئىسھال، ئۆپكە سىلى قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

1. قان ئۇيۇشۇش سېسىتمىسىغا بولغان تەسىرى: ئۆي توشقىنىدا ئىشلەنگەن تەجرىبىدە قان نوكچىسى شەكىللىنىشكە قارشى رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان، ھەمدە قان پىلاستىنكىللىرىنىڭ توپلىشىنى چەكلەپ مىكرو قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

2. ئۇنىڭ ئېرىتمىسى تېرە زەمبۇرۇغلىرىنى ئالاھىدە تورمۇزلايدۇ.

3. ياللۇغ قايتۇرۇش رولى . بەزى باكتىرىلەرنىمۇ چەكلەش رولى بار.

خاس تەسىرى

قان توختاتقۇچى دورا

ئورۇنباسارى

شادىنەج

ئەكىس تەسىرى

بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كەتىرا  

1. خۇنسىياۋشان، ئاقاقىيا، كەتىرا، نىشاستە، كەھرىۋا، بۇغا مۈڭگۈزى10 گرامدىن ، ناۋات 60 گرامدىن ئېلىپ تالغان تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكىدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.

2. ئىسپىغۇل ياكى بېھى ئۇرۇقىدىن 1.5 گرام، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى 1.5 گرام تاباشىر، زىرىقى، خۇنسىياۋشاندىن 7 گرام ئېلىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە. قان سەپراۋى ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. خۇنسىياۋشان 10 گرام، ئەنجىباھار 10 گرام، گەزمازەج 7 گرام، گىل مەختۇم1.5 گرام، ئانار گۈلى 10 گرام، بۇ دورىلارنى ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە قاناشلىق جاراھەتلىك كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

قۇرۇسى بوۋاسىر، قۇرسى كاكىنەچ قۇرسى كەھرىۋا[0]


يۈننەن، گۇاڭشى، تەيۋەن، مالايسا، سىرلانكا، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
قان توختاتقۇچى دورا

شادىنەج

بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=182

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#