شرىيا گوشال

شرىيا گوشال

شرىيا گوشال ھىندىستان فىلىم ناخشىچىسى، ھازىرقى زامان ھىندىستان مۇزىكا مۇنبىرىدىكى ساھەنىڭ ئىتراپ قىلىشى، تاماشىبىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، ئەڭ مۇۋەققىپىيەت قازانغان ۋە قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ئايال ناخشىچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شرىيا گوشال
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
ۋەكىللىك ئەسىرى 《Bendhechhi Beena 》
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莎瑞雅·高沙尔
يۇرتى غەربىي بېنگال
كەسپى ناخشىچى (فىلىم ناخشىچىسى)
چەتئەلچە نامى Shreya Ghoshal

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شرىيا گوشالشىرىيا گوشال 1984-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى غەربىي بېنگالدىكى مۇرشىدابادتا براخمان (ھىندىستان تەبىقە تۈزۈمىدىكى ئەڭ يۇقىرى تەبىقە) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادىسى بىشۋاجىت گوشال ھىندىستان ئاتوم ئېنرگېيىسى شېركىتىنىڭ ئېنژىنىرى، ئاپىسى سارمىسا گوشال ئەدەبىيات ماگېستىرى.

شىرىيا ئاساسلىق ھىندى، بېنگال تىللىرىدىكى فىلىملەرنىڭ ۋە، ئاسسامېسې، گۇجارات، كانادا، مالايام، ماراتى، نېپال، ئورىيا، پەنجاب، تەلۇگۇ، تامىل تىللىرىدىكى فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىدۇ. بۇلتۇر يەنى 2014-يىلى دۇنيادا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇيغۇرلارمۇ ئېغىز-ئېغىزغا ماختاپ تۇرۇپ كۆرگەن ھىندىستان فىلىمى «ئاشىق 2»نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى شرىيا گوشال ئورۇنلاپ بەرگەچكە بۇ كىنو تېخىمۇ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

شرىيا گوشالشرىيا گوشال 1997-يىلى شرىيا سەككىزىنچى يىللىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بومبايغا كۆچۈپ كەلگەن. بومبايدا ئاتوم ئېنېرگىيىسى مەركىزىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئالىي مەكتەپتە فېزىكا ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەييارلىق مەكتىپىگە كىرگەن، لېكىن شرىيا بۇ كەسىپگە بەك قىزىقمىغان ھەم ئۇنىڭ بوللىۋودتىكى مۇزىكا كەسپىي ھاياتىمۇ باشلىنىپ قالغان، شۇڭا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئۆگىنىشتىن ۋاز كچىپ SIES ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ گۈزەل-سەنئەت ۋە ئىنگلىزتىلى ئۆگەنگەن.

ئاپىسىنىڭ مۇزىكىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى شرىيانىڭمۇ مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىشىغا تۈرتكە بولغان .كىچىكىدە ئاپىسى ناخشا ئېيتقاندا، شرىيا چۈچۈك ئاۋازى بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ناخشا ئېيتقان، شرىيا تۆت ياشقا كىرگەندە، ئاپىسى ئۇنىڭ تۇنجى مۇزىكا مۇئەللىمىگە ئايلانغان، شرىيا ئاپىسىغا ئەگىشىپ بېنگال خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگنىشكە باشلىغان. ئالتە ياشتىن باشلاپ ئۇ كۆپلىگەن ئۇستازلاردىن ھىندىستان كىلاسسىك مۇزىكىسى دەرسى ئالغان، كېيىىنچە ھىندىستان فىلىم ناخشىلىرى ۋە راجاستان خەلق ناخشىلىرى ئۆگەنگەن.

