يەكەن دەرياسى

يەكەن دەرياسى

يەكەن دەرياسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى دىكى دەريا بۇلۇپ، قەشقەر دەرياسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، راستكەن، ئاقتېكە ئىككى دەريانىڭ قاراقۇرۇم تاغ ئېغىزىدىكى قارا بۇلۇڭ كۆلنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى يەكەن دەرياسى
چەتئەلچە نامى Yarkand River
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى
خەنزۇچە نامى 叶尔羌河
قاراشلىق دۆلەت جۇڭگو
ئىنگىلىزچە نامى Yerqiang River

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەكەن دەرياسىيەكەن دەرياسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى دىكى دەريا بۇلۇپ، قەشقەر دەرياسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، راستكەن، ئاقتېكە ئىككى دەريانىڭ قاراقۇرۇم تاغ ئېغىزىدىكى قارا بۇلۇڭ كۆلنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىر بولۇپ، غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمال تەرەپكە قاراپ ئېقىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى تاشقورغان، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق ئالتە ناھىيە ۋە يېزا ئىگىلىك 3- دىۋىزىيەدىكى 11 تۈەن-مەيدانىنىڭ 4 مىليون 333 مىڭ 400 مو يېرىنى سۇغىرىدۇ، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچى چوڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ.

يەكەن دەرياسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ مىقدارى 6 مىليارد 433 مىليون كۇب مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 205 كۇب مېتىر، 1961-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەڭ زور كەلكۈن مەزگىلىدىكى ئېقىن مىقدارى 6270 كۇب مېتىرغا يەتكەن. 1980-يىلى كەلگەن زور كەلكۈن سېكۇنتىغا 9140 كۇب مېتىر، ئەڭ كىچىك ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 22.8 كۇب مېتىر. ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت كەلكۈن مەزگىلى، 12-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سۇ ئاز مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. سۇ مەنبەسى ئۈچ بولۇپ: بىرى، دۇنيا بويىچە 2-ئېگىز چوققا چوگىر چوققىسىدىكى قار-مۇز سۈيى؛ ئىككىنچىسى، دەريا قىنىنىڭ غەربىي ياقىسىدىكى تاش قەۋىتىدىن ئېقىپ چىققان بۇلاق سۈيى بولۇپ، بۇ جايدىكى ماگما بۇلاق سۈيىنىڭ ئېقىن مىقدا ى ھەر سېكۇنتتا 2 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، يامغۇر سۈيى، دەريا سۈيىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىشىگە ۋە ئېتىزلارنى سۇغىرىشقا باب كېلىدۇ. دەريادا بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى ياشايدۇ.

يەكەن دەرياسى يەكەن ناھىيەسىنىڭ يۇقىرى قىسمى تاغلىق رايون بولۇپ، جىلغا ئەگرى-بۈگرى، دەريانىڭ ئىككى تەرىپى خەتەرلىك، بۇ يەردە يۇلغۇن، ئوت-چۆپلەر ئۆسكەن بولۇپ، چارۋا باققىلى بولىدۇ. ئەمما، قاتناش ئىنتايىن قولايسىز. دەريانىڭ ئاياغ تەرىپى، يەنى كاچۇڭنىڭ ئايىغى تەدرىجىي ھەرخىل تۆۋەنلىگەن. دەريا قىنى قۇم-شېغىلدىن تەركىب تاپقان. دەريانىڭ ئىككى تەرىپى پايانسىز كەتكەن تۈزلەڭلىككە تۇتاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدىغان ئوبدان جاي.

 يەكەن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرى كۆپ بولۇپ، ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنلىرىدىن ئولچىن دەرياسى بار. بۇ دەريا چوگىر چوققىسى بىلەن ئاقلىق داۋىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 225 كىلومېتىر كېلىدۇ. تاشقورغان دەرياسى ئاقاز بويىدىن باشلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 252 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەكەن دەرياسى بويىدا چوڭ-كىچىك سۇ ئامبىرىدىن 37 سى، سۇ ئۆلچەش پونكىتلىرىدىن ئالتىسى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#