بۇرۇلتوقاي بازىرى

بۇرۇلتوقاي بازىرى

بۇرۇلتوقاي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە جايلاشقان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت-مائارىپ پائالىيەت مەركىزى. 

ئۇيغۇرچە نامى بۇرۇلتوقاي بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 66 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل ئىقلىم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 福海镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى
نوپۇسى 18399 ئادەم
چەتئەلچە نامى Fu haizhen

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت-مائارىپ پائالىيەت مەركىزى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي، ئومۇمىي كۆلىمى 66 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شەھەر رايونى 6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، پىلانلانغان رايوننىڭ كۆلىمى 26.43 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بازارلىق ھۆكۈمەت قارىمىقىدا ئالتە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىلانلىق تۇغۇت شىپاخانىسى، ئىجتىمائىي ئەمگەك كاپالىتى ئورنى، ئەدلىيە ئورنى؛ بازارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىچىدە پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشخانىسى، ئىجتىمائىي دىن ئىشلىرى ئىشخانىسى، پىلانلىق تۇغۇت شىپاخانىسى تەسىس قىلىنغان.

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئائىلە سانى 5731، نوپۇسى 18399 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ 4474 ئائىلە، 14611 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت 1257 ئائىلە، 3788 ئادەم. بۇرۇلتوقاي بازىرىدىكى كادىر ئىشچى-خىزمەتچى 84، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ 52 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت 23 نەپەر. بازارلىق ئورگان، پونكىتتا جەمئىي 45 كادىر، ئىشچى بار، مەھەللە كادىرى 39 نەپەر. بازارلىق پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى 13 كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئەزاسى سەككىز.

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرى قارىمىقىدا ئالتە مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بار: خەلق يولى مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى، يوڭ ئەن يولى مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى، جىخەي يولى مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى، جەنبېي يولى مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى، غەربىي شەھەر ئايلانما يولى ئاھالىلەر كومىتېتى، خى لې مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى.

بۇرۇلتوقاي بازىرى2007-يىلى ئۆزگىچە باقمىچىلىق كۈچلۈك كەسىپلەرنى يۆلەش پىرىنسىپى بويىچە، سىياسەتنى كەڭ قويۇۋېتىپ، مەبلەغ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ خاس باقمىچىلىق قىلىشىغا پائال ئىلھام بېرىپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان. خى لې مەھەللىسى، يوڭ ئەن يولى مەھەللىسى جەنۇبىي ئايلانما غەربىي يول ۋە ئۇرۇقچىلىق مەيدانىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى باش بولۇپ، «شىركەت + دېھقان» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، توشقان، گۆش ئىتى، ئۆردەك، غاز قاتارلىق خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان.

ھازىرغا قەدەر، بازار بويىچە توشقان باقمىچىلىق ئائىلىسى 300؛گۆش ئىتى باقمىچىلىق ئائىلىسى بىر؛ غاز باقمىچىلىق ئائىلىسى ئىككىگە يەتكەن.

ئىقلىم بايلىقى

بۇرۇلتوقاي بازىرى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل ئىقلىم رايونىغا تەۋە، تۈزلەڭلىك تاغلىق رايوندىن كۆپ، قۇملۇق بوستانلىقتىن كۆپ. كىلىمات ئالاھىدىلىكى: ئەتىياز پەسلى ئىسسىق-سوغۇق ئۆزگىرىش دائىرىسى چوڭ، ياز پەسلى قىسقا، قىش پەسلى قاتتىق سوغۇق ھەم ئۇزۇن. ھۆل-يېغىن بىر قەدەر ئاز، پارغا ئايلىنىش كۈچلۈك، ئەتىياز، قىش پەسلىدە بوران بىر قەدەر كۆپ، قىراۋسىز مەزگىلى قىسقا، قار قاپلاش مەزگىلى 5 ئاي داۋام قىلىدۇ. ئاساسلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايى: سوغۇق ئېقىم، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، بوران، قۇرغاق ئىسسىق شامال، مۆلدۈر، گۈلدۈرماما ۋە چاقماق، ئۈششۈك، قار ئاپىتى قاتارلىقلار بار. يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2788 سائەت، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ۋاقتى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى باراقسان بولغان ۋاقىت 6-ئايدىن 8-ئايغىچە، ھەر ئايدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى بىردەك 300 سائەتتىن ئاشىدۇ، بىر كۈنلۈك ئەڭ ئۇزۇن يورۇتۇش ۋاقتى 14 سائەتتىن يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃4. مۇتلەق ماكسىمۇم ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃41، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃42.7-، 1-ئايدا كۆرۈلىدۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يىللىق سېلىشتۇرما پەرقى ℃83.7، قىروسىز مەزگىل 147 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 121مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1844.4 مىللىمېتىردىن يۇقىرى. ھاۋانىڭ نىسپىي نەملىكى ئاز، يىللىق ئوتتۇرىچە نىسپىي نەملىكى %50-%70، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش پەسلى ھاۋانىڭ نىسپىي نەملىكى %35-%60 ئەتراپىدا بۇلىدۇ.

سۇ بايلىقى

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، ئېرتىش دەرياسى بىلەن ئۇلۇڭگۈر دەرياسى ئارىلىقىدىكى دەريا ۋادىسى تۈزلەڭلىك رايونىغا جايلاشقان، ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىت ۋە بىر قەدەر ياخشى بولغان سۇ بايلىقىغا ئىگە، ئىككى دەريا ۋادىسىدا كەڭ كۆلەمدىكى تەبىئىي ئورمان بار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بىر قەدەر ياخشى. جايلىشىشى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان تۆت چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى ياسالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1975-يىلى قۇرۇلغان ئوتتۇرا تىپتىكى قاشۋېن سۇ ئامبىرى بار، بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مەنبەسى ئېرتىش دەرياسى، سىغىمى 0.15 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىق سۇ ئورنى 0.138 مىليون كۇب مېتىر، ئۆلۈك ئامبار سىغىمى مىليون 0.012 كۇب مېتىر؛ 1976-يىلى ئۈلۈڭگۈر دەرياسى شىمالىي قىرغىقىدىكى چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبىرى بۇرۇلتوقاي سۇ ئامبىرى قۇرۇلغان، بۇ سۇ ئامبىرى ئۇلۇڭگۈر دەرياسىنىڭ بۇرۇلتوقاي تەۋەسىدە چوققا تېغى بۆلىكىگە جايلاشقان، بىر چوڭ تىپتىكى كىرگۈزمە تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرى، نورمال سۇ ساقلاش ئورنى 574 مېتىر، ئومۇمىي سىغىمى 140 مىليۇن كۇپ مېتىر، تۆۋەن ئېقىنىدا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، سۇغىرىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن، بۇ سۇ ئامبىرىغا 2002-يىلى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئېلىپ بېرىلغان، ئومۇمىي ئامبار سىغىمچانلىقى 220 مىليون كۇب مېتىر، ئۆلۈك ئامبار سىغىمى 80 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىق سۇ ئورنى 140 مىليۇن كۇپ مېتىر، تۆۋەن ئېقىندىكى سۇغىرىش كۆلىمى 320 مىڭ مو، كەلكۈن يىغىش، تەڭشەش، سۇغىرىش، ئاھالە ئىشلىتىدىغان سۇ، توك چىقىرىش، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار خاراكتېرلىك سۇ ئامبىرى؛ 1990-ئۆلۈڭگۈر دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا قۇرۇلغان، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى-قارا قۇيۇن سۇ ئامبىرى، بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ مەنبەسى ئۈلۈڭگۈر دەرياسى، سۇ سىغىمچانلىقى 59 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىق سۇ ئورنى43 مىليون كۇپ مېتىر، تۆۋەن ئېقىمىدىكى سۇغىرىش كۆلىمى 130 مىڭ مو، كەلكۈن يىغىش، سۇغىرىش، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىر گەۋدە قىلىنغان ئىقتىدار خاراكتېرلىك سۇ ئامبىرى؛ 1994-يىلى قۇرۇلغان ئېرتىش دەرياسى سۇ باشلاشنى تەڭشەيدىغان ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى-ئىتتىپاق سۇ ئامبىرى، بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ سېغىمى 11 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىق سۇ ئورنى 0.07 مىليون كۇب مېتىر، تۆۋەن ئېقىندىكى سۇغىرىش كۆلىمى 100 مىڭ مو. ئىتتىپاق سۇ ئامبىرى بۇ ناھىيەنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغان. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى نىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، ئەمما سۇ رايونى بىپايان، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ مەنبەسى بىر قەدەر مول.

بېلىقچىلىق بايلىقى

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرى تەۋەسىدىكى ئۇلۇڭگۈر كۆلى، ئۇلۇڭگۇر دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى، چوڭ، كىچىك دەريالاردىن تەركىب تاپىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق بۇرۇلتوقاي دەرياسىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 230 مىڭ مو؛ جىلى كۆلىنىڭ كۆلىمى 270 مىڭ مو، كۆل ئوتتۇرىسىدا يەتتە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، قويناق جىلغا دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇلۇڭگۈر كۆلى، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋادىسىدىكى ئون چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى، ئۇ «جۇڭغار گۆھىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي بېلىقچىلىق بازىسى، كۆل ئىچىدە بېلىق تۈرى مول. ئۇلۇڭگۈر كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى تۇتاشقاندىن كېيىن، ئېرتىش دەرياسى سۇ سىستېمىسىدىكى بېلىقلار مەسىلەن، شەرق ياۋروپا يېسسى بېلىقى، سازان بېلىق، كۆل كارپ بېلىقى، لۇتسىيوپېركا بېلىقى، يېپىشقاق ئوكۇن بېلىقى، ئالا چورتان بېلىقى، دەريا نالىم بېلىقى قاتارلىق بېلىقلار كۆلگە ئېقىپ كىرىپ، ئەسلىدە بار بولغان بېلىق تۈرلىرى رايون سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بېلىق تۈرلىرى تېخىمۇ موللىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ئىقتىسادىي بېلىق تۈرلىرىدىن: ھاۋز ئەركەك بېلىقى، ئالا چورتان بېلىقى، شەرقىي ياۋروپا يېسى بېلىقى، تاپان بېلىق، بايقال ئاق بېلىقى، دىڭ بېلىق، دەريا ئوكۇن بېلىقى، لاققا بېلىق، خاپان باش بېلىق، سازان بېلىق، دەريا نالىم بېلىقى قاتارلىق يىگىرمە نەچچە خىلى بار. ناھىيە تەۋەسىدە يەنە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ئازگىلىدىن (كۆلچەك، سۇ ئامبىرى) جەمئىي 128ى بار، باقمىچىلىق كۆلىمى 144 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبىرى 3، كۆلىمى 43 مىڭ مو؛ لەخمە 35، بېقىش كۆلىمى 88 مىڭ مو، سۈنئىي كۆلچەك 90، يەر مەيدانى 13 مىڭ مو. ئاساسلىقى 1-دېھقانچىلىق مەيدانى، ئۇلۇڭگۈر كۆلىنىڭ شەرقىي لىنىيىلىرى، ئوتتۇرا غول ئۆستەڭدىن پايدىلىنىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

بىيولوگىيەلىك بايلىقى 

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى مول، ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن قۇلان، سايگاڭ بۆكىنى، قاڭشارلىق بۆكەن، يىلپىز ، قۇندۇز، قىزىل قاشقا تۇرنا، موڭغۇلىيە ياۋا ئېتى قاتارلىق 15 خىلى بار؛ 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن بۇغا، ئارقار، سۈلەيسۈن، ئاق قۇ، تاغ ئۆچكىسى قاتارلىق 20 خىل؛ باشقا ياۋايى ھايۋانلار نەچچە يۈزگە يېتىدۇ. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن 1000 نەچچە خىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر 200 خىلدىن ئاشىدۇ، بىر قەدەر كەڭ تارقالغان، مەھسۇلات مىقدارى بىر قەدەر زور بولغان ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، سۇغۇر سېسىقئوتى، توشقان زەدىكى، سوغىگۈل، مامۇرانچىن، قۇرت ئوت، موگۇ قاتارلىقلار بار. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن سىبىرىيە ئاق قارىغىيى، ئاق شەمشاد، توغراق، قار لەيلىسى قاتارلىقلار بار.

ئورمان بايلىقى

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرىدىكى ئورمان بايلىقى يەر شەكلىگە قاراپ، تاغلىق، تۈزلەڭلىك، قۇملۇق ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە سېستىمىسىغا ئىگە. شىمالىي تاغلىق رايونىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق جايلىرىدىكى تەسكەي، يېرىم تەسكەي يانتۇلۇقتا شەمشاد، ئاق شەمشاد، بال قارىغاي قاتارلىق يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ئۆسىدۇ؛ تۈزلەڭلىك دەريا ۋادىسىدا تېرەك، سۆگەت قاتارلىق كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ۋە قوڭغۇراق خوت تىكەن، يۇلغۇن قاتارلىق چاتقال ئورمىنى ئۆسىدۇ؛ تۈزلەڭلىك دېھقانچىلىق رايونىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈلگەن ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنى ئاساس قىلىدۇ؛ قۇملۇقتا ئاساسلىقى تەبىئىي چۆل چاتقال ئورمىنى ئۆسىدۇ. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئورمان يېرى كۆلىمى 398730.7 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە ئورمان كۆلىمى 8865.9 گېكتار، شالاڭ ئورمان كۆلىمى 346.7 گېكتار، چاتقال ئورمىنى كۆلىمى 184859.87 گېكتار، چاتقاللىق يەر كۆلىمى 204658.27 گېكتار.

ئوتلاق بايلىقى

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرى شىنجاڭ نىڭ ئاساسلىق چارۋىچىلىق بازىسى بازىرىنىڭ بىرى، بازار تەۋەسىدىكى ئومۇمىي تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى 35 مىليون مو، چارۋىچىلىققا باب كېلىدىغان تەبىئىي ئوتلاق ئومۇمىي كۆلىمى 23 مىليون موغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە : يازلىق يايلاق 1 مىليون 70 مىڭ مو، كۈزلۈك يايلاق، قىشلىق يايلاق تۈمەن 1336 مو. ئاساسلىقى ناھىيە تەۋەسىدىكى ئالتاي تېغىنىڭ ئېگىز تاغ بەلبېغى، پەس تاغ بەلۋېغى، جەنۇبتا جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرى ۋە ئۇلۇنگۈر دەرياسى سايلىرىدىكى ۋە تۆۋەن ئېقىمى دېلتىسىغا جايلاشقان. يايلاق كىلىماتى سالقىن، نەم، تۇپرىقى مۇنبەت، قوغىجاي، كۆل ئوت-چۆپلىرى، ئۈنچە ئوت، ياۋا سۇلۇ قاتارلىق 100 گە يېقىن خىل سۈپەتلىك ئوت-چۆپ كۆپ چىقىدۇ. ئاساسلىق چارۋا ئات، كالا، قوي، تۆگە قاتارلىقلار بار. بىر قەدەر ئېسىل چارۋا تۈرلىرىدىن: ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى، تىۋىت ئۆچكىسى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى قازاق چارۋىچىلار نەچچە مىڭ يىللىق جاپالىق يېتىشتۈرۈشى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن، ئېلىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك قوي تۈرلىرىنىڭ بىرى.  

يەر بايلىقى

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرىنىڭ شىمالى ئالتاي تېغى، جەنۇبتا جۇڭغار قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقى بار. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېرتىش دەرياسى بىلەن ئۇلۇڭگۇر دەرياسىدىن ئىبارەت 2 چوڭ سۇ سىستېمىسىدىن ئېرتىش دەرياسى بىلەن ئۇلۇڭگۈر دەرياسى ئارلىقىدا قەدىمكى تىندۇرما تۈزلەڭلىكلەر شەكىللەنگەن ، ئۈلۈڭگۈر دەرياسىنىڭ جەنۇبى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىدىكى ئېدىرلىق ۋە قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى، ئومۇمىي يەر شەكلىنىڭ ئېگىز -پەسلىكى چوڭ ئەمەس، قىسمەن رايونلاردا بىر قەدەر چوڭقۇر ئازگال شەكىللەنگەن. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 550 مېتىر بولۇپ، يەر شەكلى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، شەرقىي ئېگىز، غەربى پەس، يەر يۈزى يانتۇلۇقى ‰ 3.30. تۇپراق قەۋىتى بىرقەدەر قېلىن، ئاغدۇرۇش ئاسان. بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ يەر كۆلىمى 3325073.88 گېكتار. يېزا ئىگىلىك يېرى 3038560.95 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە، تېرىلغۇ يەر48110.03 گېكتار، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %1.45ىنى تەشكىل قىلىدۇ، باغ 204.17 گېكتار، ئورمان يېرى 83077.49 گېكتار، ئوتلاق 2877772.25 گېكتار، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %86.5ىنى تەشكىل قىلىدۇ، باشقا يېزا ئىگىلىك يېرى 29396.31 گېكتار؛ قۇرۇلۇش يېرى 11372.65 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە : ئاھالىلەر ئولتۇراق يېرى ۋە زاۋۇت-كان يېرى 4303.15 گېكتار، قاتناشقا ئىشلىتىلگەن يەر 259.99 گېكتار، سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى 6809.51 گېكتار؛ پايدىلانمىغان يەر 275140.29 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىلمىگەن يەر 197501.67 گېكتار، باشقا يەر 77638.62 گېكتار.

مىنېرال بايلىقى

بۇرۇلتوقاي بازىرىبۇرۇلتوقاي بازىرى ئالتاي ۋە جۇڭغار ئىككى چوڭ تۈزۈلمە بۆلىكى ئاتلاپ ئۆتكەن، كۆپ خىل ئەۋزەل كان ھاسىل بولۇش شارائىتى گېئولوگىيەلىك قۇرۇلما شەكىللەندۈرگەن، قېزىلما بايلىقلار بىرقەدەر مول. ھازىر بايقالغان كان تۈرى 20 خىلدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى: كۆمۈر يېقىلغۇ كان ياتمىسى، نېفىت؛ قارا مېتال قېزىلما بايلىق نۇقتىسىدىن تۆمۈر، مانگان؛ رەڭلىك مېتال قېزىلما بايلىقىدىن مىس، قوغۇشۇن، سىنىك؛ قىممەتلىك مېتال قېزىلما بايلىقىدىن پۇلى؛ ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كان بايلىقىدىن بېرىللىي، لىتىي، نىئوبىي، تانتال (Ta)، سېزىي؛ ئالاھىدە مېتاللوئىد كان مەھسۇلاتلىرىدىن ئاق چىرىمتال، ياقۇت ۋە خرۇستال قېزىلما بايلىقى؛ خىمىيە سانائىتى خام ئەشيالىرى ۋە بىناكارلىق ماتېرىياللىرى قېزىلما بايلىقىدىن شور، تۇز، سېغىز توپا، ھاك تاش، كۋارتسلىق قۇم، بارىت قاتارلىقلار بار، جەمئىي قېزىلما بايلىق نۇقتىسىدىن 40 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى ئاق چىرىمتال كان ياتمىسىدىن بىرى، ئوتتۇرا تىپتىكى لىتىي پىروكسېن كېنى بىر، كان مىنېراللىشىش نۇقتىسى 26.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#