جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىدۇر. پارتىيە ئىچىدە ئۇ ئەڭ چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى
قىسقارتىلغان نامى پارتىيە قۇرۇلتىيى
خەنزۇچە نامى 中国共产党全国代表大会
ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقتى ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، قىسقارتىلىپ « ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى »، " پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى " 1927-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. 

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 1927-يىلىدىكىى 5-ئايدا 5 - نۆۋەتلىك 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا تەسىس قىلىنغان. 

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق دۆلەت، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە جايلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى « خەلق گېزىتى »، پارتىيە ژۇرنىلى « ئىزدىنىش » ژۇرنىلى.  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتىيى، قىسقارتىلىپ « ئۆلكە ( شەھەر ، رايون , ناھىيىلىك ) پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى » نى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كومىتېتلار يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرى؛ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك قۇرۇلتايلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىدا كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە كومىتېتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشى لازىم. يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

قىسقارتىلىپ « پارتىيە كومىتېتى « . ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايوننىڭ شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ۋەزىپە ئــۆتـەش مــۇددىــتـى بــەش يىل. ئۇنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت. ناھىيە ( خوشۇن )، ئاپتونوم ناھىيە، رايون يوق شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ۋەزىپە ئــۆتـەش مــۇددىــتـى بــەش يىل. ئۇنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت. 

نامزاتلارنى پارتىيە تەشكىلاتىغا تەۋسىيە قىلسا بۇلىدۇ. ئاۋۋال ئارتۇق نامزات كۆرسىتىپ سايلاش يولى بىلەن تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي سايلام ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ؛ ئاۋۋال ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسىنى قوللىنىپ تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈش، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ.

پارتىيە 15 - قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسىدە مۇنداق بەلگىلەنگەن، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە دائىر ئالتە تۈرلۈك ئاساسىي پىرىنسىپى : ( 1 ) پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا بويسۇنۇش، ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنىدۇ، پۈتۈن پارتىيىنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتىغا بويسۇنىدۇ. ( 2 ) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرى ئۆزلىرى تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيىسىز تەشكىلاتلاردىكى پاتىگۇرۇپپىلاردىن باشقىلىرى، سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ( 3 ) پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبىرىي ئورگىنى، پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي كومىتېت. پارتىيىسىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرى، پارتىيىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كومىتېتلار. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك قۇرۇلتايلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. ( 4 ) پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئاممىسىنىڭ پىكرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرۇشى، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى لازىم. پارتىيىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەم ئۆز خىزمىتى توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردىن يوليورۇق سورىشى ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشى، ھەم ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۆزئارا خەۋەرلىشىپ تۇرۇشى، بىر - بىرىنى قوللىشى ۋە بىر - بىرىنى نازارەت قىلىشى لازىم. ( 5 ) پارتىيەنىڭ ھەردەرىجىلىك كومىتېتلىرىدا كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخىسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە كومىتېتى دېموكراتىيە ئاساستا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق قارار قىلىدۇ. ( 6 ) پارتىيە شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ ھەرقانداق تۈرىنى مەنئى قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ نازارىتىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدىشى كېرەك.   

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى 

مەركىزىي كومىتېتى ( پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ) 

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى 

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ( مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى يېپىق مەزگىلدە ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ) 

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ( شۇ بەت ) 

مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى 

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 

مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 - مەركىزىي رەھبەرلىك ئورگىنى مەركىزىي كومىتېت بيۇروسى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 2 - چوڭ تۆت چوڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى » 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گومىنداڭ _ كومپارتىيە ھەمكارلىقىنى مەملىكەتلىك 3 - قارار 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 5 - قۇرۇلتىيى - بەش چوڭ مەركىزىي كومىتېتى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 6 - قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 7 - قۇرۇلتىيى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 9 - قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 10 - قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 11 - قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 12 - قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك 13 - قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 41 - قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 15 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 16 - قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى  

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#