جاۋبىشەن يېزىسى

جاۋبىشەن يېزىسى

جاۋبىشەن يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئېدىرلىق بەلباغقا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى جاۋبىشەن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 530 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 照壁山乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى
نوپۇسى 10136 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى zhào bì shān xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جاۋبىشەن يېزىسىجاۋبىشەن يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئېدىرلىق بەلباغقا جايلاشقان. شەرقتە بەيياڭخې يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي پىچان ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي دۇڭچېڭ بازىرى بىلەن تۇتاشقان، شەھەر-يېزا تۇتاشقان يېزا بولۇپ، قاتنىشى قولاي، دۆلەت يولى S 303 لېنىيەسى تەۋەلىكىدىن كېسىپ ئۆتكەن، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 530 كۋادرات كىلومېتىر، ئوتلاق كۆلىمى 389 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 96 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە سۇلۇق يەر 14454 مو. مورى ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق ئاساس، چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چوڭ يېزىسى.

جاۋبىشەن يېزىسى قارىمىقىدا: پىڭدىڭشەن كەنتى، شۇاڭۋەن كەنتى، خېبايەن كەنتى، چىڭگۈەن كەنتى، تۇداۋگۇ كەنتى، نەنزا كەنتى، بېيزا كەنتى، جاۋبىسەن كەنتى، ئاراسۇ كەنتى، جۇجياتاڭ كەنتى، قوشكۆرە كەنتى قاتارلىق 11 مەمۇرىي كەنت بار.

جاۋبىشەن يېزىسىجاۋبىشەن يېزىسىدا خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، دۇڭشياڭ قاتارلىق يەتتە مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ 2512 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 10136 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر 326 ئائىلىلىك، 1400 ئادەم. يېزا بويىچە ئورگان كادىرلىرى جەمئىي 79 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئورۇندىكىلەر 39 ئادەم، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار 16 ئادەم، يېزا پارتىيە ئەزالىرى 446 ئادەم، پارتىيە باش ياچېيكىسى 9، پارتىيە ياچېيكىسى 30.

تەرەققىيات ئەندىزىسى

جاۋبىشەن يېزىسى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جاۋبىشەن يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىش، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلىق يېتەكچى كەسىپ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

ئومۇمىي كىرىمى

2006-يىلى، يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 55 مىليون 100 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.4 ئاشقان، ۋەزىپىنىڭ % 107 تاماملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە : 1-كەسىپنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 35 مىليون 970 مىڭ يۈەن بولۇپ، كىرىمىنىڭ %65.3 ىنى ئىگەللىگەن. 2-كەسپنىڭ 10 مىليون 840 مىڭ يۈەن بولۇپ، كىرىمىنىڭ %19.7 نى ئىگەللىگەن. 3-كەسىپنىڭ 8 مىليون 290 مىڭ يۈەن بولۇپ، كىرىمىنىڭ %15 نى ئىگەللىگەن. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 4014 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن  258 يۈەن ئاشقان.

دېھقانچىلىقى

جاۋبىشەن يېزىسى مورى ناھىيەلىك نۇقتىلىق چوڭ چارۋىچىلىق يېزىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك شارائىت ئەۋزەللىككە ئىگە، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، تەڭرىتاغ ئاق پۇرچىقى، قوناق، زىغىر، قىچا قاتارلىقلار بار. ئۆزگىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن: نوقۇت، ئەنجۈدان موگۇسى، گازىر تاۋۇز، سەي كاۋىسى، بېدە، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار بار.

جاۋبىشەن يېزىسىشەھەر ئەتراپى ۋە تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇ يېزىنىڭ پارنىك، لاپاس ئەۋزەل شارائىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەرەققىي قىلدۇرغان، ئىككى جايدا، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ كۆكتات بازىسى قۇرغان، يۇقىرى ئۆلچەملىك كۈن نۇرى پارنىكى ياسىغان.

چارۋىچىلىقى

جاۋبىشەن يېزىسىچارۋىچىلىق جەھەتتە، «چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىش، چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىق بىرلەشتۈرۈش، تېرىقچىلىق ئارقىلىق باقمىچىلىقنى بېقىش، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش» تەرەققىيات پىكىر يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، چارۋىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نەسىلنى ياخشىلاپ ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ،  كالا، قوي، چوشقا، ئۆي قۇشلىرى تۆت مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرغان، سۈت كالىسى باقمىچىلىقى ۋە كالا، قوي بورداش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى شىخابا باقمىچىلىق رايونى قۇرغان، ۋىيتى چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە تايىنىپ، ئىككى جايدا يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى قۇرغان، يېڭىدىن 320 تۇياق سىيىر كۆپەيتكەن، يىلنىڭ ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 52 مىڭ 400 تۇياققا، ئومۇمىي گۆش مىقدارى 1523 توننىغا، ئومۇمىي سۈت مىقدارى 1425 توننىغا، قوي يۇڭى 141 توننىغا، تۇخۇم 28 توننىغا يەتكەن.

ئورمانچىلىقى

ئورمانچىلىق جەھەتتە، ئىقتىسادىي ئورماننى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شۇاڭۋەن كارىز چوڭ مېۋىلىك جىغان، نەنزا قارا باشاقلىق قارىقات، بېيزا ئەنجۈر شاپتۇل، نەنزا توغىچى قاتارلىق تۆت ئىقتىسادىي ئورمان ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى، ئىككى ھۆل پېتى ئۆرۈك تېتىش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#