تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى

«ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 31-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلغان. بۇ چارە جەمئىي 27 ماددا، ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
خەنزۇچە نامى 互联网信息服务管理办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن 292-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن  292-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

« ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەن 31- قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان، ھازىر يولغا قويۇشقا جاكارلاندى. 

زۇڭلى جۇ رۇڭجى 

2000-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 

1-ماددا بۇ چارە بىر تۇتاش ئۇچۇر مۇلازىمىتى پائاليىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تەۋەسىدىكى تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىدە بۇ چارىگە ئەمەل قىلىش شەرت.

بۇ چارىدە ئېيتىلغان تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى تورغا كىرگەن ئابونتلارغا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىش پائالىيىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى تىجارەتلىك مۇلازىمەت، تىجارەتسىز مۇلازىمەت، دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.

تىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى تورغا كىرگەن ئابونتلارغا تۇتاش تور ئارقىلىق ئۇچۇر مۇلازىمىتى ياكى تور بېتى ياساش قاتارلىق ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

تىجارەتسىز تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى تورغا كىرگەن ئابونتلارغا تۇتاش تور ئارقىلىق ئاشكارا، ئورتاق بولغان ھەقسىز ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىش پائالىيتىنى كۆرسىتىدۇ.

4-ماددا دۆلەت تىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىدە ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ؛ تىجارەتسىز تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىدە ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

ئىجازەت ئالمىغانلار ياكى ئەنگە ئالدۇرمىغانلارنىڭ تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشغا يول قويۇلمايدۇ.

5-ماددا ئاخبارات، نەشرىيات، مائارىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، دورا ۋە داۋالاش سايمانلىرى قاتارلىق جەھەتتە بىر تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، تىجارەت ئىجازىتى ئېلىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى قانۇن بويىچە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك.

6-ماددا تىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېلىگراف نىزامى»دا بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولغاندىن سىرت، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) كەسىپ تەرەققىيات پىلانى ۋە مۇناسىپ تېخنىكا لايىھىسى بولۇش؛

(2) مۇكەممەل تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى كاپالەت تەدبىرى، جۈملىدىن تور پونكىتى بىخەتەرلىكى كاپالەتلىك تەدبىرى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەخپىيىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئابونت ئۇچۇرى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛

(3) بۇ چارىنىڭ 5-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى مۇلازىمەت تۈرىدە، ئالاقىدار  مەسئۇل تارماق ماقۇللىغان ھۆججەت بولۇش.

7-ماددا تىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىدىغانلار ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايوۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى بويىچە قوشۇلما قىممەتلىك تېلىگراف كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسى (تۆۋەندە تىجارەت ئىجازەتنامىسى دېيىلىدۇ) ئىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋېلىپ 60 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇپ، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. تەستىقلىغان بولسا، تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىشى؛ تەستىقلىمىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

ئىلتىماس قىلغۇچى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆرسىتىپ كارخانا تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىملىتىشى كېرەك.

8-ماددا تىجارەتسىز تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىدىغانلار ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ياكى گوۋيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەنگە ئالدۇرۇشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە تور پونكىتى مەسئۇلىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

(2) تور پونكىتىنىڭ ئادرېسى ۋە مۇلازىمەت تۈرى؛

(3) بۇ چارىنىڭ 5-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى مۇلازىمەت تۈرىدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ماقۇللىغان ھۆججەت.

ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەنگە ئالدۇرىدىغان ماتېرىياللىرى تولۇق بولغانلارنى ئەنگە ئېلىشى ھەمدە نومۇر سېلىشى كېرەك.

9-ماددا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىدىغانلار ئېلېكترونلۇق ئېلان مۇلازىمىتى قىلماقچى بولسا، تىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئىجازىتى ئىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا ياكى تىجارەتسىز تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەخسۇس ئىلتىماس قىلىش ياكى مەخسۇس ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

10-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالغان ياكى ئەنگە ئالدۇرغان تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

11-ماددا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىجازەت بېرىلگەن ياكى ئەنگە ئېلىنغان تۈر بويىچە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن ھالقىپ مۇلازىمەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

تىجارەتسىز تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ھەقلىق مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمەت قىلغۇچىلار مۇلازىمەت تۈرى، تور پونكىتىنىڭ ئادرېسى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، 30 كۈن ئىلگىرى ئەسلىي تەكشۈرگەن، ئىجازەتنامە بەرگەن ياكى ئەنگە ئالغان ئورگانغا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.

