شىزاڭ ياۋا ئېشىكى

تىبەت قۇلىنى

قۇلان دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاندۇر. ئۇنىڭ تېرىسىدىن داڭلىق دورا قارا يېلىم ياسىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا، تېرىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ خۇرۇم قىلىشقا، گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شىزاڭ ياۋا ئېشىكى
باشقا ئاتىلىشى قۇلان، ياۋا ئېشەك، تىبەت قۇلىنى
تۈركۈمى تاق تۇياقلىقلار ئەترىتى
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپىغا تەۋە
خەنزۇچە نامى 西藏野驴
چەتئەلچە ئاتىلىشى Kiang
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئات ئائىلىسى
كەنجى تۈرى ئۈچ كەنجى تۈرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋا ئېشەكتىبەت قۇلىنى بىلەن جۇڭغار قۇلىنى قانداش تۈرلەردۇر. تىبەت قۇلىنىنىڭ بېشى قىسقا، كەڭرەك بولغانلىقى ئۈچۈن جۇڭغار قۇلىنىنىڭ بېشىدىن سەل چوڭ كۆرۈنىدۇ. قۇلىقى ئۇزۇنراق بولۇپ ، ئۇچى سەل ئۇچلۇق بولىدۇ. بۇ ئىككى تۈرنى سېلىشتۇرغاندا، تىبەت قۇلىنى جۇڭغار قۇلىنىدىن سەل چوڭراق، قۇيرۇقىمۇ ئۇزۇنراق بولىدۇ. رەڭگى جەھەتتىن تىبەت قۇلىنى بىلەن جۇڭغار قۇلىنى روشەن پەرقلىنىدۇ. يايلى قىسقا ھەم تىك بولۇپ، تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.

قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى قىسمىدا ئۇزۇن قىل تۈكلىرى بولمايدۇ. قۇيرۇقىنىڭ 1/3 قىسمىدا ئۇزۇن ھەم يىرىك قىل تۈكلەر بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ. ئالدى ئىككى تۇيىقى يۇمىلاق، كەينى ئىككى تۇيىقى ئۇزۇنچاق بولۇپ، سەل ئېگىز بولىدۇ . ئالدى ئىككى پاقالچىقىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ياپىلاق ھالەتتىكى قاتتىق قاداق تەڭگىچىسى بولىدۇ.

 تېنىنىڭ ئۈستى قىسمى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە ، تېنىنىڭ ئاستى، تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى قىسمى ئاق رەڭدە بولىدۇ. دۈمبە قىسمى بىلەن قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى ناھايىتى روشەن پەرق قىلىدۇ.

 مۈرىسىدىن قۇيرۇقىغىچە قارا رەڭلىك ئۇزۇن ئوتتۇرا بۆلگۈچ سىزىقى (بەل ئومۇرتقا سىزىقى) بولۇپ، بۇ سىزىق جۇڭغار قۇلىنىنىڭ بەل ئومۇرتقا سىزىقىدىن سەل كەڭرەك بولىدۇ. تۇمشۇقى ئاق، كۆزى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇلىقىنىڭ ئۇچى ۋە چۆرىسىدىكى تۈكلىرى قارا رەڭدە، ئىچىدىكى تۈكلىرى قېنىق ئاق رەڭدە بولىدۇ. تۆت پۇتىنىڭ تاشقى قىسمىنىڭ رەڭگى دۈمبىسىنىڭ رەڭگىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن دۈمبىسىنىڭكىدىن سەل سۇسراق بولىدۇ. تۈكنىڭ قويۇقلۇقى جەھەتتە تىبەت قۇلىنىنىڭ تۈكى جۇڭغار قۇلىنىنىڭ تۈكىدىن قويۇق بولىدۇ.

ياۋا ئېشەكتىبەت قۇلىنى دېڭىز يۈزىدىن 3000–5500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز تاغ چۆللۈك ئوتلاقلىرىدا ياشايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تىپىك ئېگىزلىك ھايۋىنىدۇر. 

 بۇنداق ئېگىز تاغ ئوتلاق رايونلىرىنىڭ تەبىئىي كىلىماتى ناھايىتى ناچار، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى شالاڭ بولىدۇ. 

تىبەت قۇلىنى مانا مۇشۇنداق سوغۇق ھەم ناچار شارائىتقا ماسلاشقان. تىبەت قۇلىنى ئادەتتە توپ بولۇپ ياشايدۇ.

 ئوزۇقلۇق مەنبەسى ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ توپ ئىچىدىكى سانىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى توپلاردا پەقەت بىرقانچىسى بولىدۇ، بەزى توپلاردا سانى 100 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈش، پۇراش، ئاڭلاش سەزگۈسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، بولۇپمۇ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سەزگۈسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. ئادەتتە بىرەر كۈشەندە ياكى باشقا يات نەرسىلەرگە يولۇققاندا ئالدى بىلەن بېشىنى تىك تۇتۇپ تازا سەپسېلىپقاراپ ئاندىن قېچىپ كېتىدۇ.