1995-يىلى، شرىيا يېڭى دېھلىدا مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان، ھەم بۇ مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيەدە نومۇر كۆرسەتكەن، 1996-يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم ستۇدىيەدە ئىشلىگەن. ئۇ يەنە ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدا ھىندىستان Zee TV تېلېۋزىيە ئىستانسى ئۇيۇشتۇرغان «Sa Re Ga Ma Pa»دا بىرىنچى بولغان، كېيىنكى يىللاردا 2000-يىلىغىچە بۇ مۇسابىقىگە قاتىنىشىپ تۇرغان.

«Sa Re Ga Ma Pa» دا باھالىغۇچى بولغان داڭلىق ناخشىچى كاليانجى ۋىرجى شاھ شرىيانىڭ ئاتا-ئانىسىنى بومبايغا كۆچۈپ بېرىشقا قايىل قىلغان، ئۇ شرىيانىڭ دادىسىدىن ئەگەر قىزى بوللىۋودتا نەتىجە قازىنالىسا، خىزمىتىنى بومبايغا يۆتكەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغان، بۇنىڭ بىلەن شرىيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دادىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئېلىپ بومبايغا كۆچۈپ كەلگەن. شرىيا بومبايدا كاليانجىنى ئۇستاز تۇتۇپ، فىلىم ناخشىچىلىقتىن تەلىم ئالغان، ھەم بىر تەرەپتىن كىلاسسىك مۇزىكا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان.

شرىيا گوشالشرىيا گوشالنىڭ كەسپىي ھاياتى «Sa Re Ga Ma Pa» مۇسابىقىدە چىمپىيون بولۇش بىلەن باشلانغان. شاھرۇھخان، ئاشۋارىيا راي باچان، مەدخۇرى دىشىت رول ئالغان فىلىم «دېۋداس»تا شۇ ۋاقتتىكى ئەڭ داڭلىق ئايال ئارتىس ئاشۋارىياغا ناخشا ئېيتىپ بېرىش بىلەن بوللىۋودقا كىرىپ كەلگەن. ئۇنىڭ كەسىپنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىنتايىن يۇقىرى ،ھەم كېينكى يىللاردىمۇ كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويمىغان. ئۇ ساھەگە قەدەم قويغان 10 نەچچە يىلدىن بېرى ھەر يىللىق ئەڭ ياخشى فىلىملەردە ئۇنىڭ سۈزۈك، يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ،ھەرقېتىملىق چوڭ مۇكاپات مۇراسمىلىرىدا ئۇنىڭ ئىسمى ئاتالماي قالمايدۇ، ئوتتۇرا، ياش ئەۋلاد ئايال ئارتسىلار ئارىسىدا ئۇ ئاۋاز بەرمىگەن ئارتىسلار يوق دىيەرلىك.

شرىيا تۇنجى ئۈنگە ئېلىنغان ناخشىسىنى ماراتى تىلىدا ئېيتقان، بۇ ناخشىنى ئەسلىدە بوللىۋود مۇزىكا پىشۋاسى لاتا ماڭېشكەر ئېيتىش پىلانلانغان بولۇپ كېيىنچە شرىيا بۇ پۇرسەتگە ئېرىشكەن.

1998-يىلى، شرىيا ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسىنى ئېلان قىلغان، پىلاستىنكىدا 14 ناخشا بولۇپ، ھەممىسى ئۇنىڭ ئانا تىلى بېنگال تىلىدا، 1999-يىلى، 2000-يىلى چىقارغان ئالبۇمىمۇ ئوخشاشلا بېنگال تىلىدا.

«دېۋداس»نىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ-بوللىۋودقا كىرىشى

2002-2004 يىلى: «دېۋداس» نىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ-بوللىۋودقا كىرىشى:

شرىيا گوشالفىلىم «دېۋداس» نىڭ رىژىسسورى سانجاي لېلا بانسالى شرىياغا ئۇ «Sa Re Ga Ma Pa» قاتىنىشىۋاتقاندا دىققەت قىلغان، ھەمدە شرىيانى ئىشلەش ئالدىدىكى فىلىمى «دېۋداس» تا ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغان، چۈنكى رىژىسسورنىڭ نەزىرىدە شرىيانىڭ ئاۋازىدە«دېۋداس» تىكى پارودەك پاكلىق بار ئىدى.

