تاجىكىستان

تاجىكىستان جۇمھۇريىتى

تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى (The Republic of Tajikistan) قىسقارتىلىپ تاجىكىستان دىيىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھېسابلىنىدۇ. غەربى ۋە شىمالى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن، شەرقى جۇڭگو بىلەن جەنۇبى ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى تاجىكىستان 塔吉克斯坦
ۋاقىت رايونى UTC+5
دۆلەت تىلى تاجىك تىلى
نوپۇسى 8 مىليون 48 مىڭ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔吉克斯坦共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
پايتەختى دۈشەنبە
سىيسى تۈزۈلمىسى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
يەر مەيدانى 143 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاجىكىستان جۇمھۇريىتىتاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى (The Republic of Tajikistan) قىسقارتىلىپ تاجىكىستان دىيىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھېسابلىنىدۇ. غەربى ۋە شىمالى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن، شەرقى جۇڭگو بىلەن جەنۇبى ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. تاغلىق ۋە ئىگىزلىكلەر دۆلەت زىمىنىنىڭ %90 نى تەشكىل قىلغاچقا "ئىگىز تاغ دۆلىتى" دىگەن نامى بار.

يەر مەيدانى 143 مىڭ بىر يۈز كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 8 مىليون 48 مىڭ . تاجىكلار %80، ئوزبەكلەر %16، رۇسلار %1، قىرغىزلار %1 ، قالدىسىنى بەدەخشاندىكى رۇشان، سارىكول ۋە باشقا تاغلىق قەبىلىلەر ئىگەللەيدۇ. ئاھالىنىڭ %85 نى سۈننى مەزھىبىگە، %5 شىئە مەزھىبى ئىسمائىلىيە تارمىقىغا(ئاساسەن تاغلىق بەدەخشان ئاپتونۇم ئوبلاستىدىكىلەر) ئىشىنىدۇ . دۆلەت تىلى -- تاجىك تىلى، رۇس تىلى مىللەتلەر ئارا ئالاقە تىل ھىساپلىنىدۇ. دۆلەت بايرىمى : 1991-يىل 9-سېنتەبر 

تاجىكىستان جۇمھۇريىتىتاجىكىستان جۇمھۇريىتى زىمىنى ئەسلىدە تۈركى چارۋىچى كەۋملەر ئولتۇراقلاشقان زىمىن بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە ئىرانلىقلار قۇرغان دارا ئىمپىرىيىسى دەۋرىد تاجىكلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا ماكانلاشقان. ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزۇن مەزگىلدە يەرلىك تۈركلەر قۇرغان ھاكىمىيەتنىڭ قولىدا بولغان، 9- ئەسىردە تاجىكلار تارىختا بىرىنجى قېتىم بۇخارانى مەركەز قىلغان، زىمىنى كەڭ، قۇدرەتلىك سامانىلار سۇلالىسىنى قۇردى. سامانىلار خانلىقى دەۋرىدە پارىس تىل-ئەدەبىياتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى بىلەن تاجىك مىللىتى ئاستا-ئاستا ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، تاجىكلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى مانا مۇشۇ ئەسىرگە سوزۇلغان تارىخىي دەۋردە شەكىللەنگەن. 10 ~ 13-ئەسىرلەردە ساسانىلار، قاراخان  ۋە خارازىم خانلىقلىرىنىڭ قول ئاستىدا بولدى. 13-ئەسىردە مۇڭغۇل-تاتارلار تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلدى. 16- ئەسىردىن باشلاپ بۇخارا خانلىقىغا قوشۇلدى. 1920-يىلىدىكى بۇخارا خەلق ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇخارا سوۋېت خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1924-يىل 14-ئوكتەبىر تاجىكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئوزبېكىستان سوۋەت سوتسىيالىستىك جۇمھۇريىتىگە تەۋە بولدى. 1929-يىل 16-ئوكتەبىر تاجىكىستان سوۋەت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 5 دېكابردا سوۋەت ئىتتىپاقى تەركىۋىگە كىردى. 1990-يىل 24-ئاۋغۇست تاجىكىستان ئالىي سوۋىتى جۇمھۇرىيەت ئىگىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىنى ماقۇللىدى. 1991-يىل ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى دولەت نامى تاجىكىستان جۇمھۇريىتىگە ئوزگەرتىلدى، شۇ يىلى 9- سېنتەبر كۇنى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، مۇشۇ كۈننى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى قىلىپ بېكىتتى. 

