قاراباغ يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قاراباغ يېزىسى (بۈگۈر ناھىيەسى)
  2. قاراباغ يېزىسى (باي ناھىيەسى)
بۈگۈر ناھىيەسى

قاراباغ يېزىسى

ئۇيغۇرچە نامى قاراباغ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1632 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 哈尔巴克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
تەۋە رايون بۈگۈر ناھىيەسى
نوپۇسى 11172 ئادەم
ماشىنا كودى 新M

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراباغ يېزىسىقاراباغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، بۈگۈر بازىرىنىڭ غەرب تەرىپىگە ئىككى كىلومېتر كېلىدۇ. شەرقىي تەرىپى قاراتال دەرياسى، شىمالدا ئاقساراي يېزىسى، شەرقىي چۇمپاق بازىرى، جەنۇبى سوخۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. توققۇز مەمۇرىي كەنت، 40 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار، نوپۇسى 3107 ئائىلە، 11172 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى % 97 كە يېتىدۇ. يېزا بويىچە ئومۇمىي يەر مەيدانى 1632 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 78 مىڭ مو، مېۋىلىك باغ كۆلىمى 41 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە نەشپۈت كۆلىمى 10 مىڭ موغا يېتىدۇ. يېزا بويىچە 12 پارتىيە ياچېيكىسى، 376 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار .

قاراباغ يېزىسىتوققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى : ئۇششاقتېرەك كەنتى، قاراباغ كەنتى، كۆك سېغىز كەنتى، قارادۆڭ كەنتى، باغجىگدە كەنتى، قاشبېشى كەنتى، قوشتۈگمەن كەنتى، كۆتەكبۇلاق كەنتى، ئۈچتوغراق كەنتى. 

قاراباغ يېزىسى2008-يىلى، يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 147 مىليون يۈەن، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 3 مىليون 250 مىڭ يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 6387 يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا27، %26، %11 ئاشقان. 2008-يىلى بۇ يېزىدا بىر دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت، بىر دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كەنتى ،  2 يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت، بىر ئوبلاست دەرىجىلىك مەدەنىي كەنتى، بەش ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىي مەكتەپ؛ بىر ئوبلاست دەرىجىلىك مەدەنىي يېزا، بىر ئوبلاست دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت بارلىققا كەلگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#