بۇ ھەقتىكى قىزىقارلىق تەپسىلاتلار:

بۇ پروگراممىنى باشتا سانجاي لېلا بانسالىنىڭ ئاپىسىنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇ ئوغلىغا تېلېفون ئۇرۇپ دەرھال تېلېۋىزوردىكى شرىيانى كۆرۈشكە دەۋەت قىلغان، سانجاي لېلا بانسالى پروگراممىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ شرىيانى كىنوسىدا ناخشا ئېيتقۇزۇشقا نىيەت قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان. ئۇ ئاخىرى پروگرامما ئىجادچىسىغا تېلېفون قىلىپ ئېسىدە قىلغان بارلىق تەپسىلاتلارنى ئېيتىپ ئاندىن ئۆزى كۆرگەن شرىيا ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

2000-يىلى بانسالى ۋە «دېۋداس» نىڭ مۇزىكا رېژىسسورى ئىسمائىل داربار رەسمىي ھالدا شرىياغا «دېۋداس» فىلىمىدىكى باش رول پارو (ئاشۋارىيا راي رول ئالغان) نىڭ ناخشىسىنى ئېيتىش پۇرسىتىنى بەرگەن.شرىيا بىر زىيارەتتە مۇنداق دېگەن : «سانجايجى (ھىندىستانلىقلار ئۆزىدىن چوڭ، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنىڭ ئىسمىغا «جى» نى قوشۇپ ئاتايدۇ.) ماڭا تېلېفون ئۇرغاندا، مەن بۇنداق داڭلىق رىژىسسورنىڭ ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ،مېنى كىنوغا تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدىم».

بۇ فىلىمدە شرىيا داڭلىق ناخشىچىلار ئۇدىت نارايان،كاۋىتا كرىشنامۇرتىي، جاسپىندىر نارۇلالار بىلەن ناخشا ئېيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋە فىلىمدىكى بەش ناخشىنى ئېيتقان.

بۇ فىلىم ئۈچۈن ئىشلەش باشلانغاندا شرىيا 16 ياش بۇلۇپ،ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ تا بۈگۈنكىچە بىر فىلىم ئۈچۈن ئۇنىڭدەك قاتتىق مەشىق قىلىپ باقمىغان. فىلىم ناخشىسى ئاۋازغا ئېلىنىۋاتقان ۋاقتلاردا ئۇ كۈندە ستۇدىيەگە بارغان. بۇ ۋاقتتا ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇ كىتاب-دەپتەرلىرىنى ئېلىۋىلىپ ستۇدىيەدە بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ بىر تەرەپتىن دەرس تەكرارلىغان.

شرىيا ئۆزى ئاۋاز بەرگەن ئاشۋارىيە توغرۇلۇق سۆزلەپ: «مەن ئەزەلدىن ئاشۋارىيانى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ناخشا ئيېتىدىغانلىقىمنى بىلگەندە قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتىم. مەن ناخشا ئېيتقاندا ئۆزۈمنى پارودەك ھېس قىلاتتىم، خۇددى ئاشۋارىيا دەك ئۆزىنىڭ پارو دەپ ھېس قىلغاندەك، مەن پارونىڭ ئازابى، ئىشەنچى ۋە پاكلىقىنى ناخشدە ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشاتتىم» دەيدۇ.

كەسىپتىكى ئىلگىرىلەشلىرى

2005-2008-يىلى كەسىپتىكى ئىلگىرىلەشلىرى:

2005-يىلى شرىيا ئۈچۈن بىر مول-ھوسۇللۇق يىل بولۇپ، يىل بېشى Elaan, Blackmail, Jurm,

Fun – Can Be Dangerous Sometimes,

شرىيا گوشالand Classic Dance of Love فىلىملىرىنىڭ ناخشىلىرى بىلەن باشلانغان.

