يارداڭ چوڭ جىلغىسى

يارداڭ چوڭ جىلغىسى
يارداڭ چوڭ جىلغىسى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنغان چوڭ جىلغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان، ئۆزگىچە گېئولوگىيە باغچىسى چوڭ جىلغىسى. يېقىن ئەتراپتا شىنىر سۇ ئامبىرى بار. ئۇ 2007 -يىلىدىن باشلاپ ئېچىلغان، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 600 كىلومېتىر كېلىدۇ. 


ئۇيغۇرچە نامى يارداڭ چوڭ جىلغىسى
ئۇزۇنلۇقى 9.4 كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 雅丹大峡谷
چوڭقۇرلىقى 10−30 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يارداڭ چوڭ جىلغىسىلوپنۇر يارداڭ چوڭ جىلغىسى كورلا-لوپنۇر ناھىيەسى ئوتتۇرىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، كورلىدىن يولغا چىقىپ تەخمىنەن 30 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بۇلىدۇ، لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 نەچچە كىلومېتىر. 

جىلغىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 9.4 كىلومېتىر، كەڭلىكى 2-40 مېتىر، چوڭقۇرلىقى10−30 مېتىر،  جىلغا ئېغىزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1017مېتىر، جىلغا قۇيرۇقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 897 مېتىر، يۇقىرى-تۆۋەن چۈشۈش پەرقى 120 مېتىر، جىلغىسىنىڭ توغرا كەسمە يۈزى كۆپىنچە «A» شەكىللىك، ئۈستى تار، ئاستى كەڭ. 

جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئون نەچچە يان جىلغا جايلاشقان، بىر قەدەر چوڭ بولغانلىرى يەتتە، جىلغىلىرى چوڭقۇر بولۇپ، خۇددى يەر ئاستى ئوردىسىغا ئوخشايدۇ. 

يارداڭ چوڭ جىلغىسىدا قۇياش ئېنېرگىيە مەنبەسى مول، يىللىق قۇياش ئومۇمىي رادىئاتسىيە 5629-6562 مېگا جوئۇل / كۋادرات مېتىر، ئوخشاش كەڭلىكتىكى شىمالىي جۇڭگو رايونىدىن كۆپرەك، ئۇلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بولسا قاراشەھەر ئويمانلىقى، كورلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلاردا كۆپ، بۈگۈر، بايىنبۇلاق تا ئاز. 

ئىسسىقلىق بايلىقى

يارداڭ چوڭ جىلغىسىئىسسىقلىق بايلىقى، ئىسسىقلىق جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاساسىي ئامىلى.

يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.2-11.6، جەنۇبتىكى بەش ناھىيە، شەھەرلەردە ℃10 دىن يۇقىرى، چاقىلىق، كورلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ پەقەت ℃8.2، بىر قەدەر تۆۋەن. 

تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى تۆت پەسىلدە ئېنىق ئايرىلغان، بىر يىل ئىچىدىكى 1-ئايدا ئەڭ سوغۇق بولۇپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃ 11.8-_8.1-، قاراشەھەر ئويمانلىقى ئەڭ سوغۇق؛ 7-ئايدا ئەڭ ئىسسىق، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃22.9-29.9، لوپنۇر، چاقىلىق ئەڭ ئىسسىق.

شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى

يارداڭ چوڭ جىلغىسىشامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى : بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 1.5-2.7 مېتىر/ سېكۇنت، بۈگۈر 1.5مېتىر/ سېكۇنت، باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى 2.0 مېتىر/ سېكۇنتقا يېتىدۇ، چاقىلىق، ﻛﻮﺭلا، بايىنبۇلاقتا ئەڭ چوڭ. 

بىر يىلدا ئەتىيازدا بوران كۈچلۈك، كۈز، قىش پەسىللىرىدە كىچىك. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#