چاغراق يېزىسى

چاغراق يېزىسى

چاغراق يېزىسى شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى چاغراق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 恰格拉克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئونسۇ ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاغراق يېزىسىچاغراق يېزىسى شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە تەۋە، تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى تۆمۈر چوققىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، قارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت، بىر مەھەللە، بىر قۇلماق ئەترىتى ( خەنزۇ ئەترىتى ) ، 50 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 16 پونكىت، 9 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە 2 مەكتەپ يېزا دەرىجىلىك، يەتتە مەكتەپ كەنت دەرىجىلىك.تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمى 81 مىڭ 700 مو. ئومۇمىي ئائىلە سانىنىڭ 4778، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر 7728 ئادەم، ئايال 7423 ئادەم، خەنزۇلار 920 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت 14231 ئادەم. تېرىقچىلىقتا ئاساسلىقى بۇغداي، شال، ياڭاق، چىلان، كېۋەز، قىزىلمۇچ قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئاساس قىلىدۇ، باقمىچىلىقتا ئاساسلىقى ئەلا سۈپەتلىك گۆش قويى، سېغىن ئىنەك، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى ئاساس قىلغان. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مۇھىم ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، تېرىقچىلىق، ئەلا سۈپەتلىك گۆش قويى باقمىچىلىقى ۋە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. 

چاغراق يېزىسىيېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماشىنىلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، تېرىش، باشقۇرۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مەشغۇلات كۆلىمى ٪ 86 كە يەتكەن. ئىقتىسادى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرى، پۈتۈن يېزىدىكى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 205 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.53ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپ 181 مىليون يۈەن ؛2-كەسىپ 646.68 تۈمەن يۈەن،3-كەسىپ 1078.36 تۈمەن يۈەن بولغان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7428.63 يۈەن بولغان. 

چاغراق يېزىسىئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسىدىكى 14200دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى ئامما سىملىق رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئورناتقان. ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن 13 مىڭ 500 يۈەن مەبلەغ توپلاپ، چاغراق يېزىسى سىملىق رەقەملىك تور باشقۇرۇش مەركىزى قۇرغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#