بۇ فىلىملەردە ئۇ كومپوزىتور ئانۇ مالىك،كالۋانى ئاناندجى بىلەن ھەمكارلاشقان. شرىيا فىلىم «Zeher» ئۈچۈن ئيتقان ناخشا «Agar Tum Mil Jao» ھەرقايسى مۇزىكا رەت-تەرتىپلىرىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىققان، ھەمدە ئوبزورچىلار تەرىپىدىن ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.ئۇ يەنە ۋىشال–شېكار، خىمېش رېشاممىيا قاتارلىق كومپوزىتورلار بىلەن ھەمكارلاشقان.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئېيتقان «Piyu Bole»دېگەن ناخشا ھىندىستانغا كەڭ تارالغان، بۇ ناخشا يەنەBollywood Celebdenتورى رەتكە تۇرغۇزغان شرىيانىڭ 5 ۋەكىللىك ناخشىسىنىڭ بىرى،ئوبروزچىلار تەرەپتىمۇ بۇ ناخشا ناھايىتى يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكەن. يۇقىرىقى ئىككىلا ناخشا فىلىمفەر مۇكاپاتىغا كۆرسۈتۈلگەن .شرىيا «Paheli»دىكى ناخشىسى«DhireJalna» بىلەن دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال فىلىم ناخشىچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە ئۇنىڭ كەسپى يەنە بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەن.

2006-يىلى باشلىنىش بىلەنلا فىلم مەستانلىرى شرىيانىڭ خۇش ئاۋازىنى ئاڭلىغان. شرىيا كېينچە ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە «Ankahee» دىكى ناخشا «Ek Pal» بىلەن «Omkara» دىكى ناخشا «O Saathi Re» نىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ناخشىلىرى قاتارىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان .فىلم «LageRahoMunnaBhai» دىكى پەستىكى ناخشا «Pal PalHar Pal» بىلەن شرىيا يەنە فىلىملەر ۋە دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا كۆرسۈتۈلگەن.

2007-يىلى شرىيا ئا.ر.راخمان كومپوزىتورلۇق قىلغان فىلىم «Guru» نىڭ ناخشىسى «Barso Re» نى ئېيتقان، بۇ ناخشا ئوبزورچىلارنىڭ ئوخشمىغان باھاسىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ناخشا بىلەن يەنە فىلملەر مۇكاپاتى، دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتى، ھىندىستان خەلقئارالىق فىلىم مۇكاپاتى، زې فىلىم مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. بۇ يىلدا ئۇ يەنە «Mere Dholna»،«YesIshqHaaye» دېگەن ناخشىلىرى بىلەن مۇكاپات سەھنىلىرىنى يوقلاپ تۇرغان.

ئۈزلۈكىسز نەتىجە قازىنىشى

2008-يىلىدىن ھازىرغىچە كەسپىدە ئۈزلۈكىسز نەتىجە قازىنىش

شرىيا گوشالشرىيانىڭ ئاۋازىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناھايىتى ياخشى، ئۇنىڭقا قوشۇپ ئۇزۇن مەزگىل ھىندىستان كىلاسسىك مۇزىكىسىنى ئۆگەنگەنلىك ئۈچۈن، ناخشا ئېيتىش تېخنىكىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە رومانتىك، لىرىك ناخشىلارنى ئېيتىشقا كۈچەپ بۇ جەھەتتە نام چىقارغان بولسا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تېخىمۇ كەڭرى دائىرىدە ئۆزىنى سىناپ ھەرخىل ئۇسلۇبتىكى ناخشىلارنى ئېيتىۋاتىدۇ.

شرىيا «Latto» (ئامىرخان رول ئالغان «未知死亡» نىڭ ناخشىسى)، «Tujh Mein RabDikhtaHai» (شاھرۇھخان رول ئالغان «天生一对»نڭ ناخشىسى) نى ئۆزى ئامراق ناخشىلار قاتارىدا ھېسابلايدۇ. بۇ يىلى ئۇ يەنە «Pherari Mon» ،«"JeevDangla» يەنە دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا كۆرسۈتۈلگەن.

