مازاندارانلار
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مازاندارانلارنىڭ ئىرقى، تىلى-يېزىقى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى پارسلار بىلەن ئىنتايىن ئوخشاشسىمۇ تەلەپپۇز پەرقى بەك چوڭ بولۇپ پارىسلار بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. مازاندىرانلار بىلەن گىلانلارنىڭ تىلى ناھايىتى يېقىن بولۇپ ئاساسەن ئۆز تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ.
تۈزلەڭلىك ۋە تۆۋەن يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان مازاندارانلار ئاساسلىقى شال، كۆممىقوناق، سىتروس ئۆسۈملۈكلىرى (ماندارىن، لىمون، ئاپلېسىن قاتارلىقلار)، كېۋەز، زىغىر ۋە كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تاغلىق ئاھالىلەر بولسا كۆپ ھاللاردا ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۆچكە، قوي باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قوشۇمچە كىچىك پارچە يەر ئېچىپ، ئاساسلىقى بۇغداي بىلەن ئارپا تېرىيدۇ.
ئەسلىدە مازاندارالار ئەڭ دەسلەپتە قەبىلە ئىلاھىي ۋە زوروئاستىرىزم (ئاتەشپەرەسلىك)غا ئېتىقاد قىلغان. 11-ئەسىردىن كېيىن، ئىسلام دىنى مازانداران رايونلىرىدا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ %90 ئاھالىسى شىئە مەزھىپىگە كىرگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىدىكىلەر ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىسى، مەسىلەن، ئۆلۈم-يېتىم، توي مەرىكىلىرى، مال-دۇنيا ۋارىسچىلىق ئىشلىرى، دىنىي بايراملارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مازانداراندا كونا قائىدىلەر ۋە يەرلىك ئەنئەنىۋى دىنلارنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ھوڭقۇر بولۇپ 1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن ، چوڭ-كىچىك بازارلارنىڭ ھەممىسىدە دىنىي مەكتەپلەر تەسىس قىلىنىپ خۇراپاتلىققا قارشى كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەر بولسا دىنى ساۋاق دەرىسىنى كۈچەيتكەن. ھۆكۈمەت مەخسۇس دىنىي ئۆلىمالارنى ئەۋەتىپ مازاندارا رايونىنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ.[1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.