تۆمۈر يول قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆمۈر يول قانۇنى.

نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆمۈر يول قانۇنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1990 – يىل 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى 中华人民共和国铁路法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1991 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(1990 – يىل 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    25 – نومۇرلۇق

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى > قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    1 – ماددا بۇ قانۇن تۆمۈريول تىرانسپورتى ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تۆمۈريول دۆلەت تۆمۈريولى، يەرلىك تۆمۈريول، مەخسۇس تۆمۈريول ۋە تۆمۈريولنىڭ مەخسۇس لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    دۆلەت تۆمۈريولى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى باشقۇرىدىغان تۆمۈريولنى كۆرسىتىدۇ.

    يەرلىك تۆمۈريول يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقۇرىدىغان تۆمۈريولنى كۆرسىتىدۇ.

    مەخسۇس تۆمۈريول كارخانىلار ياكى باشقا ئورۇنلار باشقۇرىدىغان، مەخسۇس شۇ كارخانا ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تىرانسپورت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈريولنى كۆرسىتىدۇ.

    تۆمۈريولنىڭ مەخسۇس لىنىيەلىرى كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلار باشقۇرىدىغان، دۆلەت تۆمۈريولى ياكى باشقا تۆمۈريول لىنىيەلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ئاچا لىنىيەلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەت تۆمۈريول ئىشلىرىدا يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشتىن ئىبارەت تىرانسپورت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ، يەرلىك تۆمۈريول، مەخسۇس تۆمۈريول ۋە تۆمۈريولنىڭ مەخسۇس لىنىيەلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

    دۆلەت تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بېرىلگەن مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزىدۇ.

    4 – ماددا دۆلەت دۆلەت تۆمۈريولىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرىدۇ، يەرلىك تۆمۈريولنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن يۆلەيدۇ.

    5 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى سوتسىيالىستىك ئىگىلىك باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇشنى، تۆمۈريول ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، تىرانسپورت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    6 – ماددا پۇقرالارنىڭ تۆمۈريول ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تۆمۈريول ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

    7 – ماددا تۆمۈريول لىنىيەلىرى ياقىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بېكەت، پويىز تەرتىپىنىڭ ئوبدان بولۇشىغا، تۆمۈريول ئەسلىھەلىرىنىڭ ساق بولۇشىغا ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

    8 – ماددا دۆلەت تۆمۈريولىنىڭ تېخنىكىلىق باشقۇرۇش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ، يەرلىك تۆمۈريول ۋە مەخسۇس تۆمۈريولنىڭ تېخنىكىلىق باشقۇرۇش چارىسى دۆلەت تۆمۈريولىنىڭ تېخنىكىلىق باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئاساسەن چىقىرىلىدۇ.

    9 – ماددا دۆلەت تۆمۈريول پەن – تېخنىكىسى تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىپ، تۆمۈريول پەن – تېخنىكىسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. تۆمۈريول پەن – تېخنىكىسى تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

    10 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى يولۇچىلار ۋە يۈك تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، پويىزنىڭ نىشانغا ۋاقتىدا يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    11 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت توختامى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى بىلەن يولۇچىلار، توشۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان كېلىشىمدۇر.

    يولۇچىلارنىڭ پويىز بېلىتى، يۈك – تاق، خالتا بېلىتى ۋە مال توشۇش تالونى توختام ياكى توختامنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

    12 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى يولۇچىلارنىڭ پويىز بېلىتىدە يېزىلغان ۋاقىت، پويىز قېتىمى بويىچە پويىزغا چىقىشىغا ھەمدە كۆزلىگەن بېكەتكە يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يولۇچىلار تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈپەيلىدىن پويىز بېلىتىدە يېزىلغان ۋاقىت، پويىز قېتىمى بويىچە پويىزغا چىقالمىغان بولسا، تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى يولۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە بېلەت پۇلىنى تولۇق قايتۇرۇشى ياكى ئۇلارنى شۇلار كۆزلىگەن بېكەتكە بارىدىغان باشقا پويىزغا چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

    13 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتىنى ئوبدان ئىشلىشى، مەدەنىيەتلىك – ئەدەپلىك، قىزغىن – ئەتراپلىق بولۇشى، بېكەت – ۋاگونلارنى پاكىز تۇتۇشى، قايناق سۇ بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى، پويىزدىكى يېمەك – ئىچمەك تەمىناتى خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.

    تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى تەدبىر قوللىنىپ، تۆمۈريول ياقىسىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    14 – ماددا يولۇچىلار كۈچكە ئىگە بېلەت بىلەن پويىزغا چىقىشى كېرەك. پويىزغا بېلەتسىز چىققانلاردىن ياكى كۈچتىن قالغان بېلەت بىلەن چىققانلاردىن بېلەت پۇلى تولۇقلاپ ئېلىنىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە بېلەت پۇلىدىن ئاشۇرۇپ ئېلىنىدۇ؛ پۇل تۆلىمەي تۇرۇۋالغانلارنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى پويىزدىن چۈشۈرۈۋەتسە بولىدۇ.

    15 – ماددا دۆلەت تۆمۈريولى ۋە يەرلىك تۆمۈريولنىڭ يۈك توشۇش پىلانى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ئوبوروتنى جانلاندۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

    خەتەردىن، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى ۋە دۆلەت ئالدىن توشۇلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن باشقا ماددىي ئەشيالارنى ئاۋۋال توشۇش كېرەك.

    يەرلىك تۆمۈريولدا توشۇلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى دۆلەت تۆمۈريولىدا توشۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنى توشۇش پىلانىنى دۆلەت تۆمۈريولىنىڭ توشۇش پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

    16 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى مال، خالتا، يۈك – تاقلارنى توختامدا پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ياكى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن مۆھلەتتە كۆزلەنگەن بېكەتكە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ مۆھلەت توشقىچە يەتكۈزەلمىگەنلىرى ئۈچۈن تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى خىلاپلىق پۇلى تۆلەيدۇ.

    تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى مال، خالتا، يۈك – تاقلارنى تاپشۇرۇۋالغۇچىغا ياكى يولۇچىغا مۆھلەت توشۇپ 30 كۈنگىچە يەنىلا يەتكۈزۈپ بېرەلمىسە، توشۇتقۇچى، مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى يولۇچى مال، خالتا، يۈك – تاقلىرىنى يوقاپ كەتكەن دەپ ھېسابلاپ، تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    17 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان مال، خالتا، يۈك – تاقلار توشۇشقا تاپشۇرۇۋېلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ يەتكۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا يوقاپ كەتسە، كېمىيىپ كەتسە، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتسە، بۇلغانسا ياكى بۇزۇلسا، ئۇنى تۆلەپ بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

    (1) توشۇتقۇچىلار ياكى يولۇچىلاردىن قىممەت كاپالىتى بويىچە توشۇتۇشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلغانلىرىغا تارتقان ئەمەلىي زىيىنى بويىچە تۆلەيدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا قىممەت كاپالەت سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛

    (2) قىممەت كاپالىتى بويىچە توشۇلمىغانلارنىڭكىنى تارتقان ئەمەلىي زىيىنى بويىچە تۆلەيدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن تۆلەم چېكىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ زىيان تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسىنىڭ قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تارتقان ئەمەلىي زىيىنى بويىچە تۆلەيدۇ، تۆلەم چېكىگە دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

    توشۇتقۇچى ياكى يولۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتىدە يۈك تىرانسپورت سۇغۇرتىسى بېجىرسە بولىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى سۇغۇرتا توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

    توشۇتقۇچى ياكى يولۇچى مېلىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىممەت كاپالىتى بويىچە توشۇتسىمۇ، يۈك تىرانسپورت سۇغۇرتىسى بېجىرسىمۇ بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك قىممەت كاپالىتى بويىچە توشۇتمىسىمۇ، يۈك تىرانسپورت سۇغۇرتىسى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ. قىممەت كاپالىتى بويىچە توشۇتۇش ياكى يۈك تىرانسپورت سۇغۇرتىسى بېجىرىشنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ.

    18 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن زىيانغا ئۇچرىغان مال، خالتا، يۈك – تاقلارنى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

    (1) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب؛

    (2) مال ياكى خالتا، يۈك – تاق ئىچىدىكى بۇيۇملارنىڭ ئۆزىدىكى تەبىئىي خۇسۇسىيەت ياكى مۇۋاپىق خوراش؛

    (3) توشۇتقۇچى، مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى يولۇچىنىڭ سەۋەنلىكى.