12-ماددا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تور پونكىتى باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تىجارەت ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى ياكى ئەنگە ئېلىنغان نۇمۇرىنى ئىزاھلاپ قويۇشى كېرەك.

13-ماددا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار تورغا كىرگەن ئابونتلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ھەمدە تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

14-ماددا تۇتاش توردا ئاخبارات، نەشرىيات ۋە ئېلېكترونلۇق ئېلان قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇچۇر مەزمۇنى ۋە ئېلان قىلغان ۋاقتى، تۇتاش تور ئادرىسى ياكى رايون نامىنى خاتىرىلىشى؛ تۇتاش تورغا كىرگۈزۈش مۇلازىمىتى قىلىدىغانلار ئابونتلارنىڭ تورغا كىرگەن ۋاقتى، ھېسابات نومۇرى، تۇتاش تور ئادرېسى ياكى رايون نامى، چاقىرغۇچى تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىشى كېرەك.

تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ۋە تۇتاش تورغا كىرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى قىلغۇچىلار خاتىرىنى 60 كۈنگىچە ساقلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرگەندە كۆرسىتىشى كېرەك.

15-ماددا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇندا ئۇچۇر تەييارلىشىغا، كۆپەيتىشىگە، ئېلان قىلىشىغا ۋە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا قارشى بولغان.

(2) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛

(3) دۆلەتنىڭ شۆھرىتى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان؛

(4) مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشنى قۇترىتىدىغان، مىللەتلار ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛

(5) دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىدئەت ۋە فېئودال خۇراپاتلىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان؛

(6) ئىغۋا تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۇزىدىغان؛

(7) بۇزۇقچىلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇق تەرغىپ قىلىنغان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتىدىغان؛

(8) باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ياكى ئۇلارغا تۆھمەت قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان؛

(9) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار؛

16-ماددا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئۆزى يوللىغان ئۇچۇرنىڭ بۇ چارىنىڭ 15-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ بىرىگە ياتىدىغانلىقىنى بايقىغان ھامان ئۇچۇر يوللاشنى توختىتىشى، مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى ساقلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

17-ماددا تىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا بازارغا سېلىشنى ياكى چەت ئەل سودىگەرلىرى بىلەن شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئاۋۋال گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل سودىگەرلىرى سالغان مەبلەغنىڭ نېسبىتى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

19-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە تىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغانلار ياكى ئىجازەت قىلىنغان تۈردىن ھالقىپ مۇلازىمەت قىلغانلارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە توشمىغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تور پونكىتىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەن،ئۆز مەيلىچە تىجارەتسىز تۇتاش تور مۇلازىمىتى قىلغان ياكى ئەنگە ئالدۇرغان تۈردىن ھالقىپ مۇلازىمەت قىلغانلارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ تور پونكىتىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

20-ماددا بۇ چارىنىڭ 15-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىرىنى تەييارلاپ، كۆپەيتىپ، ئېلان قىلىپ، يوللاپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى»، «كومپىيۇتېر ئۇچۇر تورىدىكى ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكىنى قوغداش-باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ ھەمدەتىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغانلارنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ھەتتا تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بېكار قىلىدۇ، كارخانا تىزىملاش ئورگىنىغا ئۇقتۇرىدۇ، تىجارەتسىز تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغانلارنى ئەنگە ئالغان ئورگان تور پونكىتىنىڭ ۋاقتىنچە تاقىۋېتىشكە، ھەتتا تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

21-ماددا بۇ چارىنىڭ 14-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىغانلارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا ياكى تور پونكىتىنى ۋاقتىنچە تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

22-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز تور پونكىتىنىڭ باش بېتىگە تىجارەت ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى ياكى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇرنى ئەسكەرتمىگەنلەرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بەش مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

23-ماددا بۇ چارىنىڭ 16-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىجارەتلىك تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغانلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ، تىجارەتسىز تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغانلارنى ئەنگە ئالغان ئورگان تور پونكىتىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ.

24-ماددا تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ كەسپىي پائالىيىتىدە باشقا قانۇن، نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئاخبارات، نەشرىيات، مائارىپ، سەھىيە، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ.

25-ماددا تېلىگراف باشقۇرۇش ئاپپاراتى، باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقوقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا سەل قاراپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ھەتتا خىزمەتتىن ھەيدەش قاتارلىق مەمۇرىي چارە كۆرىلىدۇ.

26-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بۇ چارىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تولۇقلاپ بېجىرىشى كېرەك.

27-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#