لوياڭ

لوياڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى لوخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، شۇ تۈپەيلى بۇ نام قويۇلغان. 

نامى لوياڭ
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 15,230 كۋادرات كىلومېتىر
مەمۇرىي رايون تۈرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
پوچتا رايون نومۇرى 471000
خەنزۇچە نامى 洛阳
ئۆلكىسى خېنەن ئۆلكىسى
نوپۇسى 6,549,486 (2010-يىلى)
جۇغراپىيىلىك ئورنى خېنەن ئۆلكىسىدىكى لوخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان
ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لوياڭلوياڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى لوخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، شۇ تۈپەيلى بۇ نام قويۇلغان. شەرقىي جۇ، شەرقىي خەن، ساۋ-ۋېي، غەربىي جىن، شىمالىي ۋېي، سۇي، ۋۇ-جۇ، كېيىنكى لياۋ، كېيىنكى تاڭ قاتارلىق «توققۇز سۇلالىنىڭ پايتەختى» بولغان. لوياڭ يېغىلىق ۋە غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدىلا، مەملىكەت خاراكتېرلىك سودا شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، شەرقىي خەن، ۋېي، جىن، سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، ھەتتا ئاسىيانىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى يىشۇي، لوخې دەريالىرىنىڭ ئارىلىقى چەت ئەللىك مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولغان.

لوياڭ لوياڭ شەھىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا نۇرغۇن تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان. ئاساسلىقلىرىدىن: خەن، ۋېي سۇلالىلىرى دەۋرىدىن قالغان لوياڭ قەدىمىي شەھىرى، لۇڭمىن تاش غارى، بەيما ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. لۇڭمىن تاش غارى يىشۇي دەرياسىنىڭ ئىككى تىك قىرغىقىغا جايلاشقان، تىك قىيادىكى غارلاردا بىباھا سەنئەت ئەسەرلىرى ساقلانغان بولۇپ، ئۇ داتۇڭ شەھىرىدىكى يۈنگاڭ تاش غارى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدىغان سەنئەت خەزىنىسىدۇر. بۇ يەردە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان غاردىن1352 سى، كىچىك بۇت تەكچىسىدىن 750 ى، مۇناردىن 39 ى بار. شەھەرنىڭ شەرقىدىكى بەيما ئىبادەتخانىسى ئېلىمىزدىكى تۇنجى بۇددا ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇ بۇددا دىنى بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى، ئۇنى دەسلەپتە شەرقىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى مىڭدى يۇڭپىڭنىڭ11-يىلى(مىلادىيە68-يىلى) سالدۇرغان. بۇلاردىن باشقا، غەربىي جۇ خان شەھىرى، سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى قەدىمكى شەھىرى، بەي جۈييى قەبرىستانلىقى، گۇەنلىن باغچىسى قاتارلىقلار بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#