    19 – ماددا توشۇتقۇچى توشۇتۇش تالونىنى ئەينەن تولدۇرۇشى كېرەك. تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى مەلۇم قىلىنغان مالنى ۋە خالتىدىكى بۇيۇمنىڭ نامىنى، ئېغىرلىقىنى، سانىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم قىلغىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى سېزىلسە، تەكشۈرۈش ھەققىنى توشۇتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مەلۇم قىلغىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا، تەكشۈرۈش ھەققىنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈشتە مال ۋە خالتىدىكى بۇيۇملار زىيانغا ئۇچرىسا، ئۇنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى تۆلەيدۇ.

    توشۇتقۇچى ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كەم تاپشۇرغان كىرا ھەققى ۋە باشقا ھەقنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كىرا ھەققى ۋە باشقا ھەقنى ئاشۇرۇپ ئالىدۇ.

    20 – ماددا توشۇتۇلىدىغان مالنى ئوراش – قاچىلاشقا توغرا كەلسە، توشۇتقۇچى ئۇنى دۆلەتنىڭ ئوراش – قاچىلاش ئۆلچىمى ياكى ساھەنىڭ ئوراش – قاچىلاش ئۆلچىمى بويىچە ئوراپ قاچىلىشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ ئوراش – قاچىلاش ئۆلچىمى ياكى ساھەنىڭ ئوراش – قاچىلاش ئۆلچىمى بولمىغان مالنى توشۇش داۋامىدا ئورالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوبدان ئوراش – قاچىلاش كېرەك.

    تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان، ئاسان سېسىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ماللار ۋە تىرىك ھايۋانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە ئۈنۈملۈك ئاسرىشى كېرەك.

    21 – ماددا مال، خالتا، يۈك – تاق بېكەتكە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى يولۇچى ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن مۆھلەتتە ۋاقتىدا ئېلىۋېلىشى ھەمدە توشۇتقۇچى تۆلىمىگەن ياكى كەم تۆلىگەن كىرا ھەققى ۋە باشقا ھەقنى تۆلىشى كېرەك؛ تاپشۇرۇۋېلىش مۆھلىتىدىن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسا، تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى يولۇچى بەلگىلىمە بويىچە ساقلاش ھەققى تۆلەيدۇ.

    22 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى مالنى ئېلىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈنگىچە مالنى ئېلىۋېلىشقا يەنىلا ئادەم چىقمىسا ياكى تاپشۇرۇۋالغۇچى شۇ مالنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا، ئۇنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى توشۇتقۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. توشۇتقۇچى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈنگىچە جاۋابىنى بەرمىسە، ئۇنىڭ مېلىنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى سېتىۋېتىدۇ؛ ساتقان پۇلدىن ساقلاش ھەققى ۋە باشقا ھەقلەرنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن يەنە ئېشىپ قالسا، ئۇنى توشۇتقۇچىغا قايتۇرۇشى كېرەك، قايتۇرغىلى بولمىسا، مالنى ساتقان كۈندىن باشلاپ 180 كۈنگىچە توشۇتقۇچى كېلىپ ئېلىپ كەتمىسە، ئۇ دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

    تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى تاپشۇرۇۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈنگىچە ئېلىپ كېتىلمىگەن خالتا ياكى بېكەتكە يېتىپ كەلگىنىگە 90 كۈن بولۇپ يەنىلا ئېلىپ كېتىلمىگەن يۈك – تاق توغرىسىدا ئېلان چىقىرىشى كېرەك، ئېلان چىقىرىلىپ 90 كۈنگىچە يەنىلا ئېلىپ كېتىلمىگەنلىرىنى سېتىۋەتسە بولىدۇ؛ ساتقان پۇلدىن ساقلاش ھەققى ۋە باشقا ھەقلەرنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن يەنە ئېشىپ قالسا ئۇنى توشۇتقۇچى، تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى يولۇچى مالنى ساتقان كۈندىن باشلاپ 180 كۈنگىچە ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، مۆھلەت توشقىچە ئېلىپ كەتمىسە، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

    خەتەرلىك بۇيۇملارنى ۋە توشۇشقا چەك قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بۇيۇملارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك. ئۆز ئالدىغا سېتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

    ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلىش مۆھلىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قىسقارتىشقا بولىدۇ.

