پاقا يوپۇرمىقى
پاقا يوپۇرمىقى بولسا ئۆسۈملۈكىنىڭ يۇپۇرمىقى بۇلۇپ ئاغرىق پەسەيتىش، قورۇش، تۇتۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پاقا يوپۇرمىقى پاقا يوپۇرمىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ يوپۇرمىقى كۈلرەڭگە مايىل يېشىل، ئەرى–بۈگرى، يۆگىمەچ كېلىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ، پۇراقلىق، يوپۇرماقنىڭ شەكلى قوينىڭ تىلىغا ئوخشاش ئۇزۇنچاق، پۇراقلىق ھەم يېپىشقاق كېلىدۇ، كۈز پەسلىدە يىغىۋىلىنىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن چىقىدۇ.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
1. بەلغەم بوشۇتىدۇ. قايناتمىسى بەلغەم بوشۇتۇش تەسىرىنى بېرىدۇ.
2. باكتېرىيىدە قارشى تەسىرى بار. سۇدىكى چىلانمىسى باكتېرىيىگە قارشى تەسىرنى بېرىدۇ.
3. سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى بار. سۇدىكى چىلانمىسى سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىنى بېرىدۇ.
4. ئاشقازان، ئۈچەيگە تەسىرى: ئاشقازان – ئۈچەي ئاجراتمىسى كۆپەيتىدۇ.
1. پاقا يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ قۇلاقنى تەرلەتسە ياكى سۈيىنى قۇلاققا تىمىتسا ئىسسىقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ چىققان سۈيىدە ئېغىزنى غار–غار قىلسا چىش ئاغرىقى، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. پاقا يوپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. پاقا يوپۇرمىقىنى ئىزىپ سىرتىدىن زىماد قىلسا ھەر خىل قاناش، جاراھەت ئىششىقلار، بوغۇم ئاغرىقى، سۇڭى چىقىپ قىلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەرقى بارىتەڭ، سىپوپى تىن
ئىچى سۈرۈش، تولغاق، قۇلاق ئاغرىقى، بۇرۇن قاناش، گال ئاغرىقى، بوۋاسىر، ھېيىز كۆپ كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
پـۈتـۈن چـۆپىـدە ئاۋكـوبـىـن(Aucubine) پـىـلانـتـاگىـنىن (Plantoginine) ئاتىسدوم ئورسولىكوم (Vrsollc acid ۋيتامىنC,B1 قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.