ئۈنچە گۈل

ئۈنچە گۈلنىڭ يەنە بىر ئىسمى گۈلچىمەن، تاشيارغان ئائىلىسى، ئۈنچە گۈل ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەر. ئۈنچە گۈلنىڭ گۈلى چوڭ ھەم گۈزەل بولۇپ، ئۇ رەڭگىنى قىزىل ھەم كۆك قىلالايدۇ، ئادەمنى ئۆزىگە مەستخۇش قىلىدۇ، دائىم تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەنلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۈنچە گۈل
ئىنگلىزچە نامى big leaf hydrangea
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى تاشيارغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئۈنچە گۈل ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 八仙花
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى تاشيارغان ئائىلىسى
تۈرى ئۈنچە گۈل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈنچە گۈلئۈنچە گۈل يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال بولۇپ، كىچىك شاخلىرىمۇ توم، قوۋزاق تۈشۈكچىلىرى ئېنىق. يوپۇرمىقى چوڭ، ئەمما سەل قېلىن، يۇپۇرماقلىرى قارىمۇ-قارشى ئۆسىدۇ، تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، گىرۋىكىدە يىرىك ھەرە چىشلىرى بولىدۇ، يوپۇرماق يۈزى ئوچۇق يېشىل، يوپۇرماق دۈمبىسى سارغۇچ يېشىل، يوپۇرماق سېپى توم.  

ئۈنچە گۈلئۈنچە گۈلنىڭ ئەسلىي ماكانى جۇڭگو ۋە ياپونىيە. ئىللىق، نەم ۋە يېرىم سايە مۇھىتنى ياقتۇرىدۇ. ئۈنچە گۈلنىڭ ئۆسۈشىگە مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىسى ℃18 ~ ℃28، قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا ℃ 5 تىن تۆۋەن. گۈل بىخىنىڭ ئاجرىلىشىغا ℃7 ~ ℃5 شەرتى ئاستىدا ئالتە ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە ℃20 لۇق تېمپېراتۇرا گۈلنىڭ ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، گۈلى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرىنى ℃16 قىچە ساقلاپ، چېچەكلەش مەزگىلىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. لېكىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا گۈللەر تېز ئۆڭۈپ كىتىدۇ. 

ئۈنچە گۈلئۈنچە گۈلىنىڭ ئەسلىي ماكانى ياپونىيە ۋە جۇڭگونىڭ سىچۈەن ئەتراپىنى كۆرسىتىدۇ. 1736- يىلى ئەنگلىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان. ياۋروپا، گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەدە ئۆستۈرۈش بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، قىزىل گۈل، كۆك، ئۈنچە گۈل بىنەپشە قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. 

ئۈنچە گۈلجۇڭگودا ئۈنچە گۈلنى ئۆستۈرۈش بىر قەدەر بالدۇر ئۇمۇملاشقان، مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى باغلارنىڭ ھەممىسىدە ئۈنچە گۈللەر تىكىلگەن. ئۈنچە گۈل ھازىرقى زامان باغچىسى ۋە مەنزىرە رايوننىڭ ھەممىسىدە بىر تۇتاش تىكىلگەن. 

ئۈنچە گۈلدائىم ئىشلىتىلىدىغان تۈپ ئايرىش، شاخ باستۇرۇپ كۆپەيتىش، قەلەمچە قىلىپ تىكىش ۋە گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ كۆپەيتىش. 

تۈپ ئايرىپ كۆپەيتىش : باش باھاردا بىخلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ . يىلتىز شاخ بىلەن ئانىلىق تۈپ ئايرىلىدۇ، بىۋاسىتە تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن، سۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتمىگىنى ياخشى، كۈن نۇرى يېرىم چۈشكەن جايدا ئۆستۈرۈلىدۇ.

شاخ باستۇرۇپ كۆپەيتىش : بىخنى باستۇرۇپ 30 كۈندىن كېيىن ئۆسىدۇ، كېيىنكى يىلى ئەتىياز بىلەن ئانىلىق تۈپىنى توپىسى بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلىش، شۇ يىلىلا چېچەكلەيدۇ. 

قەلەمچە قىلىپ تىكىپ كۆپەيتىش : قارىئۆرۈك يامغۇرى پەسلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇچىدا يۇمران شاخنى كېسىۋېلىش، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇش. 

گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ كۆپەيتىش : يوشۇرۇن بىخلىرى ئارقىلىق سىرتتىن كەلگەن ئۆسۈمۈلكلەر، قائىدە بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن ئەملەش ئارقىلىق 6 - ئامىنو - بېنزىل ئادېنىن 0.8 مىللىگىرام لىتىر  قوشۇش، ۋە ئىندول ئاتسېتىك كىسلاتا 2 مىللىگىرام / لىتىر بولغان MS ئۆستۈرۈش بېقىش. 

ئۈنچە گۈلئۈنچە گۈلنىڭ گۈلى چوڭ، رەڭگى چىرايلىق، چاڭجياڭ ۋادىسى مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. باغ ئىچى، شالاڭ ئۆسكەن دەرەخ سايىسى ئاستىدا ۋە يېنى دەرەخلىك يوللىرىدا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق، چۈنكى قۇياش نۇرىغا نىسبەتەن تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا قۇياش نۇرى بىر قەدەر ناچار كىچىك كۆلەمدىكى ھويلا-ئاراملاردا ئۆستۈرۈشكە ئەڭ باب كېلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#