بىرئاز يۈگۈرگەندىن كېيىن توختاپ يەنە قاراپ قويۇپ يەنە يۈگۈرەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال بىرقانچە قېتىم داۋاملىشىدۇ. ئۇلار توپ بولۇپ ماڭغاندا ھامان ئەركىكى ئالدىدا، چىشىسى ئارقىدا بالىلىرىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ناھايىتى رەتلىك ماڭىدۇ. ھەتتا بىرەر نەرسىگە يولۇقۇپ ئۈركىگەن چاغدىمۇ توپنىڭ تەرتىپىنى ئاسانلىقچە بۇزۇۋەتمەيدۇ. سۇ مەنبەسى بىلەن ئوزۇقلۇق مەنبەسى ئارىلىقىدا رەتلىك ماڭىدىغان بولغاچقا، بۇ ئارىلىقتا تەبىئىي چىغىر يول شەكىللىنىدۇ. ئادەتتە ساي دالىلاردا، كەڭرەك ئويمانلىقلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

تىبەت قۇلىنى تىبەت قۇلىنى كۈيلەش مەزگىلىگە كەلگەندە ئەركەكلىرى ئۆزئارا تالىشىپ سوقۇشىدۇ، غالىب كەلگەنلىرى شۇ توپتىكى چىشى قۇلانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. يېڭىلگەنلىرى ساي–دالىلارغا كېتىپ يالغۇز يۈرىدۇ. كۈيلەش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە توپ بولۇپ ياشايدۇ. 

ئۇ ھەر يىلى 8 ~ 9–ئايلاردا كۈيلەپ، چېتىشىپ بوغاز بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى 5 ~ 7–ئايلاردا تۇغىدۇ. ھەرقېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ، بوغاز مەزگىلى 11 ئاي بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرى بىرقانچە سائەتتىن كېيىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالايدۇ. تۇغۇش ۋاقتىدا بىخەتەر جاينى تاللاپ شۇ يەردە تۇغىدۇ. بالىلىرى تۆت ياشقا كىرگەندە جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ.

تىبەت قۇلىنى 6-ئايدا تۈك تاشلاشقا باشلاپ 8-ئايدا بارلىق تۈكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈك تاشلىشى خالىغانچە بولماستىن، بەلكى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. مەسىلەن : ئالدى بىلەن تۆت پۇتى، مۈرىسى، كەينى يانپىشى، كالپۇكى، بۇرۇن ئەتراپى، كۆز ئەتراپى ، قۇلاق ئەتراپى، بويۇن ئاستى، دۈمبىسى.

كۈشەندىسى

 تىبەت قۇلىنىنىڭ تەبىئىي كۈشەندىسى بۆرە، چىلبۆرە، ئېيىق، يىلپىز قاتارلىقلاردۇر.

ياۋا ئېشەكتىبەت قۇلىنى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە پەقەت كوئىنلۇن تېغى ۋە ئالتۇنتاغ رايونىغىلا تارقالغان. دۆلىتىمىز ئىچىدە چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈەن، شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئېگىز تاغ ئوتلاق رايونلىرىغا تارقالغان. باشقا دۆلەتلەردىن كەشمىرگە تارقالغان. ئۇنىڭ ئىككى كەنجى تۈرى بار بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا بىر كەنجى تۈرى تارقالغان.

ئۇنىڭ تېرىسىدىن داڭلىق دورا قارا يېلىم ياسىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېرىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ خۇرۇم قىلىشقا، گۆشىنى يېيىشكە بولىدۇ. تىبەت قۇلىنىنىڭ تېنى چوڭ، يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېز، كۈچلۈك بولغاچقا ئۇنى ئات بىلەن چېتىشتۇرۇپ يېڭى قېچىر سورتى پەيدا قىلىشقا، ئېشەك بىلەن چېتىشتۇرۇپ يېڭى ئېشەك سورتى پەيدا قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ داڭلىق كۆرگەزمە ھايۋىنى بولۇپ، ھايۋانات باغچىلىرىدا كۆرگەزمە قىلىشقا بولىدۇ.

تىبەت قۇلىنى تىبەت قۇلىنى ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، بەزى جايلاردىكى ئېقىن سۇ يوقاپ كەتكەندە مەلۇم ئورۇننى كولىسا سۇ چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ ئالدى پۇتى بىلەن يەرنى مەلۇم چوڭقۇرلۇقتا كولاپ سۇ چىقىرىپ ئىچىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت شۇنداق شارائىتتا ياشاپ، شۇ شارائىتقا ماسلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. تىبەت قۇلىنىنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 65 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

http://uyghur.news.cn/20120428/c_131557687.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#