ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى

ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى

ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى   مېۋىلىك دەرەخ سېرىق ئۆرۈك ۋە سېبىرىيە ئۆرۈكى بولۇپ، قۇرۇتۇلغان مېغىزى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. چاچ ۋە تۈك يىلتىزىنى چىڭىتىش، قۇۋۋەتلەش رولى بار .،

  

ئۇيغۇرچە نامى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى
ئەرەبچە نامى لىب، مىشمىش كالاپ
ئىنگلىزچە 苦杏仁
تەمى ئاچچىق
خەنزۇچە نامى 苦杏仁
پارسچە نامى مېغىزى زەردائالوئى بيىغ، توخومى زەردا ئالوئى تەلىخ
ئوردۇچە نامى خوببانى كى مېغىز خۇىبانى تەلىخ
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى   مېۋىلىك دەرەخ سېرىق ئۆرۈك ۋە سېبىرىيە ئۆرۈكى بولۇپ، قۇرۇتۇلغان مېغىزى ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. تەمى ئاچچىق، 6 – 7 – ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىنىدۇ. ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك، مېۋىلىك دەرەخ بۇلۇپ، رايونىمىز ۋە ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەم چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

بەلغەم بوشىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۈچەينى سىلىقلاش، ئاغرىق توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

تەبىئىت

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسق.

خاس تەسىرى

بەدەندىكى تۈكلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، چاچ ۋە تۈك يىلتىزىنى چىڭىتىش، قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

چوڭ تەرەت قاتتىق، سۇيۇق كەلگەنلەرگە بېرىلمەيدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىيۆتەل، زىققىنى پەسەيتىش، ئېممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۆسمىنى كونترول قىلىش، قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش تەسىرى بار.

1. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، سىيادان، ئامىلە يېغى، شاپتۇل مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ ئامىلە يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ چاچقا چاپسا، چاچنى قارايتىدۇ.

2. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، بادام مېغىزى، زىغىر قاتارلىقلاردىن 3 گرامدىن ئېلىپ، سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىمېغىزى

مىقدارى

1.5~3 گرام

تۈزەتكۈچىسى

 ئۆرۈك قوۋزىقىنىڭ سۈيى، كەتىرا، نىشاستە

ئورۇنباسارى

ئاچچىق- تاتلىق بادام مېغىزى، شاپتۇل مېغىزى، ئوسما يوپۇرمىقى.

سۇفۇپى سۇئال.

چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىپ كېتىش، زۇكام، يۆتەل، دەم سىقىلىش، قەۋزىيەت، جىگەر ياللۇغى، ھەر خىل يارا، جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتلىدۇ.

ئۇرۇقنىڭ تەركىبىدە ئامگىدالىن (Amygdalin)، ئېمولسىن (Emulsin)، ماي ۋە خولېستېرول (cholesterol)، ئېستىرون(Estrone) 2– ئېستىرادىئول (2-Estradiol) قاتارلىقلار بار.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى)[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تول 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=350

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تول

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=350

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#