لاچىندانە چىنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئېغىزنىڭ بەتبۇيلۇقىنى يوقىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، يەل تارقىتىش.
ئۇچۇچان ماي، قارىغاي ماي ئىسپىرتى (terpineol)
لاچىندانە چىنى1. لاچىندانە چىنى، سۇنبۇل ھىندى، گاۋزىبان ھىندى، رەيھان ئۇرۇقى، ئۈستىقۇددۇس قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2. لاچىندانە چىنى، قارىمۇچ، پىلپىل، زەنجىۋىل 15 گرامدىن، ئارپىبەدىيان، رۇم بەدىيان، 10گرامدىن قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ ھەسەل بىلەن تەييارلاپ، ئىستېمال قىلسا ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئاشقازان ۋە جىگەر ئاجىزلىقى، ئېغىز پۇراش، ئىشتىھاسىزلىق، يەل ماڭماسلىق، ھىق تۇتۇش، قورساق ئېسىلىش، كۆڭۈل ئاينىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.