جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى

جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن جىگەر بىۋاسىتە زەخىملىنىپ ياكى باشقا ئەزالاردىكى كېسەللىك جاراسىملىرى قان ئېقىمى ئارقىلىق جىگەرگە تەسىر قىلىپ، جىگەردە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان يىرىڭلىق ئىششىقلار شەكىللىنىپ، كلىنىكىدا ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش، قىزىش، توڭۇپ تىترەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، جىگەر چوڭىيىش، باسقاندا ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى
كېسەللىك سەۋەبى جىگەر ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم جىگەر بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىيدۇ
خەنزۇچە نامى 肝 浓 肿
كېسەللىك ئورنى جىگەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. جىگەر ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

جىگەر ياللۇغىدا جىگەر ھۈجەيرىلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلەپ نېكروزلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نېكروزلانغان ھۈجەيرىلەر بەدەن سىرتىغا چىقىرىلماي تۇرۇپ قىلىپ تەدرىجىي توپلىشىپ يىرىڭلىق ئىششىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. 

2. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق، بەزگەك قاتارلىق كېسەللىكلەردىكى ئاجرىلىپ چىققان ئوفۇنەتلەنگەن ماددىلار قان ئېقىمىغا ئۆتۈپ قان خىلىتىغا قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق، جىگەر توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە بارغاندا توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى نېكروزلاندۇرۇپ، نېكروزلانغان توقۇلما ھۈجەيرىلەر تەدرىجىي توپلىشىپ يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

3. قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت جىگەر توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە بارغاندا قان تومۇر بىلەن جىگەر توقۇلما ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشقا ماۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپ، جىگەر ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى ۋە چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ چىقىرىندى ماددىلار يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ نىكروزلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نىكروزلانغان توقۇلمىلار تەدرىجىي توپلىشىپ، جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4. سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت جىگەردىكى ئىنچىكە قان تومۇرلارنى تارايتىپ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ تۇرۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بىلەن يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ يىرىڭلىق ئىششىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. 

5. باشقىلار 

ھەرخىل سىرتقى زەخىملىنىش، ھاراق ۋە باشقا خىمىيىلىك دورىلاردىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن جىگەر توقۇلما ھۈجەيرىلىرى زەخىملىنىپ ۋە نېكروزلىنىپ يىرىڭلىق ئىششىقنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىيدۇ، باسقاندا، چوڭقۇر نەپەس ئالغاندا ئاغرىق كۈچىيىدۇ ھەمدە ئاغرىق تەدرىجىي ئوڭ تەرەپ تاغاق قىسمىغىچە تارقىلىدۇ، يۇقىرى قىزىتما بولۇپ، توڭۇپ تىترەيدۇ. ماغدۇرسىزلىنىدۇ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، ھەزىم بۇزۇلىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، قەۋزىيەتلىك بولىدۇ، كۆپ ئۇسسايدۇ، ئورۇقلايدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە سېرىقلىق چۈشىدۇ، جىگەر يوغىنايدۇ، باسقاندا ئاغرىيدۇ، بىمار ئوڭدا ياكى ئوڭ بىقىنىنى بېسىپ ياتالمايدۇ. 

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش، باسقاندا، نەپەس ئالغاندا ئاغرىق كۈچىيىش، ئاغرىق ئوڭ تەرەپ تاغاق قىسمىغىچە تارقىلىش، قىزىش، توڭۇپ تىترەش، جىگەر يوغىناش، يەڭگىل دەرىجىدە سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىق تىپىك ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى جىگەر ياللۇغى كېسەللىكى بىلەن ئاغدرىغانلىق، كۆپ ھاراق ئىچكەنلىك تارىخى بولىدۇ. 

 

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

 (1لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش: قان تەكشۈرگەندە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە ھىموگلوبىن سانى ئازىيىدۇ. 

ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. 

 (2رېنتگېندە تەكشۈرۈش: ئوڭ تەرەپ دىئافراگما يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. 

 (3فۇنكسىيە قىلىپ تەكشۈرۈش: فۇنكسىيە قىلىپ يىرىڭ ئالغاندا سارغۇچ ئاق رەڭلىك يىرىڭ تارتىپ ئېلىنسا جىگەر يىرىڭلىق ئىشىشقى دەپ دىئاگنوز مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. 

 B (4تىپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش: جىگەردە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان يىرىڭلىق ئىششىق سايىسى كۆرۈلىدۇ. 

ئاقىۋىتى 

يىرىڭلىق جاراھەت ئېغىز ئېلىپ قورساق پەردىسىگە تەسىر قىلسا، قورساق پەردە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق ئۆت يوللىرىغا ئېغىز ئالسا، تەرەت يوللىرى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. 

(3) يىرىڭلىق ئىششىق قىزىلئۆڭگەچكە ئېغىز ئالسا قەي ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

(4) ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق قورساق دىۋارىنىڭ سىرتقى تەرىپىگە ئېغىز ئالسا، قورساق دىۋارىغا ئاقما پەيدا قىلىدۇ. 

(5) يىرىڭلىق ئىششىق قورساق بوشلۇقى، ئاشقازان، ئۈچەي، بۆرەك، كۆكرەك بوشلۇقى، يۈرەك قېپى قاتارلىقلارغا يېرىلسا، خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. جىگەر ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، جىگەر ياللۇغىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ. 

2. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

3. ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ھارارەت پەسەيتىش، جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تازىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

4. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغاندىمۇ كېسەللىك ياخشىلانمىسا ياكى كېسەللىك بىر قەدەر جىددىي بولسا ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا تۆۋەندىكى چارىلەر كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ قوللىنىلىدۇ. 

باسلىق تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ. 

ئەگەر قان ئېلىش مۇۋاپىق بولمىسا، يوتىغا قانلىق لوڭقا قويۇلىدۇ. 

قان خىلىتىنى سۇيۇلدۇرۇش مەقسىتىدە چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا~5030 مىللىلىتىردىن؛ لىمۇن شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن؛ ئالىقات شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن؛  ئەينۇلا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن؛ تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~50 30مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى سەندەل كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~100 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى نېلۇپەر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~100 80 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىچىشكە بولىدۇ. 

قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا تۆۋەندىكى قان تازىلىغۇچى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. 

ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا~10080 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10گرامدىن؛ مەتبۇخى ھېلىلە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 

شاھتەررە 25 گرام، گۈلبىنەپشە، كىشمىش ئۈزۈم 50 گرامدىن، ئەفتىمۇن 20 گرام، چىلان 50 گرام، تەرەنجىبىن 140 گرام، مامرانچىنى 15گرام، سەرسىل 27 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. 

سەپرا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، بابۇنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، كەرەپشە يىلتىزى، بەرەنجاسىپ، ئەفسەنتىن قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن ~75 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~80 60 مىللىلىتىردىن ~5 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازلىنىدۇ. 

ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تازىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسلەلىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. 

شومشا، زىغىر 30 گرام، ئەنجۈر ئىككى دانە، پىرسىياۋشان، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15 گرامدىن، پىننە 12 گرام، زۇپا، تاغ كۈدىسى ئالتە گرامدىن، ھەسەل 70 گرام، تاتلىق بادام يېغى ئالتە مىللىلىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە 1500 مىللىلىتىر قايناق سۇدا قاينىتىپ، 500 مىللىلىتىر قالغاندا سۈزۈپ، سۈيىگە ھەسەل ۋە بادام يېغىنى قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~30 50 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. 

ئەفسەنتىن رۇمى، موقەل، ئىكلىلىمىلىك، قىزىلگۈل، سۇمبۇل ئالتە گرامدىن، بابۇنە گۈلى، زىغىر بەش گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىتئۈزۈم ىسۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ زىماد تەييارلاپ جىگەر ساھەسىگە چېپىلىدۇ. 

ھەمىشىباھار ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى بەش مىللىلىتىر، قوغۇن ئۇرۇقى شىرىسى بەش مىللىلىتىر، سىركەنجىۋىل ساددە 100 مىللىلىتىر، ئەرقى كاسىنە 70 مىللىلىتىر ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 80 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بولىدۇ. 

ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~10080 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~100 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~100 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى نېلۇپەر كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~10080 مىللىلىتىردىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~50 30مىللىلىتىردىن؛ بىنەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ~50 30 مىللىلىتىردىن؛ دىنار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ~50 30 مىللىلىتىردىن؛ بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ~50 30 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، كەرەپشە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ~50 30 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 

يىرىڭلىق ئىششىق ئېغىز ئالغاندىن كېيىن تازىلاش، جاراھەت ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. 

يىرىڭلىق ئىششىق ئېغىز ئالغاندىن كېيىن تازىلاش مەقسىتىدە ئارپا سۈيى، قەنت سۈيى، ھەسەل ياكى سىركەنجىۋىل سۈيى ئىچىشكە بولىدۇ. 

جاراھەت ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە مەستىكى، كاسىنە ئۇرۇقى، گىل مەختۇم، گىل ئەرمىنى تۆت گرامدىن، كۈندۈر، خۇنسىياۋشان، كەرەپشە ئۇرۇقى، تاباشىر، قىزىلگۈل سەككىز گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ، سۈزۈپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 20 مىللىلىتىرنى 10 مىللىلىتىر سىركەنجىۋىل بۇزۇرى ياكى مائۇل ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ. 

ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئومۇمىي بەدەندە زەھەرلىنىش ئالامىتى كۆرۈلسە دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىپ، جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىدىكى يىرىڭنى ئېقىتىپ چىقىرىۋېتىش ۋە قورساق بوشلۇقىغا چۈشكەن يىرىڭنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندا، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىگەر ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە مەجۇنى دەبىدىلۋەرد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، ئامىلە نۇشدارى كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن، مەجۇنى داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، ئاچچىق-چۈچۈك، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە ۋە مايلىق، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 

2. ئاسان سەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن ئۈگرە، شويلا، شوۋىگۈرۈچ، شورپا، باچكا گۆشى، بېلىق گۆشى، يۇمغاقسۈت، كەرەپشە، ئۇسۇڭ، بېھى، ئەنجۈر، نەشپۈت، ئامۇت قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. 

3. كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، ئىسسىقتا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، جىددىيلىشىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، مايلىق غىدىقلىغۇچى، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە ھاراق ئىچىشتىن، تاماقنى بەك كۆپ يېيىشتىن، سۇيۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. 

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، مىقدارى ئاز، قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان، مايسىز يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=784

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#