ئوپال يېزىسى

ئوپال يېزىسى

ئوپال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە شەھىرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 32 كىلومېتىر، دۆلەت يولى 314 دۆلەت زېمىنى، جۇڭگونىڭ غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە توشۇش ئۆتىڭى بولۇپ قالغان ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك مۇھىم شەھەر.

ئۇيغۇرچە نامى ئوپال يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 31180 ئادەم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌帕尔乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ كونا شەھەر ناھىيەسى
جۇغراپىيەلىك ئورنى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 32 كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوپال يېزىسىئوپال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە شەھىرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 32 كىلومېتىر، دۆلەت يولى 314 دۆلەت زېمىنى، جۇڭگونىڭ غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە توشۇش ئۆتىڭى بولۇپ قالغان ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك مۇھىم شەھەر.

ئۇمۇمىي نوپۇسى 31180 ئادەم، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52000 مو. بۇ يېزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتى ئۇزۇن بۇلۇپ، مىلادىيە 11-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاغلىق ئالىمى ۋە تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرى، قىرىق بۇلاق قاتارلىق نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، يېزا ئىگىلىكتە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يېزىسى.

2014-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى (يېڭى خېتى [2014] 8-نومۇرلۇق) ئوپال يېزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوپال بازىرى تەسىس قىلىنغان. 

ئوپال يېزىسىئوپال يېزىسىغا تەۋە قاراباش كەنتىى، بەشباغ كەنتى، ياغۇ كەنتى، باش ياغۇ كەنتى، موللامبېغى كەنتى، كۆكچى كەنتى، قۇمباغ كەنتى، دوغلات كەنتى، شوتا كەنتى، ھۆلجىگدە كەنتى، قارا ئۆستەڭ كەنتى، ئاچال كەنتى، نوقات كەنتى، ئايدىڭكۆل كەنتى، ئاقئۆستەڭ كەنتى، ئوپۇلات كەنتى، دېھقانچىلىق مەيدانى كەنتى قاتارلىق 17 مەمۇرىي كەنتى (مەيدان)، 137 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.  

ئوپال يېزىسىيېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ يېزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە بايلىقى مول بولغان ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ پەن تېخنىكىغا تايىنىپ زور كۈچ بىلەن باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2003-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 57 مىليون 934 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1398 يۈەن. ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 23 مىڭ 600 توننا، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 834.7 توننا، چارۋىنىڭ يىللىق قوتاندىكى سانى 84 مىڭ تۇياق (دانە)؛ ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 38 مىڭ موغا يەتكەن، بۇلار ئىچىدە ھازىرقى زامان سۇغۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۆرۈك، ﺋﺎﻧﺎﺭ، چوڭ گىلاس قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىساد ئورمىننى، سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئۈلگە كۆرسىتىشنى جارى قىلدۇردى. يىلدىن يىلغا كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر 31 مىڭ ئادەم (قېتىم)، ساياھەتچىلىك كىرىمى 210 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 

بۇ يېزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ياخشى پۇرسىتنى چىڭ تۇتۇپ، كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ سودا، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئاساس قىلغان 2-، 3-كەسىپلەرگە تايىنىپ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلەتتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#