ئاندوررا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاندوررا كېنەزلىكى پىرېنېي تاغ تىزمىسىدىكى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، 1278-يىلى بەگلىك دۆلىتى بولغان. فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە ئىمزالىغان تېنچلىق كېلىشىمنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەت ئاندورراغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغان. ئاندوررا ھەر يىلى سىمۋول خاراكتىردە بۇ ئىككى دۆلەتكە باج تاپشۇرغان. فرانسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ يەرلىك ئىپىسكوپى ئوخشاشلا ئاندوررانىڭ دۆلەت باشلىغى بولغان. 1806-يىلى، ئاندوررا سېرىق ۋە قىزىل يوللۇق بىر بايراقنى ئىشلەتكەنىدى؛ 1866-يىلى، ئاندوررافرانسىيە دۆلەت بايرىغىدىكى كۆك رەڭ بىلەن ئىسپانىيە دۆلەت بايرىغىدىكى سېرىق ۋە قىزىل رەڭلەرنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆك، سېرىق ۋە قىزىل يوللۇق بايرىغىنى تۈزۈپ چىققان، بايراقنىڭ ئوتتۇرسىغا فرانسىيە زۇڭتۇڭى ئاندوررا بەگلىگىگە ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشكە ئەۋەتكەن گراف فويكېسنىڭ مۆھۈر بەلگىسى سىزىلغان.
گېربى
ئاندوررا دۆلەت گېربىدە ئۆزىنىڭ فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ قوش ھامىيلىغىدا تۇرغان ئورنى ئىپادىلەنگەن، دۆلەت گېربىدىكى ئاساسلىق سۈرەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن، قالقانسىمان گېرب بولۇپ، ئۈستىدىكى سول تەرەپكە ئېپىسكوپنىڭ ئالتۇن تاجىسى بىلەن بىر ھاكىميەت ھاسىسى سىزىلغان. بۇ ئىسپانىيە ئوگار يەرلىك ئېپىسكوپنىڭ بەلگىسى، سول ئاستىدىكى ئالتۇن بەلدەمگە تۆت قىزىل بەلدەم تارتىلغان بولۇپ، ئىسپانىيىنىڭ كاتالونىيە ئاپتونۇم رايونىنى بىلدۈرگەن، ئۇ ئاندوررانىڭ ئۆرپ -ئادەت ۋە تىلىنىڭ مەنبەسى؛ ئوڭ ئاستىدىكى ئىككى سېرىق كالا گراف فويكېسنىڭ ۋارىسى گراف بېرئىننىڭ مۆھۈر بەلگىسى، ئوڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن بەلدەملىك ئورۇندا ئۈچ تىك قىزىل بەلدەم بولۇپ، بۇ ئاندوررانىڭ دەسلەپكى ھىمايىچىسى گراف فويكېسنىڭ گېربى. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستى قىسمىغا ئاندوررالىقلارنىڭ ھىكمەتلىك سۆزى « ئىتىپاقلىق ---كۈچ » دىگەن خەت يېزىلغان.
فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە چېگرىسىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. پېرىنېي تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 468 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تەۋەسىدىكى يەر شەكلى ئېگىز - پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 900 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى ئائىلىسى ئات پېتلوسا چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2946 مېتىر. ئەڭ چوڭ دەريا ۋاللېي دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 63 كىلومېتىر. ئاندوررا تاغلىق يەر كىلىماتىغا، كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قىش پەسلى ئۇزۇن سوغۇق، ئېگىز تاغدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 8 ئاي بولىدۇ؛ ياز پەسلى قۇرغاق سالقىن.
78 مىڭ ( 2000 -يىلى ) . يەرلىك كىشىلەر كاتالونىيە مىللىتى، چەت ئەللىك كۆچمەنلەر % 71.6 تىنى ئىگەللەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئىسپانىيەلىكلەر، ئۇنىڭدىن قالسا پورتۇگالىيە ۋە فىرانسىيەلىكلەر. ھۆكۈمەت تىلى كاتالۇنا تىلى، ئىسپان تىلى ۋە فرانسۇز تىلى. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .
1993-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاندوررا كېنەزلىكى تۇنجى ئاساسىي قانۇنىنى يولغا قويدى. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پارلامېنت تۈزۈمىدىكى ئاندوررا كېنەزلىكى، فرانسىيە زۇڭتۇڭى ۋە ئىسپانىيە رايونىنىڭ ئېپىسكوپى ئوخشاشلا دۆلەت باشلىقى بولۇپ، ئىككى كىنەز دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندوررا ئىككى تەرەپ ھەرقايسى دائىمىي ۋەكىلى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئىككى كېنەزلىككە تەۋە. ئاندوررا كېنەزلىكىدە ئارمىيە يوق. 1982-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن كېيىن، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى پارلامېنت ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ، لېكىن ئىككى كېنەز تەستىقلايدۇ؛ [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئوكيان قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.