كەۋرەك

كەۋرەك ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كەۋرەك
ئىنگلىزچە Divaricate Saposhnikovia
خەنزۇچە ئاتىلىشى 防风 fang feng
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كەۋرەكنىڭ يىلتىزى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان يىلتىزى «كەۋرەك» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

چىقىش ئورنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىدۇ.

خىميىلىك تەركىبى 

كەۋرەك تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي، ماننىتول (Mannitol)، پىكرىك گلىكوزىدى قاتارلىقلار بار.

تەشەننۇچنى بوشىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يەل تارقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئورۇنباسارى

بابۇنە

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىقجان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ئەينۇلا.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، ئاغرىق توختىتىش قاتارلىق تەسىرى بار.

ئاشقازان، بالىياتقۇ، ئۈچەي ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغى، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، يەللىك ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

1.. بابۇنە، يەرلىك شوخلا، ئىكلىلمىلىك، كاكىنەچ، كەۋرەك قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ، ئەرىقى شوخلا بىلەن زىمات تەييارلاپ، قورساق ساھەسىگە چاپسا، قورساق ساھەسىدىكى ياللۇغقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى كەۋرەكنى سوقۇپ تالقانلاپ، سۆرۈنجان يېغى بىلەن بىرلىكتە بوغۇملارغا چاپسا، بوغۇم ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

مىقدارى

16~8 گرام

ساقلاش

ئەتىياز ياكى كۈز پەسلىدە يىلتىزىنى كولاپ ئېلىپ قۇرۇتۇلىدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#