بوستون شەھىرى

بوستون  ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ماسساچوسېتس شتاتىنىڭ مەركىزى، يېڭى ئەنگلىيە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. 

نامى بوستون
دۆلىتى ئامېرىكا قوشما شىتاتى
تەۋە رايون ئامېرىكا قوشما شىتاتى
خەنزۇچە نامى 波士顿
مەمۇرىي رايون شەكلى پايتەخت
چەتئەلچە نامى Boston

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوستون شەھىرىئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ماسساچوسېتس شتاتىنىڭ مەركىزى، يېڭى ئەنگلىيە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر چارلېس، مىستى دەريالىرىنىڭ بوستون قولتۇقىغا قۇيۇلۇش ئاغزىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 3 مىليون 898 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) . بوستون ئا ق ش نىڭ ئەڭ قەدىمىي پورت شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1630-يىلى قۇرۇلغان. ئۆز ۋاقتىدا ئەنگلىيىگە قارشى پائالىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. كونىشەھەر قىسمى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيە قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان. پورتنىڭ كۆلىمى چوڭ، سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، قىشتا سۈيى مۇزلىمايدۇ. ياۋروپا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن تۇرىدۇ. ئۈچ تارماق تۆمۈريول ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسملىرى بىلەن باغلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا نيۇيورك بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.

بوستون شەھىرىنىڭ تەرەققىياتلىرى ھازىر يېڭى ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم پۇل-مۇئامىلە، سودا-سانائەت مەركىزى، ئاتاقلىق بېلىقچىلىق ھەم قوي يۇڭى سودا بازىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق، تېرە-ىۇرۇم، ئاياغ كىيىم، كېمىسازلىق سانائەتلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يېڭىدىن ئېلېتكرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى سانائىتى، ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى، سۇلياۋ، خىمىيە قاتارلىق ھەرخىل سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#