قىرىم يېرىم ئارىلى

قىرىم يېرىم ئارىلى

قىرىم يېرىم ئارالنىڭ 4/5 قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ يايلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. شەرقتىكى كىرىچ يېرىم ئارىلىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىقلار بار .

نامى قىرىم يېرىم ئارىلى
يەر مەيدانى 25500 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Krymsky Poluostrov
دىئالىكىتى رۇس تىلى ، ئوكرائىن تىلى ۋە تاتار تىلى
خەنزۇچە نامى 克里木半岛
نوپۇسى 228 تۈمەن
جۇغراپىيەلىك ئورنى سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپا قىسمىنىڭ جەنۇبى
ئىقلىمى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىرىم يېرىم ئارىلىقىرىم يېرىم ئارىلى روسىيە فىدراتىسيەسى ياۋروپا قىسمىنىڭ جەنۇبىغا، ئازوۋ ۋە قارا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى 18 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى پېرېكوپ بوغۇزى ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 25500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

قرىم يېرىم ئارىلى ئارالنىڭ 4/5 قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ يايلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. شەرقتىكى كىرىچ يېرىم ئارىلىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىقلار بار، بۇ جاينىڭ تۆمۈر بايلىقى ناھايىتى مول. ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا سوزۇلغان قىرىم تاغلىقلىرى جايلاشقان، بۇ تاغلىقنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1545 مېتىر كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىنىڭ كەڭلىكى 2-8 كىلومېتىر بولۇپ، ئىقلىمى يىللىق، مۆتىدىل كېلىدۇ. بۇ جايلار پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ مۇھىم دەم ئالىدىغان ساناتورىيە رايونى ھېسابلىنىدۇ. تاغلىقلار ھەرخىل ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. تاغ ۋادىلىرى بىلەن دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا كۆپلەپ ئۈزۈم ۋە سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جايلار قىرم تەبىئىي قوغداش رايونى قىلىپ ئايرىلغان. 

 قىرىمدىكى مۇھىم شەھەرلەر سىمفېروپول، يېۋپاتورىيە، سېۋاستوپول، پالتا ھەم كىرىچلاردىن ئىبارەت.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#