كاتماندۇ

كاتماندۇ

كاتماندۇ نېپالنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى.

نامى كاتماندۇ
دۆلىتى نېپال
تەۋە رايون نېپال
خەنزۇچە نامى 加德满都
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كاتماندۇنېپالنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەر باگمات دەرياسى بىلەن بېشمات دەريالىرىنىڭ قوڭشۇلغان ۋادىسىغا جايلاشقان. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك ھىمالايا تاغلىرى شىمالدىن كېلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىن توسۇپ تۇرىدۇ. ھىندى ئوكياندىن كېلىدىغان نەم، يىللىق ھاۋا ئېقىملىرى شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھاۋاسى يىللىق، تۆت پەسىل خۇددى باھاردەك ياپيېشىل تۇرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 220ئەتراپىدا بولىدۇ. ھاۋاسى بەك يېقىملىق، شۇڭا بۇ شەھەر دۆلەتنىڭ «باھار پايتەختى» دەپتمۇ ئاتىلىدۇ.

كاتماندۇكاتماندۇ قەدىمىي شەھەر بولۇپ، 723-يىلى قۇرۇلغان. 1768-يىلى سائا خانلىقىنىڭ ھەم كېيىنكى خانلارنىڭ مەركىزى بولغان. بۇ شەھەردە كونا خارابىلار، كونا قۇرۇلۇشلار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا «ئۈستى ئوچۇق موزېي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كونىشەھەر قىسمى ھازىر مۇھىم ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندى، يىلىغا نەچچە يۈز مىڭ ساياھەتچى كېلىپ قايتىدۇ. كاتماندۇ شەھىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ جايدىكى بۇتخانىلار، دىنىي قۇرۇلۇشلار 250 دىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرى بار.

 يېڭىشەھەر قىسمى 50-يىللاردىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلغان. كاتماندۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا يېمەك-ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، گىلەم توقۇش، تېرە-خۇرۇم، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە يەنە خەلقئارا ئايرودرومى، چوڭ بانكىلار، سودا ماگىزىنلىرى، 1959-يىلى قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپ ھەم ئۇنىڭغا تەۋە ئون نەچچە شۆبە مەكتەپ بار. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/36739.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#