شرىيا بوللىۋودتىن باشقا يەنە تامىل، مالايام، بېنگال، تەلۇگۇ فىلىم ساھەسىدىمۇ كەسپىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇ تامىلچە ناخشا «Yen Chellam» بىلەن جەنۇبىي ھىندىستان مۇزىكىچىلىقىغا كىرگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ مالايام تىلىدا ئېيتقان ناخشىلىرى دائىم بازارلىق ناخشىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ تۇرىدۇ.

شرىيا گوشال2011-يىلىدىن باشلاپ، شرىيا سەييارە ناخشى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە بەكرەك كىرىشكەن. 2011-يىلى ئۇ لوندون دا ئۆزىنىڭ ناخشى كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگەن. 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو، نيۇيورك شەھەرلىرى ۋە نىيۇ جېرسىي شىتاتى، شىمالىي كارولىنا شىتاتى، فلورىدا شىتاتىدا ۋە كانادا نىڭ تورۇنتۇ شەھەرلىرىدە ئورۇن قويغان.

2013-يىلى شرىيا ئوكيانىيە قىتئەسىگە يۈزلۈنۈپ، يېڭى زىنلاندىيە، ئاۋسترالىيەلەردە ئويۇن قويغان، ھەم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىمۇ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىلى ئۇ يەنە بوللىۋود كىنوچىلىقىنىڭ 100يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا سەييارە ناخشا كېچىلىكى ئېلىپ بارغان.

ناخشا ئېيتىشتىن باشقا يەنە شرىيا يەنە خېلى كۆپ ناخشاش مۇسابىقىلەردە باھالىغۇچى بولغان. ئۇئۆزىنى بوللىۋودقا ئېلىپ كىرگەن ئۇستاز رىژىسسور بانسالى ۋە بوللىۋودتىكى يەنە بىر ۋەكىللىك ناخشىچى سونۇ نىگام بىلەن X Factorھىندىستان مۇسابىقىسىگە باھالىغۇچىلىقى قىلىدۇ.

ئۇ 2013-يىلى مالايام تېلېۋىزىيەسىدىكى ھىندىستان ئاۋازى ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى سانىغا باھالىغۇچى سۈپىتىدە قاتناشقان، 2013-يىلى ئۇ يەنە ھىندىستان ئۆسمۈر مەبۇدىسى مۇسابىقىسىگە باھالىغۇچى بولغان.

2013-يىلى شرىيا يەنە بەش خىل تىلدا زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ تېلېۋىزىيە ئېلانىنى ئىشلىگەن. شرىيامۇ كىنودا رول ئېلىپ ئۇ «Saaya» دېگەن فىلىمدا ئۆزى ئېيتقان ناخشىدا چىققان.

شرىيا گوشالئامېرىكا ئوخېئو شىتاتى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىنى «شرىيا گوشال كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.

شرىيا گوشال يەنە فوربېس ژۇرنىلى رەتكە تۇرغۇزغان ھىندىستان دىكى 100 داڭلىق شەخىسنىڭ بىرى، ئۇ يەنە ئالاقىدار ئورگانلار تەرىپىدىن ھىندىستاندىكى ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن مۇزىكانت دەپ ئېلان قىلىنغان.

«دېۋداس» فىلىمى بىلەن شرىيا پۈتۈن ھىندىستاندا داڭ چىقارغان ھەم «Dola Re »،«BairiPiya »دېگەن ناخشىلار بىلەن فىلملەر مۇكاپاتى (ھىندىستاننىڭ ئوسكار مۇكاپاتى)، دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتى،ھىندىستان خەلقئارالىق فىلىم مۇكاپاتى، زې فىلىم مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

فىلىمدىن كېيىن، شرىيا بوللىۋود مۇزىكا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ، تېخىمۇ كۆپ فىلىملەردە ناخشا ئېيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. 

ئىكران مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئايال فىلىم ناخشچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،

زېې فىلىم مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان.

