چاشقان
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاشقانچاشقان بولسا بىر خىل غاجىلىغۇچى ھايۋان. ھەرىكىتى چاققان، ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى ساندىكىلىرى ئوزۇقلۇق تاللىمايدۇ؛ تۈرلىرى كۆپ. چاشقاننىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا ھازىر 450 نەچچە تۈر بار. چاشقان بولسا ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، سانى كۆپ ھەمدە كۆپىيىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاساسەن ھەممە نەرسىنى يەيدۇ، ھەرقانداق جايدا ياشىيالايدۇ. چاشقان تۆشۈك تىشەلەيدۇ، دەرەخكە چىقالايدۇ؛ چۇما، تارقىلىشچان قاناش قىزىتمىسى، ئىلمەك ئۇچلۇق بۇرغىسىمان تەنچە كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى. لېكىن، چاشقان كىشىلەرنى سانسىز دورىلارنىڭ تەجرىبە سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
دۇنيادا تەخمىنەن 1700 خىلدىن ئارتۇق ئاشقان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە تەخمىنەن 170 خىلدىن ئارتۇق چاشقان بار، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق چاشقان تۈرى 33 خىل.
1.قوڭۇر چاشقان
2. كىچىك ئۆي چاشقىنى (كىچىك چاشقان)
3. ئۆگزە چاشقىنى، چوڭ ئامبار چاشقىنى، سېرىق مۈرە چاشقان قاتارلىقلار.
4. سېرىق تۆش چاشقان
5. قارا يوللۇق ئامبار چاشقىنى : كىچىك ئامبار چاشقىنى، تاغىل ئامبار چاشقىنى، قوۋۇزلۇق ئامبار چاشقىنى، يوللۇق دۈمبە كىچىك ئامبار چاشقىنى.
سەزگۈرلۈكى يۇقىرى
چاشقانپۇراش سېزىمىگە تايىنىپ نەدە نېمە بارلىقىنى بىلەلەيدۇ، كېچىسى چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ ، كۈندۈزى يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتى يۇقىرى : خېلى زېرەك، ئىنتايىن جانلىق ھەم ھىيلىگەر، قورقۇنچاق، ئۇۋىسىدىن چىققاندا، ئىككى ئالدى پۇتىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ، ئوڭ-سولغا قاراپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن چىقىدۇ؛ ئۇ ئۇۋىسىنى يېمەكلىك، سۇ مەنبەسى بار يەرگە سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئازراق شەپە ياكى ئۆزگىرىش، ئۇنى ھوشيار ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، ئالدىغا مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، تونۇش يول بىلەن ئارقىغا يانىدۇ؛ چاشقان ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئەستە ساقلاش ۋە ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ھۇجۇم ئۇچرىغان يەرنى ئۇزۇن ۋاقىت ئېسىدە تۇتۇپ يېقىن يولىمايدۇ.
سۇ ئۈزۈشكە ماھىر
چاشقانچاشقان سۇ ئۈزۈش ماھىرى، چاشقان ئارقا پۇتى بىلەن سۇ ئۈزۈپ، ئالدى پۇت بىلەن يۆنىلىشنى كونترول قىلىدۇ، قۇيرۇقى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ چىدامچانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇلار ئۈچ كۈن ئۇدا سۇ ئۈزەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار سۇ ئاستىغا چۆكۈشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، سۇ ئاستىدا تىنماي ئۈچ مىنۇت تۇرالايدۇ.
ئوزۇقلىنىش
چاشقانچاشقاننىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى بەك مۇرەككەپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىشلەر يىگەن نەرسىلەرنى ئۇ يەۋېرىدۇ، كىسلاتالىق، تاتلىق، ئاچچىق، چۈچۈمەل نەرسىلەدىن قورقمايدۇ، لېكىن ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغىنى دانلىق زىرائەت تۈرىدىكىلەر، گازىر، خاسىڭ ۋە مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، يېتىلگەن بىر چاشقان بىر قېتىمدا ئىككى چاياننى يىيەلەيدۇ. بىر چاشقان بىر يىلدا تەخمىنەن 9 كىلوگىرام ئاشلىق يەپ بولىدۇ. چاشقان ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا ماسلىشالايدۇ، شۇڭا ئۇ ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان تۈر.
كىچىك چاشقان بالدۇر يېتىلىدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىدە ھاشارات بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بولۇپ، بالىلىرىنىمۇ ھاشارات بىلەن باقىدۇ، ئۆمرى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان چاشقان بالىسىنىڭ پۈتۈن بەدىنى تۈكسىز، ئىچ-ئىچىدىن گۆش رەڭ، ئىككى كۆزى ئېچىلمىغان، ئىككى قۇلىقى تېرىسىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ. بىر ھەپتىلىك بولغاندا ئۆمىلەيدۇ، 12 كۈنلۈك بولغاندا كۆزى ئېچىلىدۇ.
ئىنسانلاردىن باشقا ، چاشقان سۈت ئەمگۈچىلەر ئىچىدىكى ۋە كۆپىيىشى ئەڭ تېز ھەم ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۈر. ھەر يىلى كۆپ بولغاندا سەككىز قېتىم بوغاز بولىدۇ، ھەر قېتىمدا 7-4 گىچە كىچىك چاشقان تۇغىدۇ.
چاشقانتۈر توپىنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى گېئومېتىرىك پروگرېسسىيە بويىچە ھەسسىلەپ ئاشقان، لېكىن ئەمەلىيەتتە تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئېشىش سۈرئىتى چەكلىك، زىچلىقى مۇھىتنىڭ سىغدۇرۇش مىقدارى چېكىگە يەتكەندە، ئېشىش سۈرئىتى 0 ئەتراپىدا داۋالغۇيدۇ. چاشقان ئاپىتىنى تۈزەشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا، دەل سىغدۇرۇش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش. ئىنسانلار باشقۇرمىغان ئەھۋالدىمۇ، چاشقان سانىدا پەسىللىك ھەم يىللىق ئۆزگىرىش بار. ئوخشاش بولمىغان چاشقان تۈرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.