تاجىكىستان جۇمھۇريىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق مەملىكىتى ھېسابلىنىدۇ. غەربى ۋە شىمالى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن، شەرقى جۇڭگو بىلەن جەنۇبى ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

تاجىكىستان جۇمھۇريىتى  تاجىكىستاننىڭ پۇلى سوم بولۇپ 2002-يىلى 2.7 سوم بىر دوللار، 2004-يىلى 2.97 سوم بىر دوللار، 2006-يىلى 3.3 سوم بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.

بايرىقى

تاجىكىستان جۇمھۇريىتىتاجىكىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە گىرىبى دولەت بايرىقى: تىك توت بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 2:1. ئۇستىدىن ئاستىغا قىزىل، ئاق، يېشىل 3 خىل توغرىسىغا رەڭلەردىن تۈزۈلگەن، ئاق رەڭ قىسمىنىڭ ئوتتۇرىدا خان تاجى ۋە يەتتە يۇلتۇز جايلاشقان. قىزىل رەڭ دولەت غالىبىيىتىنىڭ، يېشىل رەڭ تېنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ، ئاق رەڭ خاتىرجەملىككە بولغان ئىنتىلىشنىڭ ، يېشىل رەڭ تاقىكىستاننىڭ ھاياتى كۈچكە تولغانلىقىنىڭ سىمىۋولىبولۇپ خان تاجى تاجىك مىللىتىنىڭ، يەتتە دانە يۇلتۇز ئوبلاستلارنىڭ سىمۋولى.

(تاجىكىستان 1929-يىلى سوۋەت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقتاش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، 1953-يىلدىن باشلاپ ئۇستىدە يۇلتۇز ۋە ئورغاق-بولقا شەكلى چۈشۈرۈلگەن، ئاستىدا توغرىسىغا ئاق ۋە يەشىل بەلۋاغ بولغان قىزىل بايراقنى ئىشلەتكەن.1991-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھازىرقى دولەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن).

گىرىبى

تاجىكىستان جۇمھۇريىتىدۆلەت گىرىبى يۇمۇلاق چەمبەر شەكىلدە بولۇپ ئوتتۇرسىدا تاجىك ئاتالغۇسىغا سىمۋول قىلىنغان خان تاجى ۋە تاجىكىستاندىكى ئوبلاستلارغا ۋەكىللىك قىلغان يەتتە يۇلتۇز ھەمدە يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن تاجىكىستانغا سىمۋول قىلىنغان يېڭى كۆتىرىلىۋاتقان قۇياش، تاجىكىستاننىڭ تاغلىق زىمىن بولۇشىدەك جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتكەن تاغ چوققىسىنىڭ شەكىللىرى بار، ئىككى يان تەرىپىدە تاجىكىستان ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى بولغان پاختا ۋە بۇغداي باشاقلىرى لېنتا شەكلىدە ئورۇنلاشقان، توۋەن تەرىپىدىكى ئېچىلغان كىتاپتاجىكىستاننىڭ قەدىمقى شانۇ-شەۋكەتلىك ئەدەبى مىراسلىرى ۋە مەدىنىيىتىگە سىمۋول قىلىنغان.

تاجىكىستان جۇمھۇريىتىتاجىكىستاننىڭ رەڭلىك مېتاللار، كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار، كۆمۈر، تاش تۇزى قاتارلىق تەبىئىي بايلىقى مول بولسىمۇ لېكىن تەبىئى شارائىتى ناچار، تولۇق ئېچىلمىغان بولغاچقا  ئەسلىدىنلا سوۋېت ئىتىپاقىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەت بولۇپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.  2006-يىلى تاجىكىستاننىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2مىليارت دوللار بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 285دوللار توغرا كېلىدۇ. ئىچكى ئۇرۇش 2001-يىلى توختىغاندىن بېرى تاجىكىستاننىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىشى 7% ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.

تاجىكىستاندا مۇقىم تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 249 مىڭ، يانفون ئىشلەتكۈچىسى 265 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 5000 بولغان.[0]

The Republic of Tajikistan

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#