تام پاتمىچۇقى

تام پاتمىچۇقى

تام پاتمىچۇقى كەسلەنچۈكلەر ئەترىتىگە بىر خىلى، « پاتمىچۇق » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غەربىي جەنۇب رايونلىرىدا « كەسلەنچۈك »، « پاتمىچۇق »، « سالما »، گۇاڭدوڭنىڭ غەربى رايونىدىكى « ئىلمەك ئورغاق يىلان » ئۇنىڭ بەدىنى خۇددى كىشىلەر دائىم ئوت ئورۇش، شال ئورۇش، ئوت - چۆپ ئورۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئورغاق ( ئادەتتە « ئىلمەك ئورغاق » ) قا ئوخشايدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى تام پاتمىچۇقى
خەنزۇچە ئىسمى 壁虎
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى كەسلەنچۈكلەر ئەترىتى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Wall lizard
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى گېككونلار ئائىلىسى
كەنجى تىپى تام پاتمىچۇقى كەنجى ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تام پاتمىچۇقى تام پاتمىچۇقى : ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 12 سانتىمېتىر، گەۋدىسى بىلەن قۇيرۇقى باراۋەر ئۇزۇنلۇقتا. بېشى ياپىلاق، كەڭ؛ ئېغىزى يانتۇ ياپىلاق، كۆز دىئامېتىرى قارىغاندا ئۇزۇن بولىدۇ؛ بۇرۇن تۆشۈكى، ئېغىز ئۇچىغا يېقىن؛ قۇلاق تۆشۈكى كىچىك، تۇخۇمى يۇمۇلاق شەكىللىك؛ تەڭگىسىمان ئېغىزى بۇرۇن تۆشۈكى، ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىنى ئۈچ تالدىن بىر قەدەر چوڭ تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. باش، جىسىم تەرىپىگە ئۇششاق تەڭگىچىلەر بىلەن قاپلانغان، گەجگە قىسىم ئاز ساندىكى چوڭراق بولغان يۇمىلاق تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، گەۋدە قىسمىدا تەڭگىچە قاسىراق 12 ~ 14 قۇر يۇمىلاق گىرەلەشمىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ كۆكرەك، قورساق تەڭگىچىلىرى چوڭراق،

 كاھىشسىمان؛ قۇيرۇقىنىڭ ئارقا تەرىپىدە تەڭگىسىمان قاسراقلىرى ھالقىسىمان تىزىلغان بولۇپ، ھەر 9 ~ 10  قاتار رەتلىك ھەم سەل كەڭ كېلىدۇ. قۇيرۇق قورساق مەركىزىدە بىر تال تەڭگىسىمان قاسراق  بىر قەدەر كەڭ. قول بارمىقى، بارماقلىرى ئارىسىدا پالاقچە پەردە ئىزى؛ قول بارمىقى، پۇت بارمىقى، ئاستى يەككە پۈرمىسى تېرە ياپراقچىسىغا ئىگە؛ بىرىنچى بارمىقىدىن باشقا ئاخىرقى ئۇچ بارماقلىرى كىچىك پەنجىلىك. قۇيرۇق تۈۋى قىسمى بىر قەدەر كەڭ قېلىن. دۈمبىسى كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ ئارقا گەۋدە 5 ~ 6 دانە چوڭقۇر كەڭ يوللۇق؛ بارماقلىرى ۋە قۇيرۇقدا قېنىق تۈز سىزىقلار بار. قۇيرۇقى ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، قايتا ئۆسىدۇ.

تام پاتمىچۇقىتام پاتمىچۇقى ئادەتتە كۈندۈزى يېتىپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان ھايۋان. كۈندۈزى ئۇ يوشۇرۇنۇپ يېرىق، كاھىش لەمپە ئاستى ئىشكاپ ئارقىسى قاتارلىق جايلارغا يۇشۇرنىدۇ، كېچىسى بولسا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.ياز كۈز پەسىللىرىنىڭ كەچلىرىدە، تام پاتمىچۇقى چىراغ يورۇقى چۈشكەن تام-تورۇسلارغا ۋە ئىستولبىغا چىقىۋېلىپ، مەخسۇس پاشا، چىۋىن، پەرۋانە قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلانى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇ خۇددى تامغا چىقىۋالغان بەھەيۋەت كىچىك يولۋاستەك ناھايىتى سالماق ۋە توغرا ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «تامدىكى كىچىك يولۋاس» دەپمۇ ئاتىشىدۇ. تام پاتمىچۇقى كۈشەندىسىگە يولۇقۇپ قالسا، قۇيرۇقى ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئۈزۈلۇپ كەتكەن قۇيرۇقى نېرۋىلارنىڭ رولى ئوينىشى تۈپەيلىدىن بىردەم قىمىرلاپ تۇرغاچقا، كۈشەندىسى تام پاتمىچۇقىنى تاشلاپ قويۇق، قۇيرۇق بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. پايدىسى باركى، زىيىنى يوق ھايۋان. 

تـۇخـۇم تۇغۇش ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. 

تام پاتمىچۇقىئاساسلىقى ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب ۋە چاڭجياڭ ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايلار؛ يەنە ياپونىيە ۋە چاۋشەن تارقالغان. كەسلەنچۈكلەر كەنجى ئەترىتى تام پاتمىچۇقى ئائىلىسى بارلىق كەسلەنچۈكنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، تەخمىنەن 80 خىلدىن 750 خىلغىچە ئۇرۇقداشلىرى بار. ئادەمگە زىيانسىز، لېكىن ئاۋازى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ.

تام پاتمىچۇقىكىشىلەر مىكروسكوپتىن پايدىلىنىپ كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تىرناق ۋە بارماقلىرىنىڭ ئاستىدىكى تېرىسىدە مىليۇنلىغان تىكەنسىمان كىچىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ تىكەنسىمان نەرسىدە يەنە سانسىز قوشۇقسىمان نەرسىنىڭ ئىنتايىن قويۇق ھالەتتە كۆپۈپ چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل ئالاھىدە ئەزالار تام، تاختاي، ئەينەك قاتارلىق سىلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ناھايىتى زور سۈركىلىش كۈچى پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، تام پاتمىچۇقى سىلىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ كەتمەي ئەركىن-ئازادە يۈگۈرۈپ يۈرەلەيدۇ.[0]




ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#