2007-يىلى شرىيا ئا.ر.راخمان كومپوزىتورلۇق قىلغان فىلىم «Guru» نىڭ ناخشىسى «Barso Re» نى ئېيتقان، بۇ ناخشا ئوبزورچىلارنىڭ ئوخشمىغان باھاسىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ناخشا بىلەن يەنە فىلملەر مۇكاپاتى، دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتى، ھىندىستان خەلقئارالىق فىلىم مۇكاپاتى، زې فىلىم مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.

2008-يىلى شرىيا يەنە «Teri Ore»دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ تۆتىنچى فىلىمفەر مۇكاپاتى، تۆتىنچى خەلقئارالىق فىلىم مۇكاپاتى، ئىككىنچى ئاسپارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇ يەنە ناخشا بىلەن ئۆزىنىڭ تۆتىنچى دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

شرىيا كۆپلىگەن مۇكاپاتغا ئېرىشكەن ۋە كۆرسىتىلگەن بۇ نەتىجىلىرى بىلەنمۇ بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنپ تۇرىدۇ. ئۇ تۆت قېتىم دۆلەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 25 قېتىم فىلىمفەر مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلىپ يەتتە قېتىم مۇكاپاتنى قولىغا ئالغان.

ئۇ يەنە تامىل نادۇ ۋە كېرالا ئۆلكىسى تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقى مۇكاپات مۇراسمىلىرىدا تالاي قېتىم ئەڭ ياخشى ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى ئۇ يەنە كاتتا شەرەپ سۋارالايا يەسۇداس (مۇزىكا ساھەسىدە تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغانلارغا بېرىلىدىغان ) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 4-ئايدا ئۇ ھىندىستان مۇزىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتاسى تارقىتىدىغان تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ يىلى ئۇ يەنە «ئاشىق 2» فىلىمىدە ئيتقان ناخشىسى «SunnRahaHai» بىلەن يەنە بىرقانچە مۇكاپات مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئايال فىلىم ناخشچىسى مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن.

شرىيا گوشالئامېرىكا ئوخېئو شىتاتىنىڭ باشلىقى تېد سىترىكلاند ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى «شرىيا گوشال كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان. تۇنجى قېتىملىق «شرىيا گوشال كۈنى» 2010-يىلى تەبرىكەنلەنگەن، بۇ كۈنى شرىيانىڭ مەستانلىرى داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقىي تور بەتلىرىدە توختىماي ئۇنىڭ ناخشىلىرى، سۈرەتلىرىنى چىقارغان، ھەمدە نۇرغۇنلىغان رادېئو ئىستانسىلىرىدا ئۇنىڭ ناخشىسى قويۇلغان.

شرىيا ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ھەققىدە توختۇلۇپ بۇ ساھەدە ئوخشمىغان مۇزىكا ئۇسلۇبلىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ يەنە يېڭى مۇزىكا ئۇقۇمىنى تاماشىبىنلارغا سۇنالايدىغان مۇستەقىل پىلاستنكا چىقىرىش ئارزۇسىنى بارلىقىنى ئېيتقان.

شرىيا ئۆزىنى لاتا ماڭىشكەر، ئاشا بونسل ۋە چىترانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ فىلىم ناخشىچىسى بولۇشىغا گېتتا دۇتنىڭ تەسىرى ھەممىدىن چوڭقۇر دەپ قارايدۇ.

شرىيانىڭ تالانتى بوللىۋود مۇزىكا ساھەسىدىكى ئالدىنقىلار ھەم كېيىنكىلەرنىڭمۇ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ناخشىچى جاۋېد ئەلى ئۇنى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى دېگەن.

بىر قېتىملىق زىيارەتتە ،پىشقەدەم ناخشىچى مانا دېي شرىيانىڭ مۇزىكا تالانتىنى تەرىپلىگەن. ناخشىچى مالاك مۇچالمۇ شرىيانى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچىلارنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#