ئاندېر تەيكېر

مېيىت ئۇزاتقۇچى

WWE گىگانىت چولپىنى ئاندېر تەيكېر «مېيىت ئۇزاتقۇچى» 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا تېكساس شىتاتى خىيۇستوندا تۇغۇلغان، كەسپىي چېلىشىش ماھىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاندېر تەيكېر
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
يۇرتى تېكساس شىتاتى خىيۇستون
بوي ئېگىزلىكى 211CM
كەسپى كەسپىي چېلىشىش ماھىرى
باشقا نامى مارك ۋىللىيام كالاۋېي، مېيىت ئۇزاتقۇچى
مىللىتى ئامېرىكان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 136KG
توختاملاشقان شىركەت WWE

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېيىت ئۇزاتقۇچىWWE گىگانىت چولپىنى ئاندېر تەيكېر «مېيىت ئۇزاتقۇچى» 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا تېكساس شىتاتى خىيۇستوندا تۇغۇلغان، كەسپىي چېلىشىش ماھىرى. WWE گىگانىت چولپىنى «مېيىت ئۇزاتقۇچى» ئاندېر تەيكېرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان رېكورتىنى تېخى ھېچكىم بۇزالمىغان، مېيىت ئۇزارتقۇچىنىڭ ئەسلى ئىسمى Mark William Calaway مارك ۋىللىيام كالاۋېي، بوي ئېگىزلىكى 211 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 136 كىلوگىرام، 1984-يىلى تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان.  ئۇ 1996-يىلىدىن باشلاپ مەيدان بويىچە ھېسابلاپ ھەق ئالغان. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا %73 غەلبىگە ئېرىشكەن.[1]

1991-يىلى 7-نۆۋەتلىكتىن باشلاپ 2013-يىلى 29-نۆۋەتلىككىچە 21 نۆۋەتلىك «ئەسەبىي چېلىشىش شاتلىقى» مۇسابىقىسىدە ئۇدا غەلبە قىلغان. 21-0 ئۇتتۇرماسلىق رېكورتىنى ياراتقان. ئەپسۇسلىنارلىقى 2014-يىلى 30-نۆۋەتلىكتە بروك لەسنېرگە ئۇتتۇرۇپ قويغان. مېيىت ئۇزاتقۇچى 7 قېتىم PWI ژۇرنىلى 500 داڭلىق چېلىشچى تىزىملىكى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن.

مېيىت ئۇزاتقۇچىنىڭ ئالتە خىل ئاخىرلاشتۇرۇش ماھارىتى بار.

ئايرىم-ئايرىم: (dark pin) قاراڭغۇ بېسىش: مېيىت ئۇزاتقۇچىنىڭ بېسىش شەكىلى ئادەتتىكى ماھىرلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ رەقىبىنى باسقاندا ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ باسىدۇ.

(TombStone Piledriver) قەبرە تېشى مىخ بېشى: مېيىت ئۇزاتقۇچى WWE غا كىرگەندىن بۇيان داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاخىرلاشتۇرۇش ماھارىتى.

(ChokeSlam) كاناينى بوغۇپ ئېتىش: رەقىبىنىڭ كانىيىنى بوغۇپ، بىۋاستە ھالدا بۇ ھەرىكەت بىلەن ئېگىز كۆتۈرگەندىن كېيىن سەھنە ئاستىغا ئېتىش.

(Last Ride Power Bomb) ئەڭ ئاخىرقى مۇساپە: يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بۇلۇڭلۇق بومبا تاشلاش.

(Triangle choke) ئۈچ بۇلۇڭ پۇت، (Hell's Gate) دوزاخ ئىشىكى.

مېيىت ئۇزاتقۇچى ئۈچ قېتىم توي قىلغان، 1989-يىلى، ئۇ جودى لىن بىلەن توي قىلغان، تۆت يىلدىن كېيىن چوڭ ئوغلى گاننېر تۇغۇلغان، ئەمما بۇ قېتىملىق نىكاھنى پەقەت ئون يىللا ساقلاپ قالغان، 1999-يىلى كالاۋېي ئالدىنقى ئايالى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ئاجىراشقان، كېيىن بىر قېتىملىق WWE دا سانتىياگودا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش يىغىنىدا، ئۇ ئىككىنچى ھەمراھى سارا بىلەن تونۇشقان، 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىككىسى سانىت پېتىربۇرگدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى بار، چوڭ قىزى چېيسى 2002-يىلى تۇغۇلغان، كىچىك قىزى گرەيىسى 2005-يىلى تۇغۇلغان. ھازىرقى ئايالى بولسا WWE ماھىرى مىچېل ماككۇل (چېكىنگەن).

ئۇنىڭ ئىككى خىل رول ئوبرازى بار، بىرى 2000-2003-يىلى مەزگىلىدىكى «ياۋۇز چەۋەنداز» ئوبرازى ۋە ھازىرقى «مېيىت ئۇزاتقۇچى ئەرۋاھ» ئوبرازى.

ئۇ ئىلگىرى بىر فىلىم ۋە بىر ھۈججەتلىك فىلىمدە رول ئالغان. «Van Helsing» «فان خېلسىڭ» دا مېيىت ئۇزاتقۇچى باش رول ئالغان، فىلىمدە ئۇ بىر ئوۋچىنىڭ رولىنى ئېلىپ قان شورىغۇچى بىلەن ئېلىشقان. ھازىرقى WWE دىكى ئوبرازى ئاشۇ فىلىم بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#