پومپېي قەدىمكى شەھىرى
پومپېي قەدىمكى شەھىرى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىدىكى كامپانىيە رايونىغا جايلاشقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پومپېي قەدىمكى شەھىرى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي بۇرجىكىدىكى كامپانىيە رايونىغا جايلاشقان ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر ئىمامشۇناس تاساددىپىي ھالدا يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان پومپېي شەھەر خارابىسىنى بايقىغان.
لېكىن، 18-ئەسىرگە كەلگەندە كىشىلەر ئاندىن كەڭ كۆلەمدە قېزىش خىزمىتىنى باشلىغان. ئارخېلوگلار قېزىپ چىقىرىلغان قاچا-قۇچا، ئىمارەتلەر ئىزىدىن پومپېي شەھىرىنىڭ ئىلگىرى ناھايىتى باياشات ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن.
ئارخېلوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 79-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئاشقاندا، شەھەرگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋېزۇۋى يانار تېغى تۇيۇقسىز پارتىلاپ، بىر مەھەل يەر-جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، يەر -زېمىن تەۋرەپ كەتكەن، زور مىقداردىكى ماگما پارچىلىرى بىلەن ۋولقان كۈلى يانار تاغ ئەتراپىدىكى يەرلەرنى پۈتۈنلەي قاپلىغان. پومپېي قەدىمىي شەھىرى مانا مۇشۇنداق كۆمۈلۈپ قالغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.