ئايدىڭكۆل يېزىسى

ئايدىڭكۆل يېزىسى
ئايدىڭكۆل يېزىسى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبغا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
ئۇيغۇرچە نامى ئايدىڭكۆل يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 333 كۋادرات كىلومېتىر
ماشىنا كودى يېڭى K
خەنزۇچە ئاتىلىشى 艾丁湖乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون تۇرپان شەھىرى
نوپۇسى 19337 ئادەم
تېلېفون رايۇن نۇمۇرى 0995

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئايدىڭكۆل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ 15غەربىي جەنۇبغا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 100 مېتىر تۆۋەن، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 333 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمى 32 مىڭ مو، يېزا ئىگىلىكىنى باشلامچى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئورتاق تەرەققىيات قىلىدىغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق يېزىسى.

تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۆل مەنزىرىسى « دۇنيا بويىچە ئىككىنچى، جۇڭگو بىرىنچى » پەسىلىك دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە. ئايدىڭكۆل ئۇيغۇر تىلىدا « ئايدىڭ كۆل » دەپ ئاتالغان.

ئايدىڭكۆل يېزىسىتۇرپان شەھىرىدىكى ئايدىڭكۆل يېزىسى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا، تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن، تۇرپان شەھىرىدىكى ئايدىڭكۆل يېزىسى يېزا ئىگىلىكىنى باشلامچى، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق يېزىسى.

2005-يىلى، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم،  تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق چارۋىىچلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى باغچا رايون، تۇرپاندىكى ئەڭ چوڭ قوي - كالا بورداش بازىسى بولغان، يىللىق كالا - قوي بوردىلىشى45 مىڭ تۇياققا يەتكەن، پۈتۈن شەھەردىكى بوردىلىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ % 40 نى ئىگەللىگەن.

ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى ھەمدە جايلىشىش ئورنى جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكى، مول نۇر ۋە ئىسسىقلىق بايلىقى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئەۋزەل شارائىت ھازىرلىغان، ئاشلىقلاردىن سىرت كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، ئۈزۈم، زىرە ئېلىشنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل تىرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

ئايدىڭكۆل يېزىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى 17 كېلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ موغا يەتكەن، قارمىقىدا 6 ئاھالە كومىتېتى، 23 تەبىئىي كەنت بار، ئومۇمىي ئائىلە سانى 4074 ئائىلە، ئومۇمىي نوپۇسى 19337 ئادەمگە يەتكەن.

ئايدىڭكۆل يېزىسىئايدىڭكۆل شىمالىي جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان، 312 - دۆلەت يولى بىلەن بولغان ئارلىقى 17 كىلومېتر، تەبىئىي شارائىتى ئۆزگىچە، يىل بويى كۈن چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، قىروسىز مەزگىلى 200 كۈندىن ئارتۇق بولغاچقا، ئۈزۈم، زىرە، قوغۇن-تاۋۇز، پاختا قاتارلىقلارنىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق.

ئايدىڭكۆل يېزىسىدا 40 مىڭ موغا يېقىن تەبىئى ئوتلاق  بازىسى بار، ئوت-چۆپ تەركىبىدە ئاقسىل، ئانورگانىك تۇز كۆپ، ھەر يىلىدىكى كالا، قوي بورداش سانى 40 مىڭ تۇياق، كالا-قوي گۆشى ناھايتى تەملىك. ئۈزۈم، زىرە، قوغۇن-تاۋۇز، كالا-قوي گۆشى ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۆۋرۈك كەسپى بولۇپ قالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#