نېلۇپەر دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. نېلۇپەر (خام دورا)
  2. نېلۇپەر ()
خام دورا

نېلۇپەر

نېلۇپەر

بۇ نېلۇپەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، نېلۇپەرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، سۇدا ئۆسىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ تەمى تاتلىق، تۆرەلمە بىخىنىڭ تەمى قېرىق، گۈلىنىڭ تەمى، غۇنچىسىنىڭ تەمى ئاچچىق، نېلۇپەر ئاتىلىقىنىڭ تەمى تاتلىق، يوپۇرماق سېپى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ تەمى ئاچچىق، يىلتىزسىمان غول بوغۇمىنىڭ تەمى تاتلىق بولىدۇ. ئۇرۇقى، تۆرەلمە بىخى، يىلتىزسىمان غولىنىڭ بوغۇمى، يوپۇرمىقى، يوپۇرماق سېپى، گۈلى، نېلۇپەر ئاتىلىقى، گۈل تېگى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى نېلۇپەر
پارسچە نامى Nymphaea L.
چىقىش ئورنى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تەمى تاتلىق، قېرىق، ئاچچىق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نېلۇپەربۇ نېلۇپەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، نېلۇپەرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، سۇدا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ ھەجمى چوڭ، شەكلى سوقىچاق، رەڭگى يېشىل بولىدۇ. يوپۇرماق ساپىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن بولۇپ، يىلتىز غولىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. گۈلى ئاق ئېچىلىدۇ. ئانىلىق ساپىقى قىسقا، مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك، پوستى قاتتىق، ئىچىدە بىر دانە ئۇرۇقى بولىدۇ. 9 ~ 10 - ئايلاردا پىشىدۇ. ئۇرۇقى شار شەكىللىك بولۇپ، دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان سىزىقچىلار بولۇپ، يۈزىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ خورما رەڭدە بولىدۇ. ئۇرۇقى ئىچىدە يېشىل رەڭلىك تۆرەلمە بىخى بار، قېرىقراق تاتلىق تېتىيدۇ. قۇرۇتۇلغان غۇنچىسى سىلىندىر شەكىللىك، رەڭگى گۈل رەڭگە مايىل ياكى قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. گۈل ساپىقى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان سىزىقچىلار ۋە ئىنچىكە تىكەنلىرى بولىدۇ. رەڭگى سۆسۈنگە مايىل، گۈلى، غۇنچىسىنىڭ پۇرىقى خۇش پۇراق بولىدۇ. يىلتىز غولى توم، قىسقا، رەڭگى قارامتۇل قىزىل كېلىدۇ. سىرتىدا ئىنچىكە شاخچە يىلتىزلىرى بار. ئۇرۇقىنىڭ تەمى تاتلىق، تۆرەلمە بىخىنىڭ تەمى قېرىق، گۈلىنىڭ تەمى، غۇنچىسىنىڭ تەمى ئاچچىق، نېلۇپەر ئاتىلىقىنىڭ تەمى تاتلىق، يوپۇرماق سېپى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ تەمى ئاچچىق، يىلتىزسىمان غول بوغۇمىنىڭ تەمى تاتلىق بولىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، تۆرەلمە بىخى، يىلتىزسىمان غولىنىڭ بوغۇمى، يوپۇرمىقى، يوپۇرماق سېپى، گۈلى، نېلۇپەر ئاتىلىقى، گۈل تېگى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز ۋە كۈزدە گۈلى، ئاتىلىقى، يوپۇرمىقى، يوپۇرماق ساپلىرىنى يىغىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ كۈز پەسلىدە گۈل تېگى، ئۇرۇقى، تۆرەلمە بىخلىرىنى يىغىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى يوپۇرمىقىنى قورۇپ كۆمۈر قىلىپ؛ يىلتىزسىمان غولىنى كەچ كۈزدە ۋە باش باھاردا كولاپ، ئۇنىڭ بوغۇمىنى ئايرىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى قورۇپ كۆمۈر قىلىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى تېيىز كۆلچەك ۋە كۆللەردە ئۆسىدۇ، تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۇرۇقى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق؛ تۆرەلمە بىخى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق؛ گۈل تېگى: قۇرۇق سوغۇق؛ گۈلى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق؛ نېلۇپەر ئاتىلىقى: قۇرۇق سوغۇق؛ يوپۇرماق سېپى ۋە يوپۇرمىقى: قۇرۇق سوغۇق؛ نېلۇپەر يىلتىزسىمان غولىنىڭ بوغۇمى: قۇرۇق سوغۇق.

يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ھارارەت پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، مەنىينى تىزگىنلەش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ نېلۇپەر يىلتىزسىمان غول بوغۇمى 12 ~ 20 گرام، قالغانلىرى 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

12 گرام نېلۇپەر ئۇرۇقىنى 15 گرام تەسۋىقوناق، 10 دانە چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان سوزۇلما ئىچ سۈرۈش، سوزۇلما تولغاق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام نېلۇپەر تۆرەلمە بىخىنى سەككىز گرام كەرمان، 12 گرام ئاق چۇغلۇق، 10 گرام ئارچا ئۇرۇقى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىدىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىدىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. نېلۇپەر گۈل تېگى كۆمۈرىنى ئانار گۈلى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشى، خۇن تەۋرەش، قان سىيىش ۋە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام نېلۇپەر گۈل تېگى كۆمۈرىنى سەككىز گرام رويان كۆمۈرى، 10 گرام يېكەن سېرىقىنىڭ كۆمۈرى 12 گرام، كىچىك خوخا كۆمۈرى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. نېلۇپەر ئاتىلىقى، نېلۇپەر ئۇرۇقى ۋە ياپىلاق غوللۇق كەتىرا ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىدىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، سىيىپ يېتىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام ھۆل نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى 35 گرام ھۆل قومۇش يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈش، ئېغىز قۇرۇش، دەم سىقىلىش ۋە باش قېيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى 12 گرام كۆك ئەمەن، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا، 20 گرام كۆك سېغىز بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئېغىز قۇرۇش، دەم سىقىلىش، ئىسسىق ئۆتۈش ۋە باش قېيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل نېلۇپەر يىلتىزسىمان غول بوغۇمىدىن 35 گرام ئېلىپ، ئېزىپ شىرىسىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇش، قان تۈكۈرۈش، بۇرۇن قاناش ۋە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام نېلۇپەر ئۇرۇقىنى، 10 گرام قانتېپەر، ئالتە گرام تاش ئېگىرى، سەككىز گرام مامرانچىن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. تۆت گرام نېلۇپەر گۈلىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل نېلۇپەر گۈلىنى چالا ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھۆل يارىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#