ئانىلار بايرىمى

ئانىلار بايرىمى بارلىق ئانىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان بايرام.

قائىدە بويىچە ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئانىلار بايرىمى، لېكىن دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دانىيە، فېنلاندىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئانىلار بايرىمى ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى ئانىلار بايرىمى
تارقالغان رايونلار ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ھازىر 43 دىن كۆپ
پەيدا بولغان رايون ئەڭ بۇرۇن قەدىمكى يۇناندا پەيدا بولغان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 母亲节
باشقا نامى Mother's Day
ۋاقتى ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئانىلار بايرىمى ئانىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان بايرام. بۇ بايرام ئەڭ بۇرۇن قەدىمكى يۇناندا پەيدا بولغان بولۇپ، ھازىرقى ئانىلار بايرىمى بولسا ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن. ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى دەل ئانىلار بايرىمى، بۇ كۈندە ئانىلار ھەرخىل سوۋغاتلارغا ئېرىشىدىغان بولۇپ ئاساسلىقى گۈل، يەنى چىنىگۈل قاتارلىقلار سوۋغا قىلىنىدۇ، جۇڭگودا بولسا ئاساسەن سوۋغا سوۋغا قىلىنىدۇ.

 ئانىلار بايرىمى ئەڭ بۇرۇن قەدىمكى يۇناندىن باشلانغان. قەدىمكى يۇنانلىقلار ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى «ئىلاھلار ئانىسى» رېيا (زىۋىس، پوسىدون، ھەيدىس قاتارلىق ئىلاھلارنىڭ ئانىسى) غا ھۆرمەت بىلدۈرەتتى. قەدىمكى رىم دەۋرىگە كەلگەندە بۇ ئادەتنىڭ داغدۇغىسى تېخىمۇ چوڭىيىپ بايرام ئۈچ كۈنگە ئۇزارتىلغان. لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئانىلار بايرىمى ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ ئىلاھقا بولغان ئېتىقادى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن ئىلاھقا چوقۇنۇش ئادىتى بولۇپ بۈگۈنكى كۈندىكى ئانىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئادىتى بىلەن ئانچە ئوخشىمايتتى.

  17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئانىلار بايرىمى ئەنگلىيەگە تارقالدى. ئەنگلىيەلىكلەر روزا تۇتۇش مەزگىلى (بۇ يەردىكى روزا تۇتۇش خىرىستىيان دىنىدىكى ئادەتنى كۆرسىتىدۇ) نىڭ تۆتىنچى يەكشەنبىسىنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈندە ياشلار ئۆيىگە قايتقاندا ئانىلىرىغا سوۋغاتلارنى ئېلىۋالاتتى.

1876-يىلى ئامېرىكىدا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىنىغا تېخى ئۇزاق بولمىغان مەزگىللەردە جارۋېس خانىم لېكسىيە سۆزلەپ جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بىر قاتار تەسىرلىك قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن قەھرىمان ئانىلارنىڭ ھېكايىسى بار ئىدى. لېكسىيە ئاخىرىدا ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارغا تىلاۋەت قىلىنغاندا ئۇ: «مەلۇم بىر ۋاقىتتا، مەلۇم بىر جايدا كىشىلەرنىڭ بىر ئانىلار بايرىمى تەسىس قىلىپ ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئانىلارنىڭ ئەجىرىنى خاتىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

   جارۋېس خانىم شۇ لېكسىيەسىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 72 يېشىدا قازا قىلغان. ئۇ قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ 41 ياشلىق قىزى ئەننا بىر ئانىلار بايرىمى تەسىس قىلىپ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئەننا نۇرغۇن داڭلىق ئادەملەرگە خەت يېزىپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. لېكىن شۇ چاغلاردا بۇ ئىشنىڭ تەسىر كۈچى ئانچە چوڭ بولمىغان، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا قايىل بولماي جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەرنى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان. ئاخىرى 1907-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاندىرىي چېركاۋى ئەننانىڭ ئانىلارغا ئاتاپ بىر تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىگە قوشۇلغان. كېيىنكى يىلى بۇ مۇراسىم يەنە پىنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ فىلادىلفىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەت ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر قىزغىنلىق بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان، پائالىيەت يەنە ئىشتات باشلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، 1910-يىلى پىنسىلۋانىيە ئىشتاتى ئانىلار بايرىمىنى رەسمىي بايرام قىلىپ بېكىتكەن. 1911-يىلىغا كەلگەندە ئانىلار بايرىمى تېزلىكتە كېڭەيگەن، بايرام ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئىشتاتلاردا ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماي يەنە كانادا، مېكسىكا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا يەنە ئانىلار بايرىمىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئاتكېرتكا ياساپ ئۈستىگە ئون خىل يېزىقتا خەت يېزىپ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارقاتقان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ئانىلار بايرىمى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. 1912-يىلى ئامېرىكا يەنە مەخسۇس «ئانىلار بايرىمى خەلقئارا كومىتېتى» قۇرغان.

1913-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ ئامېرىكا پىرىزدېنتى، ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى، ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ۋە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ ئانىلار بايرىمى كۈنى ئاق رەڭلىك چىنىگۈل تاقىشىنى بەلگىلىگەن. 1914-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەسمىي ھالدا ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنىنى ئانىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە بۇ كۈنى زۇڭتۇڭنىڭ تەبرىك سۆزى قىلىشىنى، بارلىق ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە داڭلىق ئىمارەتلەرگە دۆلەت بايرىقى ئېسىلىشىنى بەلگىلىگەن. كەينىدىنلا زۇڭتۇڭ ۋېلسون يەنە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى بۇ كۈنى ئۆيلىرىگە دۆلەت بايرىقى ئېسىپ ئامېرىكا ئانىلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.

  ئانىلار بايرىمىدا مەيدىسىگە گۈل تاقاشنىڭمۇ قائىدىلىرى بار. ئانىسى قازا قىلغانلار مەيدىسىگە ئاق رەڭلىك چىنىگۈل تاقايدۇ، ئانىسى تېخى ھاياتلار بولسا مەيدىسىگە قىزىل رەڭلىك چىنىگۈل تاقايدۇ. كىشىلەر يەنە ئانىسىغا ھەرخىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ ئانىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىشىدۇ. ئانىلار بايرىمىلىق سوۋغات ئاساسلىقى گۈل بولۇپ، بۇ كۈنى ئانىلار چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ بالىرىلىرى ۋە ئەرلىرى سوۋغا قىلغان گۈل، كەمپۈت، كىتاب ۋە باشقا خاتىرە بۇيۇملارنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلىرى ئۆزى قول سېلىپ ياسىغان ئۈستىگە بوياق قەلەم بىلەن ئىرماش-چىرماش قىلىپ يېزىلغان «ئاپا، سىزنى سۆيىمەن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئاتكىرتكىلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا كۆڭلى باشقىچە يايراپ كېتىدۇ.

 ئانىلار بايرىمىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات بولسا يەنىلا ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنى بىر كۈن بولسىمۇ ئارام ئالغۇزۇشتىن ئىبارەت. بۇ كۈنى نۇرغۇن ئائىلىلەردە بالىلار ۋە ئەرلەر ئۆي ئىشلىرىنى كۆتۈرىگە ئېلىۋالىدۇ، ئاياللارنىڭ تاماق ئېتىپ قاچا يۇيۇپ كىر يۇيۇشى ھاجەتسىز، يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەردە بالىلار ئەتىگەندە ئاپىسى ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئىلگىرىلا ناشتىلىقنى تەييارلاپ ئانىلىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىدۇ.

  ئانىلار بايرىمى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئانىلار بايرىمىنى تەسىس قىلغان ئەننا جارۋىس ھايات ۋاقتىدا ئانىلار بايرىمىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر 43 كە يەتكەن. ھازىر بولسا بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ، ئانىلار بايرىمى ئىسمى-جىسمىغا لايىق خەلقئارالىق بايرامغا ئايلاندى. قائىدە بويىچە ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئانىلار بايرىمى، لېكىن دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دانىيە، فېنلاندىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئانىلار بايرىمى ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

قۇتلۇق كۈندە دۇنيادىكى بارلىق جاپاكەش ئانىلار ئامان بولسۇن. سىزمۇ بىرەر دەستە گۈل ئېلىپ ئانىڭىزنىڭ ۋە ئايالىڭىزنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەپ قويۇڭ، يىراقتا بولسىڭىز تېلېفوندا بولسىمۇ مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#