    23 – ماددا يولۇچى، توشۇتقۇچى ياكى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈپەيلىدىن تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسىنىڭ مال – مۈلكىگە يەتكەن زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى يولۇچى، توشۇتقۇچى ياكى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

    24 – ماددا دۆلەت مەخسۇس تۆمۈريوللاردا يولۇچى، يۈك تىرانسپورت ئاممىۋى تىجارىتىنى قوشۇمچە يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ؛ تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەلىرىدىن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كېلىشىپ تەڭ پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

    مەخسۇس تۆمۈريولدا يولۇچى، يۈك تىرانسپورت ئاممىۋى تىجارىتىنى قوشۇمچە يولغا قويىدىغانلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

    مەخسۇس تۆمۈريولدا يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت ئاممىۋى تىجارىتىنى قوشۇمچە يولغا قويىدىغانلارغا مۇشۇ قانۇندىكى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسىغا دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

    25 – ماددا تۆمۈريول يولۇچىلار بېلەت باھاسى نىسبىتى ۋە مال، يۈك – تاقلارنىڭ توشۇش باھا نىسبىتىدە ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ياكى ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى يولغا قويۇلىدۇ، رىقابەتلىك ساھەلەردە بازار تەڭشەلمە باھاسى يولغا قويۇلىدۇ. ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ۋە ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىنى بېكىتىشنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ۋە كونكرېت تەتبىقلاش دائىرىسىدە مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتمە باھا مۇندەرىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ. تۆمۈريولدا يولۇچى ۋە يۈك توشۇش پارچە خىراجىتىنىڭ ھەق تۈرى ۋە ھەق ئۆلچىمىنى شۇنىڭدەك تۆمۈريول پوسۇلكىسى توشۇش باھا نىسبىتىنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ.

    26 – ماددا تۆمۈريول يولۇچىلىرىنىڭ بېلەت باھاسى، مال، خالتا، يۈك – تاق كىرا ھەققى، يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتى پارچە خىراجىتى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەقنىڭ تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىش شەرت، ئېلان قىلىنمىغانلىرىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.

    27 – ماددا دۆلەت تۆمۈريولى، يەرلىك تۆمۈريول ۋە مەخسۇس تۆمۈريوللارنىڭ بېسىپ تەييارلانغان يولۇچىلار بېلىتى ۋە يۈك تىرانسپورت تالونىنى ياسىۋېلىش ۋە ئۆزگەرتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    يولۇچىلار بېلىتىنى ۋە تۆمۈريول تىرانسپورتىغا دائىر باشقا بېلەتلەرنى ھايىنىغا سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    28 – ماددا مال، خالتا، يۈك – تاقلارنى توشۇتۇش ۋە توشۇشتا، دۆلەتنىڭ توشۇش مەنئى قىلىنغان ياكى توشۇشقا چەك قويۇلغان بۇيۇملار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش شەرت.

    29 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسىنىڭ تاشيول، ئاۋىياتسىيە ياكى سۇ تىرانسپورت كارخانىسى بىلەن مەملىكەت ئىچىدە يولۇچىلارنى ۋە ماللارنى ئۇلاپ توشۇشى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولمىسا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمى بويىچە بولىدۇ.

    30 – ماددا دۆلەت تۆمۈريولى، يەرلىك تۆمۈريوللارنى خەلقئارا ئۇلاپ توشۇشقا قاتناشتۇرۇشتا گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىش شەرت.

    31 – ماددا تۆمۈريول ھەربىي تىرانسپورت ئىشلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

    32 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت توختامىغا دائىر تالاش – تارتىش يۈز بەرگەندە، ئۇنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى بىلەن توشۇتقۇچى، تاپشۇرۇۋالغۇچىلار ياكى يولۇچىلار مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇنىمىغانلار ياكى كېلىشەلمىگەنلەر توختامدىكى كېسىم ماددىلىرىغا ياكى توختاملاشقاندىن كېيىنكى كېسىم ھەققىدە پۈتۈشكەن يازما كېسىم كېلىشىمگە ئاساسەن، دۆلەت بەلگىلىگەن كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    ئالاقىدار بىر تەرەپ بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە كېسىم ئاپپاراتىنىڭ كېسىم قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار توختامدا كېسىم ماددىلىرىنى تۈزمىگەن، توختام تۈزۈشكەندىن كېيىنمۇ كېسىم ھەققىدە يازما كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

    33 – ماددا تۆمۈريول تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈش ھەمدە ئۇنى باشقا شەكىلدىكى قاتناش – تىرانسپورت تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ماسلاشتۇرۇش لازىم.

