توغراقلىق يېزىسى

توغراقلىق يېزىسى

توغراقلىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى گە جايلاشقان. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 52 كۋادرات كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى توغراقلىق يېزىسى
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى
نوپۇسى 5577 ئادەم
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 52 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توغراقلىق يېزىسىتوغراقلىق يېزىسى چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 52 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا بىر پارچە توغراقلىق دىگەن مەنىدە. يېزا تەۋەلىكىدە ئالتە مەمۇرىي كەنت بار، 19 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى ۋە بىر تەرەققىيات رايونى، جەمئىي 1173 ئائىلىلىك، 5577 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 4997 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %87 نى ئىگەللىگەن؛ خەنزۇ 749 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %12 نى ئىگەللىگەن؛ خۇيزۇدىن 12 كىشى. يېزا تەۋەسىدە تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، دوختۇرخانا، قەرز−ئامانەت كوپىراتىپى، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، 3 ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، 1482 نەپەر ئوقۇتقۇچى بار. 

توغراقلىق يېزىسىتوغراقلىق يېزىسىنىڭ مۇستەقىل سۇ مەنبەسى يوق، ئاساسلىق ئىنقىلابىي چوڭ ئۆستەڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. بۇ يېزىنىڭ 1.42 مىڭ مو تېرىلغۇ يېرى بار، ئورمان 0.756 مىڭ مو، 60 مىڭ مو ئوتلاق، چۆل-قۇملۇق ساھىلى 37.64 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 2003-يىلى، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 23 مىليون 900 مىڭ يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %31.9 ئاشقان؛ جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ تەخمىنەن 3 مىليون يۈەن؛ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 2236 يۈەن، ئۆتكەن يىلدىكىدىن مىليون 525 يۈەن ئاشقان، چارۋىچىلىق كىرىمى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم %35 ئىگىلەيدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ئاشلىق «ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسى» ئارقىلىق  ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئوت-چۆپ «ئۈچ مەنبەلىك قۇرۇلمىسى»  ئارقىلىق ئوت-چۆپ بەرپا قىلىنىدى، چىلان، كالا بېقىشنى ئاساس قىلغان، شەھەر ئەتراپى يېزا ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسى. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، قوناق، كېۋەز، بۇنىڭ ئىچىدە : ئاشلىق زىرائەتلىرى كۆلىمى 5000 مو، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 4324.2 توننا؛ كېۋەز كۆلىمى 5000 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 52 5 توننا؛ چىلان تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىڭ مو، 1761 مو بېدە تېرىلغان، كۆكتات 250 مو. يېزا بويىچە يىل ئاخىرىدا ساقلىنىپ قالغان ھايۋانلار 15497 تۇياق، مىڭ تۇياق كالا بېقىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىدىن بىر، سېرىق كالا 1200 تۇياقتىن ئارتۇق؛ نەسىللىك كالا بېقىش بازىسىدىن بىرى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 25000 كۋادرات مېتىر.

زاغۇنلۇق كەنتى، توغراقلىق كەنتى، لەڭگەر كەنتى، ئارىش كەنتى، قوشئېرىق كەنتى، جاۋا ئېرىق كەنتى قاتارلىقلار. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#