ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتى

ياغاچ جام ئۇيغۇر لارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بىرى. ياغاچ جام تېرەك، سۆگەت، ياڭاق ياغىچىدىن ياسىلىپ، چىرايلىق نەقىش-گۈللەر چىقىرىلىپ، كۆركەم ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتى
ماتېرىيالى تېرەك، سۆگەت، ياڭاق ياغىچى
خەنزۇچە نامى 维吾尔族的木碗艺术

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتىجام كۇرۇشكىغا ئوخشاش تۇتقۇچى بار قاچىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تېرەك، سۆگەت، ياڭاق ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. جام شەكىل جەھەتتىن ئاياققا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ گىرۋىكى بولمايدۇ. ئۇزۇنچاق، تىك ھالەتتە بولىدۇ. 

ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتىجام ياساشتا ھۆل ھالەتتىكى توم ياغاچ 25 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىلىپ، ئوتتۇرىدىن يېرىلىپ، يېرىلغان يۈزى كەكە بىلەن تەكشىلىنىپ، بۇرجەكلىرى يونۇلۇپ، يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن قىيدام كەكىدە ئىچى ئازراق ئويۇپ كاۋاك ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتكۈر تىغلىق قىرغۇ ئەسۋابى بىلەن جامنىڭ ئىچى تىك ھالەتتە ئويىلىدۇ. 

جام چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس بىر خىل ھەجىم، بىر خىل شەكىلدە قىرىلىدۇ ۋە چىرايلىق نەقىش-گۈللەر چىقىرىلىپ، كۆركەم ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇنى ياغلاپ، ھەل بېرىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن نەپىس بىر خىل سەنئەت بۇيۇمغا ئايلىنىدۇ. يۇقىرى ھۈنەر-سەنئەت ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن ھەر خىل شەكىل-نۇسخا ۋە رەڭلەردىكى تۈرلۈك نەپىس جاملار بىر تەرەپتىن كۈندىلىك تۇرمۇشقا لازىملىق ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە تاۋار بۇيۇم ھېسابلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېستېتىك قىممىتىگە ئىگە گۈزەل-سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتىئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر فولكلور قاتلىمىدىكى جام ياساش ھۈنەر-سەنئىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تېخنىكا ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىنچىكە ھۈنەر. مەيلى ھازىر قىرىپ ياسىلىۋاتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسۇن، ياكى قەدىمكى شەھەر-قەلئە خارابىلىرى ۋە ئىپتىدائىي قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بۇنىڭدىن 2000-3000 يىللار ئىلگىرىكى مەدەنىيەتكە تەۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ھەر خىل سىزىق، شەكىل، نەقىشلەر ئويۇلغان. جام قاتارلىق يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ قىرمىچىلىق سەنئىتىگە ئائىت تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى نەقىشلەر يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئېستېتىك قاراشلىرى، سەنئەت چۈشەنچىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم يىپ ئۇچى بولالايدۇ. 

جامجام قاتارلىق نەپىس ياغاچ قاچا-قۇچىلاردا ئەكس ئەتكەن گۈزەللىك، ئېستېتىك زوق بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا تەرەققىياتنىڭ ئىپادىسى. جام قاتارلىق نەپىس ياغاچ قاچا-قۇچا ياساش ھۈنەر-سەنئىتى يونۇش-ئويۇش ۋە قىرمىچىلىق ئۆز ئارا گىرەلەشكەن قول ھۈنەر-سەنئىتى بولۇپ، ھازىرقى كۈندە ئۆزىنىڭ نەپىسلىكى، تەبىئىي، ساپ، زىيانسىز مەھسۇلاتلىقى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ھازىر كىشىلەر تەبىئىي، زىيانسىز مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان بولدى. شۇ سەۋەبتىن قەشقەر، خوتەن تەرەپلەردىكى ئۇيغۇر ئۇستىلارنىڭ ياغاچ قاچا-قۇچا ياساش سەنئىتى بارغانسېرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تېپىۋاتىدۇ. ياغاچ قاچا-قۇچا بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى شۇ تۈردىكى ئادەتتىكى فار-فۇر بۇيۇملارنىڭ باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ جام ياساش سەنئىتىتارىخ-ئارخېئولوگىيە مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، تارىم-تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى ئىپتىدائىي بوستانلىق ۋادىلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا ياغاچتىن ھەر خىل جاملارنى ياساپ ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن. 1979-يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى گۇمۇگۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 3800-4000 يىل بۇرۇنقى ياغاچ جام قېزىۋېلىنغان. 1985-يىلى پىچان ناھىيەسى دىكى سۇ بېشى قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن ئىككى دانە ياغاچ جام تېپىلغان. 1987-يىلى توقسۇن ناھىيەسى دىكى بوستان قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن ئىككى دانە ياغاچ جام تېپىلغان. 1986-ۋە 1987-يىللىرى بۈگۈر ناھىيەسى دىكى چۇمپاق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن تەخمىنەن 2600-2950-يىللار ئىلگىرىكى دەۋرگە تەۋە بولغان بىر دانە بىر قۇلاقلىق ياغاچ جام تېپىلغان. 1996-يىلى چەرچەن ناھىيەسى دىكى زاغۇنلۇق 2-نومۇرلۇق قەبرىستانلىقىدىن ئۈچ دانە ياغاچ جام تېپىلغان. دىيارىمىزدا ھازىرغا قەدەر يۈرگۈزۈلگەن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىشلاردا تېپىلغان بۇيۇملاردىن قارىغاندا، جام قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان يېمەك-ئىچمەك جابدۇقلىرى ئاساسەن قۇمۇل بوستانلىقى، تۇرپان ئويمانلىقى، لوپنۇر رايونى، تارىم ۋادىسى، قەشقەر ۋە خوتەن بوستانلىقىدىن ئىبارەت ھاۋا كېلىماتى قۇرغاق جايلاردىن تېپىلغان. مىلادىيەنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋرلەردە، جام قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان جابدۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىش، تارقىلىش دائىرىسى خېلى كېڭەيگەن ۋە ياغاچچىلىق، قىرمىچىلىق تېخنىكىسى مۇئەييەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#