    34 – ماددا يەرلىك تۆمۈريول، مەخسۇس تۆمۈريول ۋە تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قۇرۇش پىلانىنى مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈيول مەسئۇل تارمىقىنىڭ ياكى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش شەرت.

    35 – ماددا شەھەر پىلانلىنىدىغان رايون دائىرىسىدىكى تۆمۈريول لىنىيەسى، ۋوگزال، تۈگۈن شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ئەسلىھەلەر يىرىك پىلانىنى شۇلار چۈشىدىغان شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

    تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك. يىراق كەلگۈسىدە كېڭەيتىلىدىغان، يېڭىدىن ياسىلىدىغان تۆمۈريوللارغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

    36 – ماددا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش ئىشى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

    ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى قوللىشى، تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا يەر ئېلىش خىزمىتىنى ۋە چېقىش، كۆچۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

    37 – ماددا ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تۆمۈريول قۇرۇلۇشى يېرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالماي، تەستىقلانغان ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك؛ باشقا ئورۇنلارنىڭ ياكى شەخسلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    تۆمۈريول قۇرۇلۇشى يېرىنى ئىگىلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش تارمىقى قىلمىشىنى توختىتىپ، زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ.

    38 – ماددا تۆمۈريولنىڭ ئىككى رېلىسىنىڭ ئۆلچەملىك ئارىلىقى 1435 مىللىمېتىر بولىدۇ. يېڭىدىن ياسىلىدىغان دۆلەت تۆمۈريولىنىڭ ئىككى رېلىسىنىڭ ئارىلىقى شۇ ئۆلچەم بويىچە بولۇشى كېرەك.

    تار رېلىسلىق تۆمۈريولنىڭ ئىككى رېلىسىنىڭ ئارىلىقى 762 مىللىمېتىر ياكى 1000 مىللىمېتىر بولىدۇ.

    يېڭىدىن ياسىلىدىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىلىدىغان تۆمۈريوللارغا قويۇلىدىغان باشقا تېخنىكىلىق تەلەپلەر دۆلەت ئۆلچىمىگە ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

    39 – ماددا تۆمۈريول پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىش شەرت.

    40 – ماددا تۆمۈريول بىلەن تاشيولنىڭ كېسىشكەن جايىدا ئىستېرېئولۇق كېسىشمە ياساشنى ئالدىنئالا ئويلىشىش كېرەك؛ ئىستېرېئولۇق كېسىشمە ياسالمىغان بولسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۈز كېسىشمە يول ئېغىزى ياكى پىيادىلەر يولى ياساشقا بولىدۇ. شەھەر پىلانلىنىدىغان رايوندا تۈز كېسىشمە يول ئېغىزى ياكى پىيادىلەر يولى ياساشنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانا ياكى مەخسۇس تۆمۈريول، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەلىرىنى قۇرغان كارخانىسى ياكى باشقا ئورۇن شەھەرنىڭ يىرىك پىلان مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

    ياسالغان تۈز كېسىشمە يول ئېغىزى ياكى پىيادىلەر يولىنى بۇزۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى ياكى مەخسۇس تۆمۈريول، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەلىرىنى ياسىغان كارخانا ياكى باشقا ئورۇن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

    41 – ماددا دەريانى كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول كۆۋرۈكلىرىنى دۆلەت بەلگىلىگەن كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇ قاتنىشى ۋە سۇ ئېقىنى تەلىپىگە مۇۋاپىق ياساش كېرەك.

    42 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى تۆمۈريول باشقۇرۇشنى ۋە تۆمۈريول مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىشى، تۆمۈريول تىرانسپورت ئەسلىھەلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلىپ تۇرۇشى، تۆمۈريول تىرانسپورت ئەسلىھەلىرىنىڭ ساق تۇرۇشىغا، يولۇچىلار ۋە يۈك تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    43 – ماددا تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۆمۈريولنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ئىش تەقسىماتى بويىچە بىرلىكتە قوغدايدۇ. ۋوگزال بىلەن پويىزنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداشقا تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇل بولىدۇ؛ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداشقا يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىرلىكتە مەسئۇل بولىدۇ.

