تاشمىلىق يېزىسى

تاشمىلىق يېزىسى

تاشمىلىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 38.4 كىلومېتىر، شەرقىي تەرىپى ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيەسى ئۇيتاغ بازىرى بىلەن، غەربتە گەز دەرياسى، شىمالدا تېرىم يېزىسى بىلەن قوشنا.

ئۇيغۇرچە نامى تاشمىلىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 25 مىڭ ئادەم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔什米里克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
يەر مەيدانى 333.14 كۋادرات كىلومېتىر
جۇغراپىيەلىك ئورنى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاشمىلىق يېزىسىتاشمىلىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 38.4 كىلومېتىر، شەرقىي تەرىپى ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيەسى ئۇيتاغ بازىرى بىلەن، غەربتە گەز دەرياسى، شىمالدا تېرىم يېزىسى بىلەن قوشنا بولۇپ. ئومۇمىي نوپۇسى 25 مىڭ ئادەم، جەمئىي 5086 ئائىلە. ئومۇمىي كۆلىمى 333.14 كۋادرات كىلومېتىر (57 مىڭ مو)، تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمى 37 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.5 مو. ئاشلىق، پاختا، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق تۆت چوڭ كەسىپلەرنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى. 

تاشمىلىق يېزىسىپۈتۈن تاشمىلىق يېزىسىغا قاراشلىق 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، يەنى : قاراباش كەنتىى، بەشباغ كەنتى، ياغۇ كەنتى، باش ياغۇ كەنتى،  موللامبېغى كەنتى، كۆكچى كەنتى، قۇمباغ كەنتى، دوغىلات كەنتى، دۆڭئۆستەڭ كەنتى، ھۆلجىگدە كەنتى، قارا ئۆستەڭ كەنتى، ئاچال كەنتى، نوقات كەنتى، ئايدىڭكۆل كەنتى، ئاقئۆستەڭ كەنتى، بىر تەرەققىيات رايونى 136 كىچىك كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

تاشمىلىق يېزىسىتاشمىلىق يېزىسى گەز دەرياسى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1470-1600 مېتىر. غەربىي تەرىپى ئىگىز، شەرقىي تەرىپى پەس، ئەڭ چوڭ يانتۇلۇقى 28/500، ئادەتتىكى يانتۇلۇقى 15/1000. تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆپ قىسمى تىنما تۇپراق، ئەتراپى لاتقا قوڭۇر چۆل تۇپراق، ئادەتتىكى قوڭۇر چۆل تۇپراق، شامالنىڭ تەسىرىدىن قۇم-قورشىلىپ تۇرىدۇ. 1998-يىلى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.8 سېلسىيە گىرادۇس، قىروسىز مەزگىل 208 كۈن. بۇلاق سۈيى 0.15 كۇب مېتىر/ سېكۇنت، سۇ مەنبەسى پۈتۈنلەي گەز دەرياسىنىڭ دەريا سۈيى سۇغىرىشغا تايىنىدۇ، كان بايلىقلىرى تاش تۇز، تاش مۇم بار.

تاشمىلىق يېزىسىتاشمىلىق يېزىسى ئاشلىق، پاختا، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق 4 چوڭ كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ، ئالاھىدە كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قوشۇمچە ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولغاچقا كۈن نۇرى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، مېۋە-چېۋە ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئۆسۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن. تاشمىلىق يېزىسىدىن چىقىدىغان مېۋە تەمى ناھايىتى مەززىلىك بولۇپمۇ «مۇياق ئۆرۈك» نى، «ئۆرۈك شاھى» دېيىشكە بولىدۇ. گۆشى قېلىن، شۆپىكى نېپىز، سۇلۇق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك ئۆرۈكلەرنىڭ سەرخىلى. ئۆرۈك قېقى ئۆرۈكنى ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن ياسىلىدۇ، مېڭىنى روھلاندۇرۇش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رولى بار. نۆۋەتتە يېزا بويىچە جەمئىي كۆلىمى 34 مىڭ مو، 520000 تۈپ ئۈرۈك، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 10 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى، سانجى، كورلا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ سېتىلىدۇ.

تاشمىلىق يېزىسىدا تېرىلغۇ يەر ئاز، نوپۇس كۆپ، مول ئوشۇق بولغان ئەمگەك كۈچلىرىدىن تاشمىلىق يېزىسى ھازىر ۋاسىتىچى تەشكىلات قۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشى ھەر يىلى نۇرغۇن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يەتكۈزۈش خادىملارنى تەشكىللەپ سىرىتقا چىقىرىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ بىلىم ئېلىشقا تۆھپە قوشۇپ ئەمگەك كۈچىنى ياخشىلاپ، شۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. 

تاشمىلىق يېزىسى كان بايلىقلىرى مول، تۇز كانى، گەج كېنى قاتارلىق مىنېرال ماددىلار كېنى بۇلۇپ، مەھسۇلات نۇقتىسى، باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قېزىش كېنى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#