نىكولايېۋ
نىكولايېۋ شەھىرى ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھەر، نىكولايېۋ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر جەنۇبىي بۇگ دەريا ئاغزىغا جايلاشقان، قارا دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 74 كىلومېتىر كېلىدۇ. قارا دېڭىزدىن يولغا چىققان 40 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە شەھەر رايونىغا كېلەلەيدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نىكولايېۋ شەھىرى ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھەر، نىكولايېۋ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئاھالىسى 486 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985). بۇ شەھەر جەنۇبىي بۇگ دەريا ئاغزىغا جايلاشقان، قارا دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 74 كىلومېتىر كېلىدۇ. قارا دېڭىزدىن يولغا چىققان 40 مىڭ توننىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە شەھەر رايونىغا كېلەلەيدۇ.
بۇ جايدا 1788-يىلى كېمىسازلىق زاۋۇتى قۇرۇلغان، ئىككىنچى يىلى شەھەرنىڭ ئاساسى سېلىنغان. 1862-يىلى سودا پورتى بىلەن ئېچىلغان. بۇ شەھەر تۆمۈر يول ئارقىلىق كرىۋويروگ، دونباس ھەم قىرىم يېرىم ئارىلى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. سوۋت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ چوڭ نىكولايىناشىنكو پاراخوت زاۋۇتى بار.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.