    44 – ماددا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى تۆمۈريولدىكى سۆرەشكە ۋە تۆمۈريول تىرانسپورت تىجارىتىگە كېتىدىغان توكنىڭ مۇھىم ناگروزكىسىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تۆمۈريول تىرانسپورت تىجارىتىگە كېتىدىغان توكنىڭ مۇھىم ناگروزكىسىنى توك بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى كېڭىشىپ بەلگىلەيدۇ.

    45 – ماددا تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پاسىل سىرتىدىكى تاغ باغرىلىرىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ–تۇپراقنى ساقلايدىغان مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئوڭشايدۇ. تۆمۈريول تونېلى ئۈستىدىكى تاغ باغرىنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوڭشايدۇ. تۆمۈريول پاسىلىنىڭ ئىچىدىكى تاغ باغرىنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى ئوڭشايدۇ.

    46 – ماددا تۆمۈريول لىنىيەسى ۋە تۆمۈريول كۆۋرۈكى، سۈڭگۈچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مەلۇم ئارىلىقتا كۆلچەك، سۇ ئامبىرى، توسما ياساپ، ئۆستەڭ – قانال ئېلىپ، قۇم – شېغىل كولاپ قۇدۇق قېزىپ، تۆمۈريول ئۇلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەرنى ياكى تۆمۈريول كۆۋرۈكى، سۈڭگۈچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا ياكى قۇم – شېغىل كولاش، قۇدۇق قېزىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياكى زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ.

    تۆمۈريول لىنىيەسىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە خەۋەرلىشىش لىنىيەلىرىنى تارتىشقا، كابېل، تۇرۇبا كۆمۈشكە، تۆمۈريول ئۇلى ئاستىدىن تېشىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان يەر ئاستى يولى ياساشقا توغرا كەلسە، تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

    تۆمۈريول ئەگىلمىسىنىڭ ئىچ تەرىپى، تۈز كېسىشمە يول ئېغىزى ۋە پىيادىلەر يولى ئەتراپىغا پويىزدا كۆزىتىپ مېڭىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىمارەتلەرنى سېلىشقا ۋە دەل – دەرەخلەرنى تىكىشكە بولمايدۇ. پويىزدا كۆزىتىپ مېڭىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىمارەتلەرنى سالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پويىزدا كۆزىتىپ مېڭىشقا توسالغۇ بولىدىغان دەل – دەرەخ تىككەن ئالاقىدار ئورۇنلارنى ياكى شەخسلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يۆتكىۋېتىشكە ياكى قىرقىۋېتىشكە، كېسىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

    ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرىغا زىيان سالغان ئورۇنلار ياكى شەخسلەر زىياننى تۆلەيدۇ.

    47 – ماددا تۆمۈريول لىنىيەسىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۈز كېسىشمە يول ئېغىزى ۋە پىيادىلەر يولى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    تۈز كېسىشمە يول ئېغىزى ۋە پىيادىلەر يولىغا بەلگىلىمە بويىچە زۆرۈر بەلگە ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەسى ئورنىتىش شەرت.

    پىيادىلەر ۋە ئاپتوموبىللار تۆمۈريولنىڭ تۈز كېسىشمە ئېغىزىدىن ۋە پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە، ئالاقىدار قاتناش بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

    48 – ماددا خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئىشى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولۇشى شەرت، خەتەرلىك بۇيۇملارنى خەتەرسىز بۇيۇملار نامىدا توشۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

    يولۇچىلارنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ۋوگزالغا كىرىشى، پويىزغا چىقىشى مەنئى قىلىنىدۇ. تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرى يولۇچىلار ئېلىپ ماڭغان بۇيۇملارنى تىرانسپورت بىخەتەرلىكى يۈزىسىدىن تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تىرانسپورت بىخەتەرلىكى يۈزىسىدىن تەكشۈرىدىغان تۆمۈريول ئىشچى–خىزمەتچىلىرى ۋەزىپە ئۆتەش بەلگىسىنى تاقىۋېلىشى كېرەك.

    خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ نامىنى گوۋۇيۈەننىڭ تۆمۈريول مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

    49 – ماددا تۆمۈريولدىكى سىگنال قۇرۇلمىلىرىنى ۋە باشقا پويىز قاتناش ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەنلەرنى ياكى تۆمۈريول لىنىيەسىگە توساق قويغانلارنى تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرى توسۇشقا ھوقۇقلۇق، ئۇلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئاپىرىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

    50 – ماددا يۈك پويىزىغا ئوغرىلىقچە چىقىۋېلىش، كېتىۋاتقان پويىزغا يامىشىپ چىقىش ياكى ئۇنىڭغا چېقىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، يۈك پويىزىغا ئوغرىلىقچە چىقىۋالغانلارنى، كېتىۋاتقان پويىزغا يامىشىپ چىققانلارنى ياكى ئۇنىڭغا چېقىلغانلارنى تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرى توسۇشقا ھوقۇقلۇق.

    51 – ماددا تۆمۈريول لىنىيەسى ئۈستىدە مېڭىش، ئولتۇرۇش، يېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆمۈريول لىنىيەسى ئۈستىدە ماڭغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقانلارنى تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرى توسۇشقا ھوقۇقلۇق.

    52 – ماددا تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 20 مېتىر ئارىلىقتا ياكى تۆمۈريول ئىھاتە ئورمىنىدا مال بېقىشقا بولمايدۇ. تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 20 مېتىر ئارىلىقتا ياكى تۆمۈريول ئىھاتە ئورمىنىدا مال باققانلارنى تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرى توسۇشقا ھوقۇقلۇق.

    53 – ماددا پويىزنى توپلىشىپ توسقانلارنى ياكى پويىز دىسپېتچىرلىك ئاپپاراتىغا توپلىشىپ بېسىپ كىرگەنلەرنى تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرى توسۇشقا ھوقۇقلۇق؛ ئۇنىڭغا ئۇنىمىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنىڭ نەق مەيداندىكى مەسئۇلى بۇيرۇق بېرىپ تارقىتىۋېتىشكە ھوقۇقلۇق؛ زادىلا تارقالماي تۇرۇۋالغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنىڭ نەق مەيداندىكى مەسئۇلى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە زۆرۈر ۋاسىتە قوللىنىپ، مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلىشقا ھەمدە زادىلا بويسۇنماي تۇرۇۋالغانلارنى شۇ يەردىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىشكە ياكى تۇتۇپ تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

    54 – ماددا تۆمۈريولدا توشۇلۇۋاتقان ماددىي ئەشيالارنى بۇلىغانلارنى تۆمۈريول ئىشچى–خىزمەتچىلىرى توسۇشقا ھوقۇقلۇق، ئۇلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئاپىرىپ بەرسە بولىدۇ؛ نەق مەيداندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ.

    55 – ماددا پويىز ئىچىدە ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىپ، جامائەت تەرتىپىنى بۇزغان، يولۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرنى تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرى توسۇشقا ھوقۇقلۇق، ئۇلارنى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ.

    56 – ماددا ۋوگزالدا ۋە يولۇچىلار پويىزىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىك يۇقۇملۇق كېسەل سېزىلسە، تۆمۈريول سەھىيە كارانتىن ئاپپاراتى كارانتىن قىلىدۇ؛ تۆمۈريول سەھىيە كارانتىن ئاپپاراتىنىڭ تەلىپى بويىچە يەرلىك سەھىيە كارانتىن ئاپپاراتى ئۇنىڭغا ياردەملىشىشى كېرەك.

    توشۇلىدىغان مالنى كارانتىن قىلىش دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

    57 – ماددا تۆمۈريولدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە نورمال پويىز قاتنىشىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا ۋە پويىزنىڭ يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    58 – ماددا تۆمۈريولدا كېتىۋاتقان پويىز ھادىسىسىدىن ياكى تۆمۈريول تىرانسپورت تىجارىتىگە دائىر باشقا ھادىسە تۈپەيلىدىن كىشىلەرگە تالاپەت يەتسە، ئۇنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەگەر كىشىلەرگە يەتكەن تالاپەت تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تاشقى سەۋەب ياكى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆزىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئۇنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىسى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

    قائىدىگە خىلاپ ھالدا تۆمۈريولنىڭ تۈز كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ياكى پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈش ياكى تۆمۈريول لىنىيەسىدە مېڭىش، ئولتۇرۇش، يېتىۋېلىش نەتىجىسىدە كىشىلەرگە يەتكەن تالاپەت زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆزىدىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان تالاپەت ھېسابلىنىدۇ.

    59 – ماددا دۆلەت تۆمۈريولىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك ۋە تونېللارنى جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى قوغدايدۇ.

    60 – ماددا خەتەرلىك بۇيۇملارنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ۋوگزالغا ئېلىپ كىرگەنلەر، پويىزغا ئېلىپ چىققانلار ياكى خەتەرلىك بۇيۇملارنى خەتەرسىز بۇيۇملار نامىدا توشۇتۇپ، زور ھادىسە كېلىپ چىقىشقا سەۋەبچى بولغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن مۇشۇ تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئىشتىراپ قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ مەسئۇل خادىمى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    پارتلاتقۇچ دورا، كاپسۇللارنى ئېلىپ ياكى قورال – ياراغ، ئوق، باشقۇرۇلىدىغان تىغلارنى قانۇنسىز ھالدا ئېلىپ ۋوگزالغا كىرگەن، پويىزغا چىققانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    61 – ماددا تۆمۈريولدا پويىز قاتنىشىنىڭ سىگنال قۇرۇلمىسىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەنلەر ياكى تۆمۈريول لىنىيەسىگە پويىز ئاغدۇرۇلۇپ كەتكۈدەك توساق قويۇپ قويغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    62 – ماددا تۆمۈريول لىنىيەسىدە پويىز قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ زاپچاس – دېتاللىرىنى ياكى تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئوغرىلاپ، پويىزنىڭ يۈرۈشىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    63 – ماددا پويىزنى توپلىشىپ توسقان، پويىز دىسپېتچىرلىك ئاپپاراتىغا بېسىپ كىرىپ، توسۇسىمۇ ئۇنىمىغان باش جىنايەتچىلەر ۋە تايانچلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    64 – ماددا تۆمۈريولدا توشۇلۇۋاتقان ماددىي ئەشيالارنى توپلىشىپ بۇلاپ كەتكەن باش جىنايەتچىلەر، تايانچلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرىدىن باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

    65 – ماددا پويىز ئىچىدە يولۇچىلارنىڭ پۇل – مېلىنى بۇلاپ، يولۇچىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

    پويىز ئىچىدە ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقارغان، ئاياللارنى ھاقارەتلىگەنلەردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ يولۇچىلارنىڭ پۇل – مېلىنى قاقتى – سوقتى قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    66 – ماددا يولۇچىلار پويىز بېلىتىنى ھايىنىغا سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرىدىن يولۇچىلار پويىز بېلىتىنى ھايىنىغا ساتقان ياكى باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يولۇچىلار پويىز بېلىتىنى ھايىنىغا ساتقانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    67 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان، لېكىن ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازا بېرىلىدىغانلارغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

    68 – ماددا تۆمۈريول لىنىيەسىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۈز كېسىشمە يول ئېغىزى ۋە پىيادىلەر يولى ئاچقانلارنى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

    69 – ماددا تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كىرا ھەققى، بېلەت پۇلى ياكى يولۇچى، يۈك تىرانسپورتى پارچە خىراجىتىنى كۆپ ئېلىۋالغانلىرى كۆپ ئېلىۋالغان قىسمىنى پۇل تۆلىگۈچىگە قايتۇرۇشى كېرەك، قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىرىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشى كېرەك. كۆپ ئېلىۋالغان خىراجەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرى ياكى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋالغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    70 – ماددا تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرىدىن خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەتكەسچىلىك قىلغان ياكى باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئەتكەسچىلىك قىلغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    71 – ماددا تۆمۈريول ئىشچى – خىزمەتچىلىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، قائىدە – تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈريول تىرانسپورت تىجارىتىدە ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، تىرانسپورت كەسپىنى بېجىرىشتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقانلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

    72 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى تۆمۈريول ئىدارىسىنى ۋە تۆمۈريول شۆبە ئىدارىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    73 – ماددا گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامىنى چىقىرىدۇ.

    74 – ماددا بۇ قانۇن 1991 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#