كۈنجۈتلۈك كۇمۇلەك
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. خام كۈنجۈت قايناق سۇغا بېسىپ كۆپتۈرۈلىدۇ. ئاندىن چىڭ دۈملەپ يۇمىشىتىپ ئېلىپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىپ، داكىغا ئوراپ ئۈستىدىن سوقۇپ، كۈنجۈتنىڭ پوستى چىقىرىۋېتىلىدۇ. تازىلانغان كۈنجۈتنى قورۇپ قۇرۇتۇپ، ئازراق كۈنجۈت بىلەن ئازراق شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يەنە سوقۇپ يۇمشىتىپ ئۇندەك ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭغا قىزىلگۈل مۇرابباسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت شېكەردە ياسالغان تاتلىق قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۇمۇلەك ياساپ(ئادەتتە 20 دانە ياسالسا مۇۋاپىق) ، ئوتتۇرىسىنى كاۋاك قىلىپ ياسالغان تاتلىق قىيمىنى ئىچىگە ئېلىپ، يەنە كۇمۇلەك ياساپ تەييارلىنىدۇ(ئىشلەتكەن گۆش ئورۇق بولسا، پۇرچاق ئۇنى ئىشلەتمەي، تۇخۇم ئىشلىتىلىدۇ، تۇخۇم گۆشنى يېپىشقاق قىلىدۇ) .
3. تۇخۇمنى چېقىپ، ھۆل پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق شىرە ياسىلىدۇ. سوغۇق سۇغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنىغا شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق شىرى تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 4-3 دەرىجە قىزىتىپ تەييارلانغان كۇمۇلەكنى قويۇق شىرىگە چىلاپ ياغقا سېلىپ، بىرىنچى قېتىم پىشۇرۇپ ئالىمىز. ئىككىنچى قېتىم ياغنى 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، يەنە بىر قېتىم پىشۇرۇلىدۇ(ئوت كۈچىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك) .
5. قازاندا ئازراق ياغ قالدۇرۇپ، تەييارلانغان سۇيۇق شىرىنى تۆكۈپ قاينىتىپ، ئىككى قېتىم ياغدا پىشقان كۇمۇلۇكنى سېلىپ، ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ تەخسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنجۈت، ئازراق ئاچچىقسۇ، ئاق شېكەر سېپىپلا قويسا بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.