قاراتال بازىرى

قاراتال بازىرى

قاراتال بازىرى (ئەسلى مەنىسى خاراتا) بازىرى. قاراتال بازىرى (ئەسلى مەنىسى خاراتا) بازىرى. ئاقسۇ شەھىرى نىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي ئالاربۇتوقاي يېزىسى ۋە ئونسۇ ناھىيەسى نىڭ گۈلئاۋات يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە ئاقسۇ دەرياسى ۋە ئاۋات ناھىيەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇب تەرەپتە ئالار شەھىرى نىڭ توقاي يېزىسى، شىمالدا بەشتۈگمەن يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قاراتال بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى مەمۇرىي بازار
يەر مەيدانى 966.7 كۋادرات كىلومېتىر
باشقا نامى خاراتا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 喀拉塔勒镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقسۇ شەھىرى
نوپۇسى 32 مىڭ ئادەم
ماشىنا كودى 新N

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراتال بازىرىقاراتال بازىرى (ئەسلى مەنىسى خاراتا) بازىرى. ئاقسۇ شەھىرى نىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. جۇغراپىيەلىك ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇقى '53°80 __'22°80، شىمالىي كەڭلىك  '55°40 __'31°40، شەرقتىن غەربكە ئەڭ ئۇزۇنلىقى 31.2 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭ يېرى 41 كىلومېتىر، ئاقسۇ شەھىرى زەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 49 كىلومېتىر، بىر يېزا دېھقانچىلق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئىشتاتلىق بازار، پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 11028 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇس 45 مىڭ 100 ئادەم، 7623 ئائىلە، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان. بازىرى تەۋەسىدە 28 مەمۇرىي كەنت، 101 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، ئۈچ بىۋاسىتە قاراشلىق دېھقانچىلىق مەيدانى، 22 پونكىت (ئورۇن) تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 320 مىڭ مو.

قاراتال بازىرىقاراتال بازىرى ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، پۈتۈن شەھەر بويىچە مۇھىم ئاشلىق-پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، 2007-يىلى بازارلىق يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمى 405 مىليون 620 مىڭ يۈەن؛ 2006-يىلدىكىدىن 97 مىليون 820 مىڭ  يۈەن ساپ ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى ٪31.8 نى تاماملانغان. دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5026.77 يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %547.53 يۈەن، ئېشىش نىسبىتى %12 كە يەتكەن.

قاراتال بازىرىپۈتۈن بازاردىكى مەرھابا يولى، بوستان يولى، دولان يولى قاتارلىق ئاساسلىق يوللار، بازار رايونىدىكى ئاساسلىق كوچا يوللىرىنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلۇشى % 100 كە يەتكۈزۈلگەن. بازار كۆكەرتىش كۆلىمى تەخمىنەن 48.6 گېكتار، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %34، بازار رايونىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىتىش كۆلىمى 63 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلەش نىسبىتى ٪96 گە يەتكەن، بازار رايونىدا ئاساسلىق كوچىنىڭ يول چىرىغى ئورنىتىش ۋە يورۇتۇش نىسبىتىنى 100 % كە يەتكەن؛ بازار رايونىدا كۈندىلىك بۇيۇملار ۋە تۈرلۈك ماللار بىلەن شۇغۇللانغان يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، ترانسپورت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. 2007-يىلى سودا-سانائەتچى 1381 گە، كەسىپكارلار 3635 ئادەم، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 19 مىليون 810 مىڭ يۈەن. ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان دەسلەپكى قەدەمدە ئىجتمائىي مۇقىملىق، بازار ئاۋات، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان يېڭى تىپتىكى بازارلار شەكىللەنگەن.

پۈتۈن بازاردىكى 28 مەمۇرىي كەنتلەر كەنت دەرىجىلىك بازا قۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى قېلىپلاشتۇرۇشتا بازاردىكى 23 مەمۇرىي كەنتنى «بەشتە ياخشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى»، 24 مەمۇرىي كەنتكە «ساقلىق ساقلاش لاياقەتلىك بولغان كەنت» ۋە «تەنتەربىيە خىزمىتىدە لاياقەتلىك كەنت» دەپ نام بېرىلگەن. تۆت پونكىت «تۆتتە ياخشى پونكىت»، ئىككى مەكتەپ «بەشتە ياخشى مەكتەپ» بولۇپ باھالانغان.

قاراتال بازىرىقاراتال بازىرى شەھەر ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ كۆزنىكى بۇلۇپ، ئىلگىرى-كېيىن  مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى خىزمىتى، ھەممە جەھەتتىن ئەلا يېزا-بازار، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت بەرپا قىلىش خىزمىتىدە ئىلغار كەنت، مەملىكەتلىك 4-ماي قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ، مەملىكەت بويىچە 500 كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، ئاپتونوم رايون مۇھىتى گۈزەل يېزا-بازار، دۆلەتنىڭ مۇھىتى گۈزەل يېزا-بازىرى، ئاپتونوم رايون 50 كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى ئۈلگە كۆرسۈتۈش بازىرى، 2005-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق «قىزىل بايراق يېزا-بازار» ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى بويىچە «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدىكى مۇنەۋەر كىچىك شەھەر (بازار) قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

1998-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىس ، دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن ئۆزى قاراتال بازىرى